بوۋاقلارنى بەك كىچىك ئولتۇرغۇزسا ياكى ئولتۇرغان ۋاقتى ئۇزۇن بولسا ۋە بوۋاقنىڭ ئولتۇرۇش قىياپىتى توغرا بولمىسا ، بالىلار ئومۇرتقا تۈۋرۈكى قىڭغىر بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم :
1. بوۋاقنى بەك كىچىك ئولتۇرغۇزماسلىق كېرەك . ئادەتتە بوۋاقلار ئالتە ئايلىق بولغاندا ئولتۇرۇشنى ئۆگىنىۋالىدۇ . بىراق بەزى ئاتا–ئانىلار بوۋاقنى ئۈچ –تۆت ئايلىق بولغاندا بوۋاقنى يوتقان –كۆرپىلەرگە ئوراپ ئولتۇرغۇزۇپ قويىدۇ ، ۋاقىت ئۇزارسا بوۋاقلار ئولتۇرۇپ ئۇخلايدۇ ، بۇ خىل ھالەت ئۇزاق داۋاملاشسا ، ئومۈرتقا تۈۋرۈكى ئاسانلا قىڭىر بولۇپ قالىدۇ .
2 . بوۋاقلار ۋە مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ئولتۇرۇش قىياپىتىنى توغرىلاڭ . ئۈستەلدە خەت يازغان ، كىتاب كۆرگەندە ، بەدەن قىياپىتى ۋە ئورۇندۇق بىلەن شىرەنىڭ ئېگىز –پەسلىكى ماسلاشقان بولۇش كېرەك .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.