مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1028 رەت   / مەنبە: -

ئوغۇز سۈت بولسا تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ كۆزى يورۇغاندىن كېيىنكى بەش كۈن ئىچىدە كەلگەن سۈت بولۇپ، سۇيۇق، ئاز بولىدۇ. تەركىبىدە كاروتىن بىر ئاز كۆپ بولغاچقا، سۇس سېرىق ھالەتتە بولىدۇ. بەزى ئانىلار بۇ سۈتنى پاكىز ئەمەس دەپ قاراپ، بالىغا بەرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە تۇغۇتتىن كېيىنكى بىرىنچى كۈندىكى سۈتنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، كېيىن سۈتتىكى ئاقسىل بارغانسېرى تۆۋەنلەيدۇ. تەخمىنەن تۇغۇتتىن كېيىنكى ئالتىنچى كۈنى سۈت تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى مۇقىملىشىشقا باشلايدۇ، ئوغۇز سۈتىدىكى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنىڭ تەركىبىدە باكتېرىيە، ۋىرۇس ۋە زەمبۇرۇغقا قارشى مادىلار بار. بولۇپمۇ ئىممۇنىتلاش خاراكتېرددىكى ئاقسىل ئەڭ يۇقىرى، ئۇ بالىنىڭ نەپەسلىنىش يولى ۋە ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىدىكى شىلىمشىق پەردىلەرنى قوغدايدۇ. ئوغۇز سۈت تەركىبىدىكى سۈت تۆمۈرلۈك ئاقسىلى باكتېرىيىلەرنىڭ ئالمىشىشى ۋە كۆپىيىشىنى توسۇيدۇ. ئوغۇز سۈتىدە يەنە مول بولغان لىمغا ھۈجەيرىلىرى، نېيتراللىق ھۈجەيرە ۋە قوشۇۋېلىش ھۈجەيرىسى بولۇپ، ئۇلار خىلمۇخىل مىكرو ماددىلارنى قوشۇۋالىدۇ ۋە يوقىتىدۇ. ئوغۇز سۈت يەنە بالىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، شۇڭا ئوغۇز سۈتنىڭ بىر تامچىسىنىمۇ زايە قىلىۋەتمەسلىك كېرەك. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.