مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 927 رەت   / مەنبە: -

ئانىلارنىڭ ھەممىسى بالا قورساقتىن چۈشكەندىن كېيىن نېمە ئۈچۈن سۈت كېلىدىغانلىقىغا قىزىقىدۇ، بۇ خىل مۆجىزە تەڭرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئانا سۈتىنىڭ پەيدا بولۇشىنى چۈشىنىش ئانىلارغا بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە ياردىمى بولىدۇ. ئانا سۈتى سۈت بېزى ھۈجەيرىلىرى ئاجراتقان ئاجرالمىلاردىن ئىبارەت. ھامىلىدار مەزگىلدە ئەمچەك تۇغۇتتىن كېيىنكى سۈت ئاجرىتىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا تېنىدىكى خىلمۇخىل ھورمۇنلارنىڭ سەۋىيىسىدە  ئۆزگىرىش بولۇپ، سۈت بېزى ھۈجەيرىلىرى سۈتنىڭ غىدىقلىنىشىنى يۇقىرى دەرىجىدە تېزلىتىپ تارىيىدۇ،  شۇنداقلا سۈت قاتلاممۇ قاتلام كىرىپ، ئەمچەك توپچىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىدۇ. بوۋاق ئەمگەندە يەنە مۇھىم بىر خىل رېفلېكس ھاسىل قىلىپ ئانا تېنىدە تېخىمۇ كۆپ سۈت كەلتۈرگۈچى ھورمۇنلارنى شەكىللەندۈرۈپ، سۈت ئاجرىلىپ چىقىشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ ئانىنىڭ سۈتى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.