مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 749 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كورېيە بالىلار بۆلۈمى مۇتەخەسسىسلىرى ئۆسۈش مەزگىلىدىكى بالىلارنىڭ ھەر كۈنى كېرىلىپ بەرسە، بەدەندىكى بىر قىسىم يوشۇرۇن كۈچ قوزغىتىلىپ، بويىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

   نورمال قىياپەت بەدەن ئېغىرلىقى پەيدا قىلغان بېسىمنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئومۇرتقا سۆڭىكى قىسىلىش سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان بويى پاكار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن، شۇڭا تىك ئولتۇرۇشقا ئادەتلىنىش، دائىم يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش، ئۆرە تۇرغاندا پۈتكۈل ئېغىرلىقنى بىرلا پۇتقا چۈشۈرۈشتىن ساقلىنىش قاتارلىقلار بالىلار بويىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بەدەننى تولۇق سوزۇپ بېرىش، مۇسكۇللارنى بوشىتىش قاتارلىقلارمۇ بوينىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. بەدەننى سوزۇپ بېرىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى دائىم كېرىلىپ بېرىش ئىكەن. شۇڭا بالىلار ئەتىگىنى ئويغانغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇشقا ئالدىرىماي، ياتقان ھالىتىدە پۇت - قول، بىلەكلىرىنى سوزۇپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇرغاندا ھەم ئۇلاردا بۇ ئادەتنى يېتىلدۈرگەندە، بويىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغىلى بولىدىكەن.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.