10 مۇنەۋۋەر شەخس ۋە ئۇيغۇر دوپپىسى(ئالىم ئەھەت)

يوللىغۇچى : halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-24 23:34:47

يېڭىلىق ياراتقان 10 مۇنەۋەر شەخس ۋە بېشىمدىكى دوپپائالىم ئەھەتبېيجىڭغا كېلىشتىكى بىرىنچى ئىش يىغىن ئۈچۈن ئىدى، بۈگۈن بېيجىڭ ئولىمپىك كەنتى قۇش چاڭگىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان دۆلەت يىغىن زالىدا...

    يېڭىلىق ياراتقان 10 مۇنەۋەر شەخس ۋە بېشىمدىكى دوپپا

    ئالىم ئەھەت

     

    بېيجىڭغا كېلىشتىكى بىرىنچى ئىش يىغىن ئۈچۈن ئىدى، بۈگۈن بېيجىڭ ئولىمپىك كەنتى قۇش چاڭگىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان دۆلەت يىغىن زالىدا كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىن مۇنەۋەر شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش ئېلىپ باردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئادۋۇكات، كارخانىچى، يېڭىلىق ياراتقۇچى،…دېگەندەك شەخسلەر بار ئىكەن. مەن بۇ قېتىم «جۇڭگونىڭ پەخرى. 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو دەۋىردە يېڭىلىق ياراتقان 10 مۇنەۋەر شەخس» دېگەن (خەنزۇچە) خەت يېزىلغان لوزۇنكىنى بەدىنىمگە ئوراپ، بېشىمغا چىمەن دوپپا كىيىپ، يېڭىلىق ياراتقانلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ سەھنىگە چىقىپ باشلىقنىڭ قولىدىن گۇۋاھنامە تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇ قېتىم دوپپا كىيىپ سەھنىگە چىققان بولغاچقا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن تەكلىپ قىلغان رىياسەتچى مېنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ قويدى. زادى دوپپا دېگەننىڭ پايدىسى كۆپ ئىكەن-جۇمۇ؟ بېشىمدىكى ئۇيغۇر دوپپىسىغا كۆپ رەھمەت ! بولمىسا، ئالىم مۇئەللىمنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى قانداقمۇ بىلسۇن؟ بىر قىسىم مۇخبىرلار ئىسىم كارتۇچكىسىنى تەڭلەپ، مەن جۇڭگو ياشلار گېزىتىدىن، مەن ئىقتىساد گېزىتىدىن زىيارەت قىلىۋالساق دەپ تۇرىۋالدى، ئەمما، رىياسەتچى پائالىيەت تېخى تۈگىمىدى-دەپ، ۋەكىللەر سەھنىنىڭ يېنىدىكى چوڭ رەختكە ئىمزا قويۇڭلار دەپ تەكلىپ قىلدى، مەن بېرىپلا ئۆزەمنىڭ ئىسمىمنى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە يېزىپ قويدۇم. كىچىك ۋاقتىمدا ئۆينىڭ كەينىدىكى دەرەخكە ئىسمىمنى جىجىلاپ قوياتتىم. مانا ئەمدى جۇڭگودىكى ئەڭ كاتتا زامانىۋى يىغىن زالى-دۆلەت يىغىن زالىدىكى رەختكە ئىسمىمنى يېزىپ قويدۇم.

    \

     

    \


    بۇ مۇكاپاتنى تەشكىللىگۈچى ئاساسىي ئورۇن جۇڭگو ئىقتىساد گېزىتى، جۇڭگو مەدەنىيەت-سەنئەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، نوپۇزلۇق شەخسلەر ژۇرنىلى،…قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ھەر قايسى جەمئىيەتلەر بولۇپ، ئىلگىرى 11 قېتىم ئۆتكۈزگەن ئىكەن. ئىلگىرى ئەلى بابا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مايۇن ئەپەندىمۇ بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن ئىدى. بۇ قېتىم ماڭىمۇ بۇ شەرەپنى بەردى، ئىلگىرى مايۈنمۇ «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى 10 مۇنەۋەر ياش»نىڭ بىرى بولغان ئىدى. مەنمۇ كەينىدىنلا باھالاندىم، قارىغاندا مايۈننى قوغلاپلا يۈرۈپتىمەن. قارىغاندا بۇ قېتىمقى سەپىرىمدە مايۈننىمۇ ئىزدەپ باقايمۇ-يا؟


    ئالىم مۇئەللىم مەكتەپنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپلا قالماستىن، يىغىن تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ «دۆلەت يىغىن زالى»غا كېنىشكىسى يوقلارنىڭ كىرىشى بولۇپمۇ خالىغانچە رەسىم تارتىدىغانلارنىڭ كىرىشى چەكلىنىدۇ، سىنئالغۇغا ئېلىش ۋە رەسىم تارتىش ئىشلىرىنى يىغىن تەشكىلىي كومىتېتى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇردۇق-دېگەن تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، سىنئالغۇ ۋە رەسىم ئاپپاراتلىرىنى ياتاقتا تاشلاپ قويۇپ بارغان ئىدى. لېكىن، بەزى يولداشلار يانچۇقلىرىغا ئاپپاراتلارنى سېلىپ، دۆلەت يىغىن زالىدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن قانداق ئۆتكەندۇ؟ ھەيران قالدىم. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئاپپاراتلىرىدا ئانچە-مۇنچە رەسىمگە چۈشتۈم، كېيىن ئۇلاردىن سوراپ ئالغاندىن كېيىن يوللاپ قويارمەن، ھازىرچە يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزەمنىڭ تېلېفونىدا تارتقان، يۇقىرىقى سۈرەتلەرنى يوللاپ قويدۇم. ئاۋۇ رەسىملەرنى باسسىڭىز، يەنە ئازىراق چوڭىيىدۇ.


    بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئازادلىق ئارمىيە مەلۇم قىسىمغا بارىدىكەنمىز، جۇمھۇرىيەت قوغدىغۇچىلارنىڭ ھەر خىل ماھارەتلىرىنى كۆرىدىغان ئوخشايمىز. ۋەتەننى بىز قوغدايمىز، سىلەر خاتىرجەم تىرىشىپ ئىشلەپ، داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىڭلار-دەپ ماھارەت كۆرسىتىدىغان ئوخشايدۇ. ئەتە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىغا بارىدىكەنمىز. قارىغاندا ئوقۇغۇچىلار بىلەن رەسىمگە چۈشىدىغان ئوخشايمىز.
    ئادىل مىجىت ئاكىمىزمۇ 10 يىل بۇرۇن تېلېۋىزىيەدە، بۇ يىل بېيجىڭدىكى نورۇزدا ئوينىغان «دوپپا» دېگەن ئىتوتنى ئوينىغان بولسا، بەلكىم، چوڭ يىغىنلاردا ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ يۈرەركەنمىز. دوپپا بازىرىمۇ ھازىرقىدەك ئانچە كاسات بولماسكەن. يۇمشاق دېتال بازىرىمۇ دەل شۇنداق، ھازىرچە بېشىمدىكى دوپپىغا يەنە بىر رەھمەت!

    _________________________________

    بۇ يازما ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ بلوگىدىن يۆتكەپ كىلىندى.

     تىخىمۇ كۆپ مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بولاي دېسىڭىز ئالىم ئەھەت بلوگىنى كۆرۈڭ. ئالىم ئەھەت بلوگى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئالىم ئەھەت