مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 992 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

بىر قىسىم ئاتا– ئانىلار قىز بوۋاقنىڭ جىنسىي ئەزا تازىلىقىغا دېگەندەك كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكتىن زاكىسىنى ۋاقتى– ۋاقتىدا ئالماشتۇرمايدۇ؛ چوڭ–كىچىك تەرەتتىن كېيىن جىنسىي ئەزاسىنى يۇيمايدۇ؛ خېلى چوڭ بولغىچە ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيدۈرىدۇ. قىز بوۋاقنىڭ سۈيدۈك يولى قىسقا ھەم ئاسان كېڭىيىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنسىي يولى نېپىز بولغانلىقتىن ئۆزلىكىدىن تازىلىنىش ئىقتىدارى تۆۋەن ھەم كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز بولىدۇ. ئەگەر قىز بوۋاقنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزا تازىلىقىغا دىققەت قىلمىغاندا سۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىش ھەتتا سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىم داس ۋە لۆڭگە(دېزىنفېكسىيىلەنگەن) تەييارلاپ، چوڭ–كىچىك تەرىتىدىن كېيىن ئىلىمان سۇ بىلەن يۇيۇپ بېرىش كېرەك.يۇيغاندا بالىنى تەرەت قىلدۇرغان ھالەتتە كۆتۈرۈپ جىنسىي لەۋنى ئاستا ئېچىپ، ئۈستىدىن ئاستىغا قارىتىپ سۇنى ئېقىتىپ تۇرۇپ بىر نەچچە قېتىم يۇيۇپ، ئاندىن لۆڭگە بىلەن ئالدىدىن كەينىگە قارىتىپ سۈرتىدىغان ئادەتنى چوقۇم يېتىلدۈرۈش كېرەك. قىز بوۋاق ئايىقى چىقىپ ماڭالايدىغان بولغاندىن باشلاپ ئېغى ئوچوق ئىشتان كىيگۈزمەسلىك، قالايمىقان يەردە ئۆمىلەتمەسلىك، كۆرگەنلا يەردە ئولتۇرغۇزماسلىق كېرەك .

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.