مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 743 رەت   / مەنبە: -

ئەنگىلىيەدىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى : بالىلار يانفون ئىشلەتسە ، ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىدۇ ، ئۇيقۇسى ياخشى بولمايدۇ ۋە باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرى كېلىپ چىقىدۇ ، چۈنكى بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز ، شۇنداقلا ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولىدۇ . 

   تەتقىقاتچىلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى : ئەڭ چوڭ خەتەر — يانفوننىڭ ئىنتايىن تۆۋەن دەرىجىدىكى رادىياتسىيىسى . بالىلارنىڭ چوڭ مېڭە سۆڭىكى كىچىك . مېڭە قېپى نېپىز ، شۇڭا ھەر قانداق تۆۋەن دەرىجىدىكى رادىياتسىيە چوڭ مېڭىگە ئاسانلا زىيان سالىدۇ . يانفون چىقارغان مىكرو دولقۇننىڭ تەسىرى ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، نېرۋا سىستېمىسىغا ئېغىر زىيان سالىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن باش ئاغرىقى ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىش ۋە ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى پەيدا بولىدۇ .  


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.