مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 845 رەت   / مەنبە: -

ئانا سۈتى ئوزۇقلۇق مىقدارىنىڭ كۆپلۈكى ، بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئەڭ مۇكەممەل يېمەكلىك ئىكەنلىكى بىزگە ئايان ، بۇنىڭغا ھەممىمىز چىن پۇتىمىز ، بىراق تەتقىقاتچىلار يېقىندا مۇنداق دېيىشىتى : مۇھىت بۇلغىنىش پەيدا قىلغان زەنجىرسىمان تەسىرنىڭ سەۋەبىدىن ، ئانا سۈتى تەركىبىدىكى راك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغان تەركىبلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىگە ئىشىنىشكە تامامەن بولىدۇ . مەسلەن : بۈگۈنكى كۈندە ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدە پولى ھىدرودېفۇل دەپ ئاتىلىدىغان زەھەرلىك ماددا كۆپىيىپ قالدى ، بۇ خىل ماددا ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان نۇرغۇن تۇرمۇش بۇيۇمىدا مەۋجۇت . پولى ھىدرودېفۇل بىر خىل راك ھۈجەيرىسى پەيدا قىلىدىغان ، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان خىمىيەلىك ماددا بولۇپ ، ئادەتتە خىمىيە سانائىتى ساھەسى تاشلىۋەتكەن كېرەكسىز بۇيۇملار بىلەن ئورگانىك دېھقانچىلىق دورىلىرىدا كۆپ بولىدۇ . ئادەم بۇ خىل زەھەرلىك ماددا بىلەن يۇقۇملانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ماكانى ئادەمنىڭ ۋۇجۇدى بولىدۇ . 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.