بىئولوگلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ پۇراش سەزگۈسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ ، تۇغۇلۇپ 50 سائەتتىن كېيىن تۈرلۈك پۇراقلارغا قارىتا فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدە ئىنكاس قايتۇرالايدىكەن . مەسلەن ، نەپەسلىنىشى ، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش ، پۇت – قولىنى توختىماي مىدىرلىتىش قاتارلىقلار . ئانىدىكى پۇراقنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى ناھايتى چوڭ . ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق باش قىسمىنى ئۆز ئانىسىنىڭ پۇرىقى كەلگەن تەرەپكە بۇرايدۇ ھەمدە ئانىسىنى كۆرگەن ھامان شوخلىشىپ ، ئىشتىھاسى ئېچىلىدۇ . ئېمىتىۋاتقان بالا ئەگەر باشقا يات ئايالنىڭ قولىدا بولسا ، تىركىشىش ، يىغلاش ، مىدىرلاش ، ھەتتا ئەمگىلى ئۇنىماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ . شۇڭا بالا ئېىتىۋاتقان ئايال قېنىق گىرىم قىلسا ، گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ قۇيۇق پۇرىقى ئۆزىدە بار بولغان پۇراقلارنى بېسىپ كېتىپ ، بوۋاق ئۆزەمنىڭ ئانىسى ئەمەسكەن دەپ تونۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بوۋاقنىڭ نورمال ئېمىش ، دەم ئېلىش ، ھەرىكەتلىنىش قانۇنىيىتىگە ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.