ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۆيۈنۈشى شۇنداقلا ھامىلىنى ياسىغۇچى ھورمۇنلارنىڭ رولى تۈپەيلىدىن، بولغۇسى ئانىلاردا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئارتۇقچە ماي توپلىنىپ قالىدۇ. بۇ تۇغۇتتىن كېيىنكى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى ۋاقىتقا ئوخشاش ئەسلىگە كەلمەسلىكنىڭ سەۋەبى. تەييار سۈت بىلەن بالا باقىدىغان ئانىلار بۇ مايلارنى ئازايتىش ئۈچۈن، يېمەك-ئىچمەكنى تىزگىنلىمەكچى بولىدۇ، ئانا سۈتى بىلەن بالا باقىدىغان ئانىلار يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا، بەدەن ئېغىرلىقى تەبئىي يېنىكلەپ كېتىدۇ. چۈنكى 800-900 مىللىلىتىر سۈت ئۈچۈن 600-700 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق سەرپ قىلىدۇ، مۇشۇ ئۇسۇل ساغرا ۋە بەلدىكى كىشىنى بىزار قىلىدىغان مايلارنى ئاستا-ئاستا يوق قىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.