سەپەر ھۆسىيىن ئاكىنىڭ ۋاپاتى

يوللىغۇچى : tahirhamut يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-15 19:06:00

مەرھۇم سەپەر ھۆسىيىن ئاكىنىڭ ۋاپاتى مەرھۇم سەپەر ھۆسىيىن ئاكىنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تېپىپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. مەن مەرھۇم بىلەن 2006-يىلى 11-ئايدا تونۇشقانىدىم.ئەينى چاغدا مەن ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىر...

    مەرھۇم سەپەر ھۆسىيىن ئاكىنىڭ ۋاپاتى

          مەرھۇم سەپەر ھۆسىيىن ئاكىنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تېپىپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. مەن مەرھۇم بىلەن 2006-يىلى 11-ئايدا تونۇشقانىدىم.ئەينى چاغدا مەن ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنى قېزىش،رەتلەش،سۈرەتكە ئېلىش ئىشى بىلەن يۇرتۇم قەشقەرگە بارغانىدىم.قەشقەر ئەلئارا سەنئىتىنى چۈشىنىش زۆرۈرىيىتى بىلەن بۇ كىشىنى ئىزدىدىم. مېنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم ھۆرمەتلىك مۇھەممەت تۇرسۇن ئىبراھىمىنىڭ باشلىشى بىلەن مەرھۇم سەپەر ھۆسىيىن ئاكا بىلەن كۆرۈشتۈم. بىز خېلى ئەھمىيەتلىك ۋە ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق. مەن ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلىق سەنئىتى ،جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇقاملىرى جەھەتتىكى ئەمگەكلىرىدىن خەۋەردار ئىدىم،لېكىن مېنى ھەيران قالدۇرغىنى،ئۇنىڭ ئاشۇ ياشتىمۇ توختىماي تىرىشىپ،تېخىمۇ كۆپ تەتقىقاتلارنى قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى ۋە قولىدىكى نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان قىينىلىپ يۈرۈپ توپلىغان ماتېرىياللارنى رەتلەپ،ئۇنى ئەمگەك مېۋىسىگە ئايلاندۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئىدى.
       بۇ جەھەتتە مەرھۇم سەپەر ھۆسىيىن ئاكا بىلەن مۇھەممەت تۇرسۇن ئىبراھىمى مۇئەللىم ھەمكارلىشىۋاتاتتى.مەن بۇ ئىككىيلەننىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ھەمكارلىقىدىن قاتتىق سۆيۈندىم. بۇلتۇر يازدا،سەپەر ھۆسىيىن ئاكا ئۈرۈمچىگە كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشتى.ئۇ مۇھەممەت تۇرسۇن ئىبراھىم مۇئەللىم بىلەن بىللە يازغان «قەشقەر خەلىق سەنئىتى» دېگەن كىتاپنى نەشىر قىلىش ئىشى بىلەن كەلگەنىدى.گەرچە بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر ئىلمىي ئەمگەك بولسىمۇ،لېكىن كىتاپنى نەشىر قىلىشقا ئورۇن ۋە مەبلەغ كېرەك ئىدى.بىز بىللە ئولتۇرۇپ، قانداق قىلىش كېرىكلىكى ھەققىدە ئۇزۇن مەسلىھەتلەشتۇق.ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مىللىي مەدەنىيەتكە بولغان سەۋدايىلارچە ئىشتىياق ۋە مۇشۇ ساھەدە چوقۇم ئەھمىيەتلىك ئەمگەكلەرنى قىلىش ئىستىكى مېنى يۇقۇملاندۇردى.بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن،ھەتتا ئۇ يېشىنىڭ چوڭلۇقىغا ۋە بۇ ساھەدىكى نوپۇزىغا قارىماي،باشقىلارغا يالۋۇرۇشقىمۇ رازى ئىدى. ئاخىر مەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇم بىر ئورگانغا يېزىلغان ئىلتىماسنى (بۇ ئىلتىماسنى مۇھەممەتتۇرسۇن مۇئەللىم يازغانىدى) ئوڭشاپ خەنزۇچە تەرجىمە قىلىپ بەردىم، ئۇ ماڭا كىچىك بالىلارچە خۇشاللىق بىلەن قايتا-قايتا رەھمەت ئېيتتى.مەن ئۇنى بەخىتلىككەن دەپ ئويلىدىم.
       مەن قېرىپ ئاشۇ ياشقا بارغاندا، ئۇنىڭغا ئوخشاش بەخىتكە ئېرىشەلەرمەنمۇ،دېگەن خىيال كاللامدىن كەچتى. كېيىن ئۇ كىتاپنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلمىدىم،مەرھۇم سەپەر ھۈسىيىن ئاكىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئارزۇسىنىڭ ئىشقا ئاشقان ياكى ئاشمىغانلىقى ماڭا نامەلۇم.ئاڭلىسام ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا «ھۆسەينىيە مۇقامى » نى تاپقانلىقىنى ھاياجان بىلەن سۆزلىگەنمىش. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن،مەن بۇ مەرھۇمنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىرمۇنچە نەرسىلەرنى كۆردۈم ھەم ئۆگەندىم.بۇ نەرسىلەر ماڭا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدۇ.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 12:59:39]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.