بالا بالدۇر تۇغۇلغانىكەن، تۇغۇلۇشى بىلەنلا ئانىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئەينەك ئىچىدە تۇرىدۇ. كۆزىنى ئاچمىغان، چاچلىرى شالاڭ ھالەتتە ئىسسىق ساقلاش ساندۇقىدا ياتقان بالىڭىزغا قارىغاندا، ئانىنىڭ ناھايىتى ئىچى ئاغرىپ، ئۇنى ئېمىتكۈسى كېلىپ كېتىدۇ. بۇنداق بالىلارنى ئېمىتسە بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ. ئانا سۈتى تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىدا بالدۇر تۇغۇلغان بالىلارغا نىسبەتەن گۆھەر بولۇپ، يامان خاراكتېرلىك كىچىك ئۈچەي، بوغماق ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.