يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە بوۋاقلار تەرلەپ كېتىدۇ ، بۇ چاغدانۇرغۇن ئاتا – ئانا بوۋاقنى ئۇپىلايدۇ ، ئەمما بالىلار كېسەللىك مۇتەخەسسىسلىرى ئۇپىنى مۇۋاپىق ئىشلەتمىگەندە ، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يىتىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى .
چۈنكى ئۇپىنىڭ تەركىبىدە تالىك پاراشوكى بولۇپ ، ئەگەر مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتسە ، تالىك پاراشوكى كېكىردەكنىڭ سىرتقى قەۋىتىدە ئاجرىلىپ چىققان نەرسىلەر بىلەن قېتىشىپ ، كاناي توكچىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى بۇزىدۇ ، ھەتتا كاناي توسۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا پەقەت ستېروئىد تۈرىدىكى دورىلارنى ئىشلىتىپ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىش كېرەك . شۇڭا ئاتا – ئانىلار ئۇپا ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك :
ئۇپىنى بالىلاردىن يىراق تۇتۇش ، ئىشلەتكەندە مۇۋاپىق مىقداردا ، ئاستا –ئاستا ئۇپىلاش ، توزۇتىۋەتمەسلىك كېرەك . ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ، ئاغزىنى ھىم ئېتىپ ساقلاش ، بالىلارغا بەرمەسلىك كېرەك . ئۇپىلىغاندا مىقدارىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.