مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 769 رەت   / مەنبە: -

بەزى بالىلار سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەندىن كېيىن تېرىسى قىچىشىدۇ ياكى ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ . چۈنكى ئىچىملىك تەركىبىدىكى (بولۇپمۇ مەخسۇس بالىلار ئىچىملىكىدە) قەنت ، مۇئەتتەر ، پېگمېنت ، ئاقسىل ، ساخارىد ۋە ھەر خىل مېۋە سۈيى قاتارلىقلار بولۇپ ، بۇ ماددىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئادەم بەدىنىدە ئاسانلا سەزگۈرلۈك پەيدا قىلىدۇ . مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن بايقىلىشچە ، ئۈچتىن بىر قىسىم بالىلار ئىچىملىك ئىچسە ، ھەر خىل تېرە سەزگۈرلۈك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن ، ئىرسىيەت خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى ۋە ھۆل تەمرەتكە بار بالىلارنىڭ %9 دە تېرە سەزگۈرلۈك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن . ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە ، بىر قىسىم بالىلارنىڭ تېرە سەزگۈرلۈكى (تېرە كېسىلى) ياز پەسلىدە ياخشى ساقىيالمايدىكەن . بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ، سوغۇق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچىشتىن بولىدىكەن ، شۇڭا تېرە كېسىلى بار بالىلار سوغۇق ئىچىملىك ئىچمەسلىكى ، تېرىسى ساغلام بالىلارمۇ ئاز ئىچىشى كېرەك ئىكەن .

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.