ئىتالىيەلىك تەتقىقاتچىلار يەتتە ياشتىن 10 ياشقىچە بولغان 169 ئاغرىق بالىنى ئىختىيارىي ھالدا ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈپ داۋالىغان ، 1–گۇرۇپپىدىكى بالىلارنى داۋالاش داۋامىدا بالىلارنىڭ دىققىتىنى چېچىۋېتىش تەدبىرىنى قوللانمىغان ، 2–گۇرۇپپىدىكى بالىلار ئانىسىنىڭ پەرۋىش قىلىشى ئارقىسىدا كېسەلدىن ساقايغان ، 3 – گۇرۇپپىدىكى بالىلار داۋالىنىش داۋامىدا توختىماي كارتون فىلىم كۆرگەن . نەتىجىدە 1–گۇرۇپپىدىكى بالىلاردا ئاغرىش سەزگۈسى 3–گۇرۇپپىدىكى كارتون فىلىمى كۆرگەنلەرنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولغان ؛ 2–گۇرۇپپىدىكى بالىلاردا ئاغرىش سەزگۈسى گەرچە 1–گۇرۇپپىدىكى بالىلارنىڭكىدەك ئېغىر بولمىغان بولسىمۇ ، لېكىن كارتون فىلىمى كۆرگەن بالىلارنىڭكىدىن خېلىلا كۈچلۈك بولغان .
نېمىشقا مۇنداق نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ؟ تەتقىقاتچىلەر بۇ سۇئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى : بۇ پۈتۈنلەي ئاغرىق بالىلارنىڭ دىققىتىنى چېچىش تەدبىرى بەرگەن . نەتىجىدە ، داۋالاش داۋامىدا بالىلار چوقۇم قورقىدۇ ، ئاغرىق ھېس قىلىدۇ ۋە كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ ، شۇڭا دوختۇر ۋە سېستىرالار چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ دىققىتىنى چېچىش تەدبىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك . بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ، بالىلارنىڭ يېنىدا ئاتا–ئانىلارنى تۇرغۇزۇش ، داۋالاش ئۆيىگە تېلېۋىزور ئورنىتىپ كارتون فىلىملىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي بېرىش ، ئەڭ ياخشىسى كومېدىيەلىك فىلىملەرنى قويۇش ياخشى چارە .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.