نۆۋەتتە تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ۋاقتى بارغانسىرى قىسقىراۋاتىدۇ . ھاۋا ئىسسىق ياز كۈنلىرى بوۋاقلارنىڭ ئانا سۈتى ياكى سۈت پاراشوكىغا بولغان ئېھتىياجى ئاشىدۇ . ھازىر ئاتا - ئانىلار بوۋاقلىرىغا ھەرخىل سۈت پاراشوكلىرىنى ئىچۈرىدىغان بولدى . سۈت پاراشوكىنى خالىغانچە ، تېز ئالماشتۇرۇش بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، نورمال ئۈسۈپ يېتىلىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ .
مۇخبىرنىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمىدىكى پەرىدە ئىمىندىن ئىگەللىشىچە ، نۇرغۇن ئانىلاردا بوۋاققا ھەرخىل سۈت پاراشوكىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىش ئوزۇقلۇق تۇلۇقلاشقا پايدىلىق ، سۈت پاراشوكىنى قۇيۇق تەڭشەش بوۋاققا تېخىمۇ قۇۋۋەت بولىدۇ دەيدىغان خاتا چۈشەنچە بار ئىكەن . ئەمەلىيەتتە ، قىسقا ۋاقىتتىلا مەلۇم خىل سۈتنى يەنە بىر تۈردىكىگە ئالماشتۇرۇش ، قۇيۇق تەڭشەپ بېرىش بوۋاقنىڭ ئوزۇقلۇقىنى تەڭشىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرستىپ ، ئاستا خارەكتىرلىك ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . شۇڭلاشقا بوۋاقلار ئالتە ئايلىقتىن بىر ياشقا كىرگۈچە بىرخىل سۈت پاراشوكىنى ئىشلىتش ، ئالماشتۇرۇش توغرا كەلگەندە يېڭىدىن ئالماشتۇرغان سۈت پاراشوكىنىڭ مىقدارى ھەم قېتىم سانىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك ئىكەن .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.