ناھايىتى كۆپلىگەن ئاياللار ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى دائىم دوختۇرىدىن «ھامىلىدارلىقتىن كېيىن بەدىنىمدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟ بالا تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن مېنىڭ بەدىنىم ئىلگىرىكى ھالەتكە قايتىپ كېلەمدۇ؟» دەپ سورىشىدۇ. شۇنى كېسىپ ئېيتىمىزكى، ئانا سۈتى بالىنى بېقىش ۋە تۇغۇتتىن كېيىن بەدەننىڭ ئەڭ تېز، ئەڭ مۇۋاپىق ئەڭ ياخشى سۈرئەتتە ياخشىلىنىشىدىكى ئۇسۇل. بالىنى ئېمىتىش تۇغۇتنى تېزلىتىدىغان ئېلېمېنتلارنىڭ ئاجرىتىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۇ بالىياتقۇنىڭ تارىيىشىدىكى «مەخپىي قورال» بولۇپ، بالىياتقۇنىڭ تارىيىشىنىڭ، ناھايىتى تېزلىكتە تۇغۇتتىن بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىشىنى تېزلىتىدۇ شۇنداقلا تۇغۇتتىن كېيىن قان كېلىش ۋە داس سۆڭەك بوشلۇقىغا قان تولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.