تەتقىقاتچىلار 3245 ئەر ۋە 3317 ئايالنىڭ ئارخىپىنى يىغقاندىن كېيىن ، سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇنداق نەتىجىگە ئىگە بولدى : ‹‹ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان 98 ئەر بىلەن 40 ئايالنىڭ ھاراققا مۇناسىۋەتلىك كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقى دەلىللەندى ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 63 ىنىڭ ئانىسىنى ئەمگەن ۋاقتى بىر ئايغا يەتمەيدىغانلىقى ، قالغان 75 ىنىڭمۇ ئانىسىنى بىر ئايدىن كۆپرەك ئېمىپلا ئەمچەكتىن چىقىپ كەتكەنلىكى دىققىتىمىزنى تارتتى . بىز بۇ سانلىق ئاساسلارغا تاينىپ مۇنداق يەكۈن چىقاردۇق : ‹‹ ئانىسىنى ئېمىشتىن زىيادە بۇرۇن يالتايغان بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن ھاراققا بېرىلىش نىسبىتى ئەمچەكتىن نورمال ۋاقىتتا ئايرىلغان بالىلارغا قارىغاندا %65 يۇقىرى بولىدۇ››.
تەتقىقاتچىلار بۇ ھۆكۈمگە مۇنداق بىر نەچچە خىل چۈشەنچە بەردى : ‹‹ بوۋاقلار بىلەن ئانىسىنىڭ پىسخىك ۋە فىزىئولوگىيە جەھەتتىكى ئۇچرىشىشى قانچە قىسقا بولسا ، بالىنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن ھاراققا بېرىلىش ئېھتىماللىقى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ ؛ ئانا سۈتىنى ئېمىش ۋاقتىنىڭ قىسقا بولۇشى سەۋەبىدىن ، بالىدا قوبۇل قىلالايدىغان ھەر خىل ۋىتامىن بىلەن ئاقسىل فېرمېنتىنىڭ مىقدارى ئازىيىپ ، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ ›› .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.