رەخمەت ساڭا (ئەسلىمە)

يوللىغۇچى : نىشان يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-21 00:21:00

رەخمەت ساڭا (ئەسلىمە) مېنىڭ سېنى تۇنجى گۆرگەندىكى تۇرقۇڭ گۇڭگا ئىسىمدە بار ، لېكىن سېنىڭ شۇ مۇسۇلمان ئۇيغۇر قىزلىرىدەك ياغلىق ئارتقاندىن كىيىنكى سىمايىڭ مەڭگۈ ئىسىمدىن چىقمايدۇ... شۇ ۋاقىتتى...

    رەخمەت ساڭا (ئەسلىمە)     

        مېنىڭ سېنى تۇنجى گۆرگەندىكى تۇرقۇڭ گۇڭگا ئىسىمدە بار ، لېكىن سېنىڭ شۇ مۇسۇلمان ئۇيغۇر قىزلىرىدەك ياغلىق ئارتقاندىن كىيىنكى سىمايىڭ مەڭگۈ ئىسىمدىن چىقمايدۇ...
        شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەن ساڭا ھەقىقى دىققەت قىلىشقا ھەمدە مۇھەببەت ئوتى قەلبىمدە بۆسۈپ كېرىشكە باشلىغان ئىدى.
         مەن ئۇ ۋاقىتلاردا بەڭۋاش بالا ئىدىم. سېنىڭ ئىمانىڭ، ئىتىقادىڭ، دىيانىتىڭ، ئىسلام ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس ئەخلاق پەزىلىتىڭ مېنى ئاستا- ئاستا بەڭۋاشلىقتىن ياندۇرۇپ، قەلبىمدە ئىماننىڭ كۈچلۈك نۇرلىرىنى چېچىپ مېنىڭ كېيىنىكى ھاياتىمغا توغرا يول كۆرسىتىپ بەردى. شۇ سەۋەپ مەن سەندىن بەكلا مىننەتدار.
        مېنىڭ ئەسلىدە سېنى ھالال جۈپتۇم قىلغۇم بار ئىدى ، ئەمما مېنىڭ بەڭۋاشلىغىم تۈپەيلى مەن ئۇ ۋاقىتتا ساڭا ماس كەلمەيتتىم، ھازىر بولسا مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلى بۇنىڭغا ئىمكان بولمىغۇدەك...
        لېكىن سەن قەلبىمدىن مەڭگۈلۈك بىر كىشىلىك ئورۇن ئالدىڭ. مەن پەقەت ساڭا رەخمەتلا ئېيتالايمەن ۋە سېنىڭ بۇندىن كېيىن مۇكەممەل مۇسۇلمان ئۇيغۇر قىزى ھەم كەلگۈسىدە مۇكەممەل مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئانىسى بۇلۇپ ئەتراپىڭدىكى ئىمانى سۇسلارغا ئۆزەڭدىكى بارلىق خىسلەتلەرنى كۆچۈرۇپ قۇيۇشىڭنى ئۇمىد قىلىش بىلەن بىرگە ساڭا مەڭگۈلۈك بەخت تىلەيمەن. اللاھ ساڭا كۆپلەپ ئەجىر بەرگەي!!!!

       بۇ مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىش. ئەسلى كۆڭۈل خاتىرەمدىكىدەك چىقمىدى. ئاخىرىنى كىيىن مۇكەممەل قىلىپ تورداشلارغا سۇنىمەن. مەن جەمئىيەتتىكى ئۇيغۇر ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بىر بىرىگە تەسىر قىلىشىپ ئۆزىنىڭ توغرا يولىنى تېپىپ مېڭىشىنى چېن كۆڭلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق