مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1000 رەت   / مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

 1. قوغۇشۇن ، سىماب قاتارلىق مېتاللار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئاياللار . بۇنداق ئاياللار ھامىلدار بولسىمۇ ، بويىدىن ئاجراپ كېتىش ۋە ھامىلە ئۆلۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئېشىپ كېتىدۇ . سىماب ھامىلىنى غەيرىي يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ ، قوغۇشۇن بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ . گۇڭگۇرت تۆت ئوكسىدى ، كىسلېن ، فېنېل ، بېنزىن قاتارلىق ئورگانىك ماددىلار ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ .


 2 . يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق ، شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار . بۇنداق مۇھىت ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز .


 3. ئىئونىزاتسىئونلۇق رادىئاتسىيە تەتقىقاتى ، تېلېۋىزور ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەمدە داۋالاش ئورۇنلىرىدىكى رادىئاتسىيە نۇرى بار جايدا ئىشلەيدىغان ئاياللار . ئىئونىزاتسىئونلۇق رادىئاتسىيە ھامىلىنىڭ كۆرۈنمەس قاتىلى بولۇپ ، ھامىلىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ ، ھەتتا غەيرىي يېتىلىش ۋە ئۆلۈپ قېلىشتەك ئەھۋاللارنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .


 4 سېسترالار . بۇلار دائىم ھەر خىل ئاغرىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغاچقا ،  ھەر خىل كېسەللىك ۋىرۇسلىرى ئۇلارغا ئەڭ يېقىن بولىدۇ . بەزى ۋىرۇسلار ھامىلىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ .


 5. نۇرغۇن دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئاياللار ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈپ ، بويىدىن ئاجراش ، ھامىلە غەيرىي يېتىلىشپ قېلىش ، ھامىلىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز تۇغۇلۇشتەك ئەھۋللارغا سەۋەبچى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى . دېھقان ئاياللارمۇ بۇ جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.