ئۆسمە كېسىلى ئاغرىقلىرى ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىپ ، زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشى كېرەك . چۈنكى ، بۇنداق يېمەكلىكلەر ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئويغىتىدۇ . ياپونىيە ئالىملىرى زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، ئۇلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى رادىياتسىيەگە قارشى تۇرۇش ۋە راكقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بارلىقىنى بايقىغان . مېھرىگىياھ ، موگۇ ، قېرىنقۇلاق ، ئاق مور قاتارلىق زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى جۇڭگوچە دورا ۋە يېمەكلىكلەر ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قوغداشتا ياخشى ئىقتىدارغا ئىگە .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.