مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 913 رەت   / مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

ھامىلدارلار : سول تەرەپنى بېسىپ ياتسا ئەڭ ياخشى ، لېكىن ئوڭدا ياتسا بولمايدۇ . 

   تۇغۇتلۇقلار : ئەڭ ياخشىسى دائىم دۈم يېتىشى كېرەك ، مۇشۇنداق قىلىش نىپاس خۇننىڭ چىقىپ كېتىشىگە پايدىلىق . 

   بوۋاق بالىلار: ئوڭ ۋە سول تەرەپنى بېسىپ ھەم ئوڭدىسىغا يېتىشى كېرەك . دائىم بىر تەرەپنى بېسىپ يېتىشقا ياكى دۈم يېتىشقا بولمايدۇ . 

   خورەكچىلەر : يانتۇ يېتىشى كېرەك . 

   ئۆتىدە تاش بارلار : سول تەرەپنى بېسىپ ياتسا ناھايتى ياخشى . 

   جىگەر كېسىلى بارلار: سول تەرەپنى بېسىپ ياتسا ناھايتى ياخشى . لېكىن ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ياتماسلىقى كېرەك . 

   ئاشقازان–ئۈچەي كېسىلى بارلار: سول تەرەپنى بېسىپ ياتسا پايدىلىق . 

   بۆرەك كېسىلى بارلار: بەدىنىنى ئوڭغا ياكى سولغا سەل ئىگىپ يېتىشى كېرەك . 

    ئۆپكە ھاۋالىق ئىشىقى بارلار: ياستۇقنى ئىگىز قويۇپ ئىككى قولىنى يۇقىرىغا سەل سۇزۇپ ئوڭدىسىغا يېتىشى كېرەك . 

   يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك كېسىلى بارلار: ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ياتسا ناھايتى ياخشى . لېكىن ، دۈم ياتسا ياكى سول تەرەپنى بېسىپ ياتسا ھەرگىز بولمايدۇ . كۆكرەك بېسىلىپ قېلىپ يۈرەك سانجىقى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، ئۇخلىغاندا قولنى مەيدىسىگە ئېلىپ ياتماسلىقى كېرەك . 

   ئادەتتە ياستۇقنى ئېگىز قويۇپ ئۇخلاش ئاسانلا بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ يەڭگىل بولغاندا بېشى قايىدۇ ۋە ئاغرىيدۇ . بويۇن، مۈرە ، بىلەك ۋە قولنىڭ بارماقلىرى ئۇيۇشۇپ قالىدۇ . ئېغىر بولغاندا پۇت–قولى پالەچلىنىپ قالىدۇ .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.