مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 759 رەت   / مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

تېببىي ئىلىمدە بەش ياشتىن ئاشقان بالىلارنىڭ ئادەتتە يوتقىنىغا سىيىپ قويۇشىنى سىيگەكلىك كېسىلى ، دەپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ . كۆپ ساندىكى سۈيدۈكىنى تۇتالمايدىغان بالىلار پۈتۈن بەدەنلىك تەكشۈرتكەندە نورمال بولۇپ ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى بالىلاردىلا يوشۇرۇن خاراكتېرلىك ئومۇرتقا تۈۋرۈكى يېرىلىش ، دوۋساق بىر ئاز كىچىكرەك بولۇش ، ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئاستا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ، شۇڭا بالىلارنىڭ ئورنىغا سىيىپ قويۇشنى ئېغىر كېسەللىك دېيىشكە بولمايدۇ . لىكىن ئورنىغا سىيىپ قويىدىغان بالىلاردا ئېغىر پىسخىك بېسىم پەيدا بولىدۇ . 

   بالىلار ئورنىغا سىيىپ قويغاندا ، ئاتا–ئانىلار ئېغىر بېسىقلىق بىلەن بالىلارنىڭ يوتقان–كۆرپىلىرىنى رەتلەشكە ياردەم بېرىشى كېرەك . لېكىن ئۇلارنى سىيىپ قويۇپسەن دەپ ئەيىپلەشكە بولمايدۇ . چۈنكى بۇنداق چاغدا بالىلار باشقىلارنىڭ چۈشۈنىشىگە ۋە كۆيۈنۈشىگە تولىمۇ مۇھتاج . 

   مۇۋاپىق ھالدا بالىلارنى قەرەللىك سىيىشنى مەشىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ سىيىپ قويۇشىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ . يەنى كۈندۈزى ئائىلىدىكى چاغدا ، بالىلارغا كۆپ مىقداردا قايناق سۇ ئىچكۈزۈپ ، ھاجەتخانىغا كىرىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ ، دوۋساقنىڭ سۈيدۈك ساقلاش ۋە سۈيدۈكنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى مەشىقلەندۈرۈش كېرەك . ئورنىغا سىيىپ قويىدىغان بالىلارغا قەھۋە بولغان ئىچىملىكلەرنى ئىچۈرۈشكە ، بولۇپمۇ چۈشتىن كېيىن ئىچۈرۈشكە قەتئىي بولمايدۇ . 

    كۆپ ساندىكى بالىلارنىڭ ئورنىغا سىيىپ قويۇش ئادىتى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۈگەپ كېتىدۇ . بىراق بالىلاردا تۇيۇقسىز ئورنىغا سىيىپ قويۇش بىلەن باشقا كېسەللىك ئالامىتى بىللە كۆرۈلسە ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىپ داۋالىتىپ بىر قىسىم كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك . ئەگەر بالىلار كېچىسى سىيىپ قويۇشنى ئالتە ئاي كونتورل قىلغاندىن كېيىن ، تۇيۇقسىز يەنە سىيىپ قويۇش كېسىلى قايتا قوزغىلىپ قالسا ، ھەتتا كۈندۈزىمۇ كىيىمىگە سىيىپ قويسا ، بالىلاردا ئائىلىدىكى ۋە مەكتەپتىكى ئىپادىسى غەلىتە بولىدۇ . بالىلار سىيىدىغان ۋاقتىدا ئاغرىش ، دائىم سىيگۈسى كەلگەندەك بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ . روشەن ھالدا كۆپ مىقداردا قايناق سۇ ئىچىش ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ، پۇت قىسمى ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . بۇنداق چاغدا تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرتۈپ ، پىسخىك ۋە فىزىئولوگىيەلىك جەھەتتىكى نورمالسىزلىقنى تۈگىتىپ ، سۈيدۈك يولىنىڭ ياللۇغلىنىپ قېلىشى ۋە دىئابىت قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.