بالا ئانىنىڭ قورسىقىدا كېچە–كۈندۈز دەپ ئايرىمىغاچقا ، تۇغۇلغاندىن كېيىن مۇھىتقا كۆنەلمىگەنلىكى ھەم ماسلىشىپ ئۇخلاش ئادىتىنى شەكىللەندۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن كېچە–كۈندۈز دېمەي ئۇخلايدۇ . بەزى بوۋاقلار كۈندۈزى ئۇخلاپ ، كېچىسى يىغلاپ ئۇخلىمايدۇ . بۇنداق چاغدا ئاتا – ئانىلار بالىلارنى كۈندۈزى قەستەن ئۇخلاتماسلىقىياكى ئاز ئۇخلىتىشى زۆرۈر . كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق : كۈندۈزى بوۋاقنى ئاز ئەمدۈرۈپ ، ئۇنى يېرىم ئاچ قويۇش ، تاپىنىنى غىدىقلاش ، قۇلىقىنى ئۇۋۇلاش ، بۇرنىنى چىمدىش ئارقىلىق بوۋاقنى قانغۇدەك ئۇخلاتماي كۆندۈرۈش لازىم . بۇ ئىشلار بىر قانچە كۈن داۋاملاشسا ، بوۋاق تەبئىيلا كېچىسى ئۇخلايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرىدۇ .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.