مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 837 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلى

شالۋاقنى ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئۈچ شالۋاق بېزى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. شالۋاقنىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش، مىكروب ئۆلتۈرۈشتەك روللىرى بار. لېكىن بوۋاقلارنىڭ مېڭىسى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغاچقا شالۋىقىنى كونترول قىلىشى ئاجىز بولىدۇ ۋە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ سىغىمچانلىقى كىچىك، يۇتۇش، تەڭشەش رولى ناچار بولغانلىقتىن ئاغزىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىپ قالىدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بۇخىل ئەھۋال ئۆزلىكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. بىراق سۈت چىشى چىقىدىغان چاغدا شالۋاق بېزى غىدىقلانغانلىقتىن شالۋاق ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارى ۋاقىتلىق ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال ئەھۋال. لېكىن بەزى كېسەللىكلەر مەسىلەن، ھەر خىل سەۋەبتىن بولغان ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى، تىل ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، قالقانسىمان بەز ياللۇغى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغاندىمۇ شالۋاق ئاقىدۇ، كېسەل ساقايغاندىن كېيىن شالۋاقمۇ ئۆزلىكىدىن توختايدۇ. ئۇزۇن مۇددەت شالۋاق ئېقىش بولسا مېڭە كېسەللىكلىرى مەسىلەن، مېڭە سىستېمىسى تۇغما تەرەققىي قىلمىغان، مېڭە ياللۇغى ياكى مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىقلاردىن بىشارەتتۇر.

   مەيلى ئۇزۇن مەزگىللىك ياكى قىسقا مەزگىللىك شال ئېقىش بولسۇن، ئىككى جاۋغاينى شەلۋەرىتىۋەتكەندىن باشقا ئىڭەك كۆپىنچە ھۆل ھالەتتە تۇرغاچقا، تېرىنى قىزارتىپ ھۆل تەمرەتكە ياكى يۈز تېرىسى شەلۋەرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشنى تېزلىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شۇ جايلارنىڭ قۇرغاق تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، دائىم مايلاپ تۇرۇش كېرەك. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.