بالا كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، بۇ ناتونۇش دۇنيانى كۆزىتىپ، ئەگەر تونۇش چىراي تاپالمىسا قاتتىق يىغلايدۇ. ئاپىسىنىڭ قۇچىقىدىكى چاغدا بولسا، ئاپىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقىتقا ئوخشاش تۇيغۇنى ھېس قىلىپ تىنىچلىنىدۇ. چۈنكى ئانىنىڭ قۇچىقى ئۇنىڭغا بىخەتەرلىك يۇيغۇسىنى بېرىدۇ. «مەن ئاپام بىلەن ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىمەن» گەرچە بالا سۆزلەشنى بىلمىسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەت ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەگەر قاتتىق يىغلىغان بولسا، ئانا دەرھال كۆڭلىنى ياساپ ئەركىلىتىدۇ. قورسىقى ئاچقان بولسا ئېمىتىدۇ. قىسقىسى ئانا باغرى بالىنىڭ ئەڭ بىخەتەر، راھەت رايونى.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.