مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 730 رەت   / مەنبە: -

ئەتىگەنلىك ناشتىغا سەل قاراش : تەتقىقاتتىن ئىسپاتلىنىشچە ، ئادەتتە ئەتىگەنلىك ناشتىدا يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر بىلەن غىزالىنىدىغان بالىلارنىڭ دەرس ۋاقتىدىكى ئەڭ ياخشى تەپەككۇر قىلىش ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزاق بولىدىكەن . ئەتىگەنلىك ناشتىدا قۇۋۋەتسىز تاماق بىلەن غىزالانغان ياكى تاماق يېمىگەن بالىلارنىڭ تەپەككۇر پائالىيىتى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدىكەن . بالىلار ئۇزاق مۇددەت ئەتىگەنلىك تاماق يېمىسە ، چوڭ مېڭىنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىشى زور دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچراپ ، بالىلاردا ئەقلىي تەپەككۇر قىلىشنىڭ ئاستىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدىكەن . 

   تاماق تاللاش : بالىلار ئۆسۈۋاتقان مەزگىلدە تۇرغاچقا ، بىر نەچچە خىل تاماقنى ئۇراق ئىستېمال قىلىۋەرسە ، چوڭ مېڭىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدىكەن . 

   چاچنى ئۆستۈرۈۋېلىش : ئادەم چېچىغا كېرەكلىك ئوزۇقلۇقنىڭ ھەممىسى باش قىسىمىدىن كېلىدۇ ، لېكىن ئادەتتىكى ئەھۋالدا بەدەننىڭ مېڭىگە ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىشى چەكلىك بولىدۇ . شۇڭا چاچ بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە ، ئوزۇقلۇق كۆپلەپ خوراپ كېتىپ ، مېڭىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ، مېڭىنىڭ نورمال پائالىيەتلىرى تەسىرگە ئۇچراپ ، ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ . 

   ئۇزاق مەزگىل قەۋزىيەت بولۇش : چوڭ تەرەتنىڭ ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە زەھەرلىك ماددىلارنى پەيدا قىلىدۇ . بۇ زەھەرلىك ماددىلار جىگەرنىڭ زەھەرسىزلەندۈرۈش كۈچىدىن ئېشىپ كەتكەندە ، ئارتۇق قىسمى قان ئايلىنىش ئارقىلىق بەدەنگە تارقىلىپ چوڭ مېڭىگە كىرگەن زەھەر مەركىزىي نېرۋىنى زەھەرلەپ ، چوڭ مېڭىنىڭ پوستلاق قەۋىتىنىڭ نورمال پائالىيەتلىرىگە دەخلى يەتكۈزۈپ ، تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ . 

مەددە قۇرتنىڭ تەسىرى : ئەنگىلىيە ئالىملىرى يېقىندا مەددە قۇرتنىڭ بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان . ئۇلار مەددە قۇرت بالىلارنىڭ قىسقا ۋاقىتلىق ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ، ئەسلەش ، ئاڭلاش ۋە تېز ئوقۇش ئىقتىدارىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان . 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.