بوۋاقلارنىڭ سۈت ياندۇرۇشى ئۇلارنىڭ ئاناتومىيلىك ئالاھىدىلىكى ۋە مۇۋاپىق ئېمىتلىمىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،بۇ،كېسەللىك ھادىسى ئەمەس،بوۋاقلارنىڭ ئاشقازاىنى قوساقنىڭ سول تەرەپ يۇقىرىقى قىسمدا تەكشى بولۇپ،ئاشقازان كىرىش ئېغىزى مۇسكۇللىرىنىڭ تەرەققىياتى تېخى مۇكەممەللەشمىگەن بولىدۇ،شۇڭلاشقا ئاشقازان كىرىش ئىشكى بوش بولىدۇ.ئاشقازان سىغىمچانلىقى كىچىك،ئاشقازان مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىش كۈچى ئاجىز،نېرۋا تەرەققىياتى يېتىلمىگەن بولىدۇ.بوۋاق سۈت ئېمىش جەريانىدا كۆپلەپ ھاۋانى سۈت بىلەن بىللە يۇتقاندىن كېيىن،ئەگەر بالىنىڭ تۇرۇش ھالىتى سەللا ئۆزگەرسە ئاشقازاندىكى نەرسىلەر ھاۋا بىلەن بىرگە يۇقىرى ئۆرلەپ سۈت ياندۇرىدۇ.بوۋاقنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ سۈت ياندۇرۇش ئاستا – ئاستا قېلىپ قالىدۇ،تۆت ئايلىقتىن كېيىن سۈت ياندۇرۇش ئاز ئۇچلايدۇ.دېمەك سۈت ياندۇرۇش فىزىئولوگىيلىك ھادىسە بولۇپ،بالىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتمەيدۇ.لىكىن چۇقۇم كېسەللىك بىلەن قۇسۇشتىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك.ئەگەر سۈت ياندۇرۇش قېتىم سانى ۋە قۇسۇش مىقدارى كۆپ بولۇپ،كېسەللىك ئەھۋالىدىن گۇمان تۇغۇلسا ئۆز ۋاقتىدا دوختۇرغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش،داۋالىتىش لازىم.
بوۋاقلاردىكى سۈت ياندۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈملۈك چارە-مۇۋاپىق ئۇزۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش،بالىنى سۈتكە بەكمۇ تويغۇزۇۋەتمەسلىك،سۈت بىلەن بىللە ھاۋانىڭ كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش لازىم.بالىغا سۈت ئەمگۈزۈشتە ئانچىۋالا ئالدىرىماسلىق،ئەگەر سۈت بەك كۆپ بولسا ئەمچەكنى چېتىدىن ئوتتۇرسىغا قارىتىپ سەل بېسىپ سۈتنى ئازايتىش لازىم.ئەگەر بوۋاقنى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئېمىزگە بىلەن ئېمىتكەن بولسا ئېمىزگە تۈگمىسىگە سۈت تۇلۇق تولۇشى،ئىچىدە ھاۋا بولماسلىقى كېرەك.ئېمىتكەندىن كېيىن بوۋاقنىڭ بېشىنى ئېگىز قىلىپ قىيپاش كۆتۈرۈپ دۈمبىسىگە بوش – بوش پەپىلەپ ئۇرۇپ بەرسە ئاشقازاندىكى ھاۋا چىقىپ كېتىدۇ.بوۋاقنى ياتقۇزغاندا بېشىنى سەل ئېگىزرەك قويۇپ (بوۋاقنىڭ ياستۇقى ئۆز مۇشتىنىڭ ئېگىزلىكىدەك بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ ) ئوڭ تەرىپى بويىچە ياتقۇزۇش كېرەك.ئانىلار توغرا ئېمىتىش ئۇسۇلىنى ئىگەللىۋالغاندا سۈت ياندۇرۇشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.