كۆپلىگەن ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ تەتقىقاتىدا قارىشىچە، بالا تۆت-ئالتە ئايلىق بولغان ۋاقىت قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت. ئۇنىڭ ئالدىدا (تۆت ئايلىق بولۇشتىن ئىلگىرى) بالىغا قاتتىق نەرسىلەرنى بەرمەسلىك كېرەك، بۇ ۋاقىت بالىنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن ۋاقىت بولۇپ، ئۇنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرى ۋە بۆرەك جىگەر يوللىرى كۆتۈرەلمەيدۇ. نۆۋەتتە، خەلقئارا بالىلار ساغلاملىقى مۇتەخەسىسلىرى بالا تۆت ئايلىق بولۇشتىن ئىلگىرى ئەڭ ياخشىسى ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى، باشقا نەرسىلەرنى بەرمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. تۆت ئايلىقتىن ئالتە ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرى، نېرۋا سىستېمىسى قاتارلىق ئورۇنلار ھەر جەھەتتىن يېتىلىپ بولىدۇ ھەم بوۋاقمۇ بارغانسېرى چوڭىيىدۇ. ئۇنىڭ ھەرىكىتىمۇ كۆپىيىدۇ، ئىسسىقلىق ۋە ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. پەقەت ئانا سۈتىگىلا تايىنىپ قالغاندا، ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولماي قالىدۇ. بۇ ۋاقىت دەل، قوشۇمچە يېمەكلىكنى بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.