فامىلە مەسىلىسىدە ماداراچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ

يوللىغۇچى : Ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-02 20:22:51

فامىلە مەسىلىسىدە ماداراچىلىققىلىشقا بولمايدۇسەلىمە. ئا. كامال مەن ماداراچىلىققا ئۆچ، ماداراچىلىق بىلەن نۇرغۇن ئىشلار ھەل بولسىمۇ، لېكىن ھەل بولغان ئاشۇ مەسىلە ئاچچىق ئازاب-ئوقۇبەتكە ھامىلدا...



    فامىلە مەسىلىسىدە ماداراچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ

    سەلىمە. ئا. كامال

     

       مەن ماداراچىلىققا ئۆچ، ماداراچىلىق بىلەن نۇرغۇن ئىشلار ھەل بولسىمۇ، لېكىن  ھەل بولغان ئاشۇ مەسىلە ئاچچىق ئازاب-ئوقۇبەتكە ھامىلدار بولغان پېتى ئۇزاققىچە جاراھەت بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ماداراچىلىق كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش نىقابىنى يېڭىلىغانلىق، ماھىيەتتە بىر تەرەپ يوشۇرۇن غەللە تەنتەنىسىگە چۈمگەندە يەنە بىر تەرەپنىڭ چۇقانلىرى كېكەشلىككە بوغۇلغان، مۇددەتسىز ئۈنسىز تراگېدىيىگە چۆككەن بولىدۇ، خالاس.
       ماداراچىلىق، ھەتتا جەڭ مەيدانىدىكى رەقىبلەرنى بىر ئۈستەلگە كەلتۈرۈشى، ئۇلارنى، ھەتتا ئۆز ئارا قول سىققۇزۇشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ يارىشىشقا كىمنىڭ قانچىلىك بەدەل تۆلىگەنلىكىنى ھەر ئىككى تەرەپ ئوبدان چۈشىنىدۇ. فامىلە توغرىسىدا ماداراچىلىق قىلىش ھەققىدە توختىلىشىمنىڭ مۇئەييەن سەۋەبلىرى بار، ئەلۋەتتە.
       فامىلە قوللىنىش بىز تەقەززا بولغان، زارىقىپ كۈتكەن ئىش. ئۇ پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئاڭ فورماتسىيىسىدىكى بىر قېتىملىق ئىنقىلاب. فامىلە- بىر جەمەت، بىر نەسەبكە تەۋە بولغان، شۇ نەسەپ ئىچىدە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس قالىدىغان قانداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بەلگىسى بولغانىكەن، ئۇنداقتا بىز يەنە نېمە ئۈچۈن «ئاتا فامىلە قوللىنىشنى ئاساس قىلىش، ئەگەر ئاتا مېيىپ، ئىقتىدارسىز، جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان... بولسا، ئانا جەمەت ئىچىدىكى مەشھۇر كىشىلەر نامىنى ياكى ئانا فامىلىسىنى پەرزەنتلىرىگە فامىلە قىلىپ قوللىنىشقا بولىدۇ» دېگەن يوچۇقنى چىقىرىپ قويىمىز. نېمە ئۈچۈن بىر ئۇرۇق، بىر جەمەتنى فامىلە مەسىلىسىدىمۇ سۈلھى-سالاغا سېلىپ قويىمىز؟
       ئامېرىكىلىق ئېنتوگرافىيە ئالىمى مورگاننىڭ ھېسابىچە: «ئىنسانىيەتنىڭ بەشتىن تۆت قىسىم تارىخى ياۋايىلىق دەۋرىدە ئۆتكەنىكەن. بۇ باسقۇچتا قان-قېرىنداشلىق، ئائىلە جەمەتچىلىكى جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئىجتىمائى بىرلىكى ھېسابلانغان. كۆپ ئەرلىك، كۆپ نىكاھلىق تۈزۈمىدىن شەكىللەنگەن بۇ خىل ئائىلە فورمىسى ئانىلىق ھوقوقچىلىقنىڭ گەۋدىلىك سىمۋولى. ئۇنىڭدا بىر تۇغقانلار ئارا نىكاھلىنىش چەكلەنمىگەن، تۇغۇلغانلارنىڭ ئۆز ئاتىسى ئېنىق بولمىغاچقا، نەسىل ئانا تەرەپكە قاراپ بەلگىلەنگەن... تەخمىنەن بۇنىڭدىن 5-10 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى زامانلارغا كەلگەندە، جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي فورماتسىيىسىدە تۈپ ئۆزگىرىش پەيدا بولغان، يەنى بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمى مەنىسىدىكى مونوگام ئائىلە شەكلى بارلىققا كەلگەن. بۇ، ئانا ھوقۇقى كۈچتىن قالغاندىن كېيىن تېز تەرەققى قىلغان ئاتىلىق ھوقۇقچىلىق تۈزۈمىنىڭ مەھسۇلى. ئۇ مەدەنىيەت دەۋرىنىڭ باشلىنىش ئالامەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ» كەن. ئەلۋەتتە، بۇ مىسال بىلەن ئانا فامىلىسىنى قوللىنىشنى قوبۇل قىلغۇچىلار 21- ئەسىردىن ئانىلىق ھوقۇقچىلىق دەۋرىگە قايىتىشى (ھېچبولمىغاندا فامىلە بەلگىسى جەھەتتە) مۇمكىن دېگەن مەنە چىقمايدۇ. چۈنكى، ئانىلىق ھوقۇقچىلىقى ئىنسانىيەت ناھايىتى ئىپتىدائى دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقاندىلا تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ بولغان. گەرچە بىز تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئاتا جەمەت فامىلىسىنىڭ دائىرسى ئانىلىق ھوقۇقچىلىقى دەۋرىدىكىدىن زور دەرىجىدە تارىيىپ كەتكەندەك بىلىنسىمۇ، ئەمما يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىر ئاتىنىڭ نام، بەلگە بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشقان جەمەت قوشۇنى ئۇلغىيىپ بارىدۇ. ئوخشىمىغان دەۋرلەر ئوخشىمىغان دۇنيا قاراش ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېرلىك ئىنسانلارنى ئاپرىدە قىلىدۇ. فامىلە قوللىنىشتا بىز قالدۇرغان ئاشۇ يوچۇق تۈپەيلى جەمەت ئىچىدە ئاتا ياكى ئانا فامىلىسىنى قوللىنىشنى تالىشىش كېلىپ چىقىدۇ. جېدەل-ماجرالار، تۈگمەس سۈلھى-سالالار داۋاملىشىدۇ. فامىلىنىڭ بىر جەمەت، بىر ئۇرۇقنىڭ ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى رولى سۇسلايدۇ. قەرەلسىز ھالدا فامىلە يېڭىلاش، جەمەت ئىچىدە فامىلە ئارقىلىق كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇنى قانداقمۇ تۇراقلىق فامىلە قوللىنىش دېگىلى بولسۇن؟
       خۇسۇسەن بىز فامىلە قوللىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تارىخى پۇرسەتتە ئەمدى يەنە «لىڭگىل تاق-تاق» قا چىقىۋالساق كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىش تۈگۈل ئويلىمىغان ئاۋارىچىلىقلارنى تىپىۋېلىشىمىز تۇرغانلا گەپ.
       ئانىلار ئەلۋەتتە ئۇلۇغ، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋەتەننىڭ ئۇلۇغلۇقىغا سىمۋول قىلىنغان. مۆرىتى كەلگەندە ئانىلارنىڭ ئۇرۇق جەمەت ئىچىدە ئوينايدىغان رولى، قىلىدىغان پىداكارانە خىزمەتلىرى ۋە مۇناسىپ ئورنى بار. ئەمما، شۇنى تەكىتلىمەي بولمايدۇكى، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىمۇ ئومۇملاشتۇرالمايۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئۈمىدى ئاتىلاردا، چۈنكى ئاتىلار دۇنيانى بىنا قىلغۇچىلار، ئۇلارغا ئەنە شۇنداق چوڭ ئىمتىياز، كۈچ-قۇدرەت، ئەقىل-ئىدراك بېرىلگەن. ئەجەبا، پۈتۈن دۇنيا ئاتىلارنى شۇنداق ئېتىراپ قىلىدىكەنۇ، بىز بىر ئائىلىدىن ئەمەس، بىر ئۇرۇق، بىر جەمەت ئىچىدىن بىرەر ياراملىق ئاتىنى تىكلىيەلمەيمىزمۇ؟ ئاتىلىرىمىزنىڭ ئورنى شۇنچە چۈشۈپ كەتتىمۇ؟
       بىز مەيلى پادىشاھ، ئالىم، مۇتەخەسىس، ئىشچى، دېھقان، ئوتۇنچى، مېيىپ، دىۋانە، ئوغرى-قاراقچى ياكى قاتىلنىڭ بالىسى بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، بەرىبىر بىر ئاتىنىڭ پۇشتىدىن تۆرۈلگەنلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك. ئۇ بىزنىڭ پېشانىمىزگە ئۆزىنىڭ ئاتىلىق تامغىسىنى شۇنداق باسقانكى، پەقەت «كلون ئادەم» ۋە «ماشىنا ئادەم» بولمىساقلا، خاس ئاتىنىڭ قېنىدىن تۆرەلگىنىمىزنى ھەرگىز ئىنكار قىلالمايمىز.
       تەڭسىز بۇ دۇنيا ئادەملەرنى مۇرەككەپ قاتلاملارغا بۆلگەن. ئەگەر بىز ئادەتتىكى ئاتىلاردىن ۋاز كېچىپ، نامدار ئانىلارغا ئەگەشسەك، ئاتىلىرىمىزنىڭ ئەرلىك غۇرۇرىىنى ئۆز ئايىغىمىز بىلەن دەپسەندە قىلغان بولمايمىزمۇ؟
       «ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى» دېگەندەك شوئارلار ئۆز رولىنى ئۆز دائىرىسىدە ئوينىسىلا كۇپايە، ئۇنى مەسئۇلىيىتى بەكمۇ ئېغىر بولغان فامىلە مەسىلىسىگىچە سۆرەپ كىرىشنىڭ ئورنى يوق.
       بىر جەمەتتە بىر فامىلە بولۇش مەسىلىسىنى بىزدىن ئەسىرلەر ئىلگىرى ئومۇملاشتۇرۇپ بولغان، نىكاھ ۋە جىنسىيەت ئەركىنلىكىگە بېرىلگەن ياۋرۇپالىقلارنىڭ 99 پىرسەنتى فامىلە قوللىنىشتا مۇنداق يوچۇقنى قالدۇرمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئاتىلارغا فامىلىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى شۇ دەرىجدە بەرگەنكى، بىر ئايال بىلەن بىر ئەرنىڭ ئارىسىدا نىكاھسىز بالا تۇغۇلسا، ئەر ئۆز فامىلىسىنى رازىلىق بىلەن بالىغا بەرمىسە بالا ئۆمۈرۋايەت فامىلىسىز قالىدۇ.
       دۇنياغا داڭلىق كىنو چولپىنى، ئىككى قېتىم ئوسكار كىنو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىتالىيلىك سوفىيە روللان نىكلاھسىز تۇغۇلغان قىز ئىدى. ئانىسىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن ئەر تەرەپ ئۆز فامىلىسىنى سوفىيەنىڭ قوللىنىشىغا قوشۇلغان. بىراق، ئۇ كىشى سوفىيەنىڭ ئانىسى بىلەن ئۆمۈرۋايەت توي قىلمىغان. ئويلىمىغان يەردىن، ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ سوفىيەنىڭ سىڭلىسى مارىيە مەيدانغا كەلگەن. بۇ چاغدا مارىيەنىڭ ئاتىسى مارىيەگە ئۆز فامىلىسىنى قوللىنىش ھوقۇقىنى بەرمىگەن. شۇنداق قىلىپ، مارىيە تاكى توي قىلىپ ئېرىنىڭ فامىلىسىگە ئېرىشكىچە فامىلىسز ئۆتكەن. مانا بۇنى ئاتىنىڭ ئۆز فامىلىسىنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى قوغداش ۋە ئىگىدارچىلىق قىلىشتىكى ئۇلۇغ ھوقۇقى دېسەك ئارتۇق كەتمەس.
       ئەمەلىيەتتە، سوفىيە بىلەن مارىيەنىڭ دادىسى مەشھۇر شەخسمۇ ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى بىر كىشى ئىدى. خالاس.
       بۇ يەردە يۇقىرىقىلارنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ: بالىدا نېمە گۇناھ؟ دېيىشىمىزنىڭ بىزگە نىسبەتەن تېخمۇ ھاجىتى يوق. چۈنكى، تەڭرىگە مىڭ شۈكۈركى، بىز تېخى نىكاھ، جىنسىيەت ۋە باشقا ئەخلاق نورمىلىرى جەھەتتە تاپتىن چىقىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمىدۇق. دېمەكچىمەنكى، ھەممە ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئاتا فاملىسىنى بىردەك ئېتىراپ قىلىشى مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنە-ئۇدۇملىرىغىمۇ ئۇيغۇن. بەزىلەر بەلكىم: بۇنىڭ ئۇنچىۋالا قايناپ كەتكۈچىلىكى يوق، دەپ قارىشى، فامىلىدىكى ئاغمىچىلىقنىڭ زىيىنىنى پات ئارىدا ھېس قىلالماسلىقى مۇمكىن. ئەمما، ماداراچىلىق ئۇزاققا قالماي، پەرزەنت مەسئۇلىيىتىنى، ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى پىسەنتىگە ئېلىپ قويمايدىغان، ھەتتا ئۆز بالىلىرىغا مەسئۇل بولۇش بۇرچىدىن قۇتۇلۇش كويىدا يۈرگەن ئاز بىر قىسىم لاياقەتسىز ئاتىلار ئۈچۈنمۇ بىر چوڭ يوچۇق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئانىلار بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالسا، بۇ بولۇمسىز ئاتىلارنىڭ تەلىيىنىڭ ئوڭدىن كەلگىنى.
       ئۆمرىدە كۆپ ئوقۇشسىزلىقلارغا دۇچ كەلگەن، دەرد-ھەسرەتلەرگە مۇپتىلا بولغان، ئازغان، تۆت ئەزايى بېجىرىم بولمىغان، خاتالاشقان، قول ئىلكىدە يوق، ئەمما چىن يۈرىكىدىن ئەرلىك غۇرۇرى قايناپ تۇرىدىغان ئاتىلارنىڭ ئۆز بالىلىرى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىشى ئۇلارنى تېگى يوق ھاڭغا ئىتتىرگەنلىك بىلەن باراۋەر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
       ھالبۇكى، ئاتا فامىلىسىدىن كېچىپ، ئانا جەمەتىنىڭ فامىلىسىگە قانداق ئاغقان بولسا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنە ئانا فامىلىسىدىن ۋاز كېچىپ، ئاتا جەمەتىنىڭ فامىلىسىگە ئاغىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشكەن ئەۋلادلىرىمىز فامىلە مەسىلىسىدىكى تۇراقسىزلىق بەدىلىگە يەنە نۇرغۇن ئاچچىق كەچمىشلەرگە دۇچ كېلىشى، ھەتتا مىللەت ساپاسىغا مۆلچەرلىگۈسىز ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
       ھاياتلىق ئۈچۈن بولۇۋاتقان رىقابەت بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان بۇ دۇنيا فامىلە مەسىلىسىدىمۇ مۇنداق ئورۇنسىزدە-تالاشلا قاينىمىغا چۆكۈپ ئولتۇرۇش ئەمدى ھاجەتسىز. بىز قىلىدىغان ئىشلار، فامىلە مەسىلىسىدە خەلىققە ئۆگىتىدىغان بىلىملەر تېخى كۆپ. ئۆزىمىزنىڭ،ئەۋلادلارنىڭ بېشىنى قاتۇرمايلى، باشقا مىللەتلەرنىڭ بۇ ھەقتە توپلىغان ئاچچىق ساۋاقلىرى يېتەرلىك، بىز ئۇنى قايتا تەكرارلاپ ئولتۇرمايلا، سۈلھى-سالاغا ئورۇن قويمايلى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.