ئانامنىڭ ئەسىرى

يوللىغۇچى : dilraba يوللىغان ۋاقىت : 2015-12-01 12:06:03

مەن ئىشتىن سىرتقى يېزىقچىلىقنى تاللىدىم؛ چوڭ سىڭلىم كىيىم-كىچەك سودىسى قىلدى، كىچىكىدىن تارتىپلا ئېستېتىك قارىشى بولغاچقا، سودىسى شۇنداق روناق تاپتى، يەنە قائىدە-يوسۇنلۇق بىر ئادەمگە ياتلىق بولدى؛ كەنجى سىڭلىم مەھەللىدە مالىيە باشقۇرۇش خىزمىتىنى قىلىپ،

     
     
    ئانامنىڭ ئەسىرى

    ما ياۋىي
     
    ئانام ئىلگىرى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىكەن،لېكىن ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قىز تۇغقاندىن كېيىن، ئاخىرى تەقدىرگە تەن بېرىپتۇ.گەرچە ئانام ساۋاتلىق بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئائىلە ئايالى ھېسابلانغاچقا، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغىنى ئاز ھەم ھېچقانچە بىلىمى يوق ئىدى، بىراق ئۇ ئۈچ قىزىنى تەربىيلەش ئۈچۈن، بارلىقىنى ئاتىغان ئىدى.
       ھەممە ئىش مەھەللىمىزدىكى پالچىدىن باشلاندى. ئۇ ئۈچىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە قاراپ، مېنى كەلگۈسىدە بىلىملىك ئادەم بولغۇدەك، دېدى؛ چوڭ سىڭلىم چىرايلىق بولغاچقا، كەلگۈسىدە نىكاھتا تەلىيى كېلىپ «سۇمۇرغ»قا ئايلانغۇدەك،دېدى؛ كەنجى سىڭلىم گەپتان بولغاچقا،ئۇنى سودىگەرنىڭ خۇرۇچى ئىكەن، كەلگۈسىدە بىيىپ كەتكۈدەك، دېدى. ئانام پالچىنىڭ گېپىگە شەكسىز ئىشىنىپ، ئۆزىنىڭ «تەربىيلەش پىلانى»نى ئىجرا قىلىشقا بېرىلىپ كەتتى.
       مەن كەلگۈسىدە بىلىملىك ئادەم بولۇش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە ياخشى ئوقۇشۇم كېرەك ئىدى. ئانام ماڭا ياقا يۇرتتىكى بىر ھاممامدىن ئۆگىنىشىمنى ئېيتتى، چۈنكى ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتقا ئۆتۈپلا قالماي،يەنە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان ئىكەن. مەن كىچىكىمدىن جىمجىتلىقنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، كىتاپ ئوقۇش كۆڭلۈمگە شۇنداق ياقاتتى. ئانامنىڭ نەزىرىدە مەن تۇغۇلىشىمدىنلا كىتاب ئوقۇيدىغان بالا ئىدىم، شۇڭا بۇ بۇرچۇمنى ئادا قىلمىسام بولمايتتى. بىراق مەن قارشىلاشتىم، يەنە ئىچ پۇشۇقىنى چىقىردىغان كىتابلارنى ئوغۇرلۇقچە ئوقۇدۇم. كىتابلىرىمنى تىزىپ قويۇپ، دەرسلىك كىتاب ئوقۇۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋالاتتىم، ئانام دىققەت قىلمىغاندا رومان ئوقۇيتتىم.
       چوڭ سىڭلىمنىڭ گۈزەللىكى ئانامنىڭ ئەڭ چوڭ ئىپتىخارى ئىدى، باشقىلار« ئىككىنچى قىزىڭىز بەك چىرايلىقكەن» دەپ ماختىسا، خۇشلۇقتىن ئاغزى يۇمۇلماي قالاتتى، چۈنكى ئۇچىرايلىق قىزلارنىڭلا «سۇمۇرغ»قا ئايلىنىش سالاھىيىتى بارلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتى. شۇڭا ئانام ئۇنىڭغا ئەڭ چىرايلىق كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، ئۇنى مەلىكىلەردەك ياساندۇراتتى.شۇڭلاشقىمىكىن ئۈچىمىزنىڭ ئارىسىدا چوڭ سىڭلىم ئۆزىگە بەك ئىشىنەتتى، گۈزەللىكنى قوغلىشىش نىشانى قىلغاچقا، ئېستىتىكىنىمۇ ئوبدان چۈشىنەتتى.
       كەنجى سىڭلىمنىڭ ئاغزى تاتلىق بولغاچقا،ئانام پالچىنىڭ دېگىنىدەك ئۇنى «سودىگەرنىڭ خۇرۇچى»دەپ قارايتتى.كەنجى سىڭلىممۇ كىچىك ۋاقتىدا باشقىلار بىلەن مېھماندارچىلىق ئويۇنى ئوينىغاندا، نەرسە- كېرەك ساتىدىغان ئويۇننى ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى. ئانام ئۇنىڭ بۇنداق «ئېپى بار»لىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خوشال بۇلاتتى، ئۇنىڭدىن كەلگۈسىدە سودىگەر بولغاندا لازىم بولىدىغان ماتېماتىكىنى چوقۇم ياخشى ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلاتتى، شۇڭا كەنجى سىڭلىم ھېسابقا ماھىر بوپ كەتتى. مەسىلەن:«سەۋزىنىڭ بىر جېڭى بىرمو ئىككى پۇڭ، ئۈچ جىڭ ئۈچ سەر سەۋزە قانچە پۇل بولىدۇ؟»دېگەن سوئالغا نەچچە سېكونتتىلا جاۋاب بېرەتتى، ئەلۋەتتە ئانام ئۇنىڭ سەۋزە سېتىشىنى ئۈمىد قىلمايتتى.
       شۇنداق قىلىپ بىز ئانامنىڭ ئارزۇسى بويىچە «ئويۇپ ياسالدۇق»، ئۇ پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن بىزنىڭ ئۆزى كۈتكەندەك چوڭ بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلاتتى.كۆپ يىللاردىن كېيىن بىز ئۈچ ئاچا-سىڭىل تۇرمۇشلۇق بولدۇق، لېكىن ھېچقايسىمىز ئانام ئويلىغان تەرەپكە تەرەققى قىلمىدۇق. مەن ئانامنىڭ كۈتكىنىدەك ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىپ،«بىلىملىك»بولالمىدىم،چوڭ سىڭلىممۇ گۈزەللىككە تايىنىپ پۇلدار بىرسىگە ياتلىق بولمىدى، كەنجى سىڭلىممۇ سودىگەر بولمىدى. ئانامغا نىسبەتەن، ئۇنىڭ ئۈچ «ئەسىرى»پۇتۈنلەي باشقىچە بولۇپ كەتتى.
       مەن ئىشتىن سىرتقى يېزىقچىلىقنى تاللىدىم؛ چوڭ سىڭلىم كىيىم-كىچەك سودىسى قىلدى، كىچىكىدىن تارتىپلا ئېستېتىك قارىشى بولغاچقا، سودىسى شۇنداق روناق تاپتى، يەنە قائىدە-يوسۇنلۇق بىر ئادەمگە ياتلىق بولدى؛ كەنجى سىڭلىم مەھەللىدە مالىيە باشقۇرۇش خىزمىتىنى قىلىپ، ياشانغانلارغا پېنسىيە پۇلى تارقىتىشقا مەسئۇل بولدى ھەم كۆپچىلىككە ھەمدەم بولۇپ، زور ئالقىشقا ئېرىشتى.
       ئەمدى ئويلاپ باقسام، بىزنىڭ بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىز گەرچە ئانام«بەلگىلىگەن ئوربىتا» دىن چەتنەپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بىر- بىرى بىلەن چەمبەرچاس مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مەسىلەن:مەن ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان كىتابلارنى كۆرۈپ، يېزىقچىلىقنى ياقتۇرۇپ قالدىم؛ چوڭ سىڭلىم گۈزەللىكنى سۆيگەچكە، كىيىم-كېچەك سودىسى قىلدى؛ كەنجى سىڭلىمنىڭ ئاغزى تاتلىق، مىجەزى ياخشى، ھېسابقا ئۇستا بولغاچقا، مەھەللىنىڭ مالىيە باشقۇرۇش خىزمىتىنى قىلدى.
       ئەمەلىيەتتە پەرزەنتلەرنىڭ ھەممىسى ئاتا- ئانىنىڭ ئەسىرى. گەرچە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى مۇرەككەپ، ھاياتلىق سەرگۈزەشتىلىرىنى پەرەز قىلىش تەس؛ ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ «ھاياتىنى پىلانلاپ بېرىش»كە ئامالسىز بولسىمۇ، لېكىن پەرزەنتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاتا-ئانىلارنىڭ تامغىسى بېسىلغان بولىدۇ. ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى ئۆز قولى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ياساپ چىقىدۇ،ئۇلارنىڭ ئالقىنىدىكى قاداقلار، يەنە مۇھەببىتىنىڭ ھارارىتى بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىدا قېپقالىدۇ.
     
    روزىگۈل جۈمە تەرجىمىسى

    «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى
     

     
     
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر