ياقتۇرمىسىڭىز ماڭا دەڭ .

يوللىغۇچى : مۇسلىم يوللىغان ۋاقىت : 2008-12-09 22:13:00

تەپەككۇردىن تامچىلار كەمتەرلىك:مەن تۇرمۇش دېڭىزىدىكى مەڭگۇ چۆكمەس كېمە.ئەپكەش:باشقىلارنىڭ مەنپىئەتى ئۇچۇن، بلىم ھەرقانچە ئېگىلىپ كەتسىمۇ رازىمەن.ئەينەك:مەن گۈزەللىك بىلەن سەتلىكنى ئەينەن كۆرسى...

    تەپەككۇردىن تامچىلار


    كەمتەرلىك:

    مەن تۇرمۇش دېڭىزىدىكى مەڭگۇ چۆكمەس كېمە.


    ئەپكەش:

    باشقىلارنىڭ مەنپىئەتى ئۇچۇن، بلىم ھەرقانچە ئېگىلىپ كەتسىمۇ رازىمەن.

    ئەينەك:

    مەن گۈزەللىك بىلەن سەتلىكنى ئەينەن كۆرسىتىپ بىرەلەيمەن، ئەمما ئۇنى ئۆزگەرتەلمەيمەن، كېشىلەرنىڭ ئالدىدا گەپ قىلىشىنى ياخشى كۆرمەن، ئەمما، ئارقىسىدىن غەيۋەت قىلمايمەن.

    تاغاق:

    قالايمىقانچىلىقىنى ئوڭشاش - مېنىڭ بۇرچۇم.

    ۋېلسىپىت؛

    مەن قەيەرگە بىرىپ، قەيەردە توختايدىغانلىقىمىنى بىلمەيمەن، چۇنكى مېنىڭ تەقدىرىم باشقىلارنىڭ قولىدا - دە.

    دەزمال؛

    كاللام قىزىمىغىچە ھېچ ئىش قىلىشنى خالىمايمەن. مېنىڭ ئۆمۇرلۇك بۇچۇم - كۆيۇش ئازابىغا بەرداشلىق بىرىپ، ئالغا ئىلگىرلەش يولدىكى ئەخرى - توقايلىقىنى تۈزلەش.

    قان - تومۇر؛

    مەن ھاياتلىقنىڭ مېڭىش يولى.

    قازان:

    ئوتتىن ئايرىلغىنىم - قايناق ھاياتتىن ئايرىلغىنىقىم بولىدۇ.

    دوستلۇق:

    مەن قەلىب بىلەن قەلىبىنى تۇتاشتۇردىغان كۆۋرۇك، كىشىلەرنىڭ دېڭىزدىن سۈزۈۋېلىشىدىغان < مەرۋايىت>

    تەجىربە - ساۋاق:

    مەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئۆچمەس چىراق.

    قەلىب:

    كىشىلەر دېڭىزنى چوڭقۇر دەيدۇ، ئوكياننىمۇ چوڭقۇر دەيدۇ، ئەمىلىيەتتە دۇنيادا مەندىنمۇ چوڭقۇر جاي بارمىدۇ؟!.

    ۋىجدان:

    مېنىڭ باھايىم يوق، ئەمما ئۆلچىمىم بار.

    سائەت:

    مەن كىشىلەرگە ۋاقىتنى كۆرسىتىپ بىرەلەيمەن، ئەمما ۋاقىت يارتىپ بىرەلمەيمەن. چىكىلداپ مېڭىشىم - كىشىلەرگە ھاياتلىقنىڭ قىسقىراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

    يەلپۇگۇچ:

    مەن < سوغۇق گەپ > قىلساممۇ، لېكىن كىشىلەرگە راھەت بىغىشلايمەن.

    سەرەڭگە:

    مەن يورۇقلۇقنىڭ ئەلچىسى، قاراڭغۇلۇقنىڭ دۈشمىنى، مېنىڭ رولۇم سۇركىلىش ئارقىلىق جارى قىلىندۇ.

    پىتنە - ئىغۋا؛

    مەن ھەقىقەتنىڭ نۇرىدا ئىرىپ كىتىدىغان بىردەملىك< قار >.

    مىخ:

    شان - شەرەپنى قولغا كەلتۇرۇشنىڭ يولى ھەرخىل بولىدۇ. مەسىلەن ماڭا شان - شەرەپ بىسىمدىن كېلىدۇ.


    ئاشىق ئاۋارە تەپەككۇرى: ياقتۇرمىغان بولسىڭىز ماڭا دەڭ

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق