زوردۇن سابىر ۋە بوستان(ئەكبەر قادىر)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-12 10:24:09

زوردۇن سابىر ۋە بوستان (ئەكبەر قادىر) بوستان -زوردۇن سابىرنىڭ تۇغۇلغان مەھەللىسىنىڭ ئىسمى. بۇ مەھەللە غۇلجا شەھىرىدىن شەرققە 30 كىلومېتىرچە ئارىلىققا جايلاشقان بولۇپ ئىسمى-جىسمىغا لايىق بوستان...




    زوردۇن سابىر ۋە بوستان (ئەكبەر قادىر)
     
     

     

      بوستان -زوردۇن سابىرنىڭ تۇغۇلغان مەھەللىسىنىڭ ئىسمى. بۇ مەھەللە  غۇلجا شەھىرىدىن شەرققە 30 كىلومېتىرچە ئارىلىققا جايلاشقان بولۇپ ئىسمى-جىسمىغا لايىق بوستانلىق مەھەللە.

     

     

      بۇ مەھەللە ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالى قىرىغا جايلاشقان. بۇ مەھەللە ئەسلى تۆۋەنكى ئون دەپ ئاتىلاتتى. كىيىن بوستان دەپ ئاتالغان. كەچ كىرىپ ئەتراپ تىنچىغاندا مەھەللىگە ئىلى دەرياسىنىڭ شارقىراپ ئاققان ئاۋازى  ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. مەھەللىنىڭ شەرقى ۋە شىمالى تەرەپلىرىدە ئابرال تىغى ۋە ئۇنىڭ ئەجدىھا سۈپەت قىرلىق تىزمىلىرى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. غەربى شىمال ۋە غەرب تەرىپى بولسا كەڭرى ئېتىزلارغا، شۇ ئېتىزلارنىڭ نېرىسىدىكى قوشنا مەھەللىلەرگە تۇتىشىدۇ. قىش كۈنلىرىدە بۇ مەھەللە ئاق باشلىق ئابرال چوققىسى باغرىدا تۆت ئەتراپىنى ئاپئاق قار قاپلىغان ھالەتتە تېخىمۇ باشقىچە تۈستە كۆزىڭىزگە تاشلانسا، ياز كۈنلىرىدە بۇغداي، قوناق، ئاپتاپپەرەس، پۇرچاق، قىچا  قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلغان كەڭرى ئېتىزلار بىلەن سۆگەت، قارىياغاچ، ھەشتەرخان، كۆك تېرەك قاتارلىق دەرەخلەر ئارىسىدا خۇددى تەبىئىي ماي بوياق رەسىمىدەك كۆرۈنىدۇ.

     

     

      زوردۇن سابىر 1937-يىلى ئاپرېل ئايلىرىنىڭ بېشىدا مانا مۇشۇ مەھەللىدە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق مەزگىللىرىدە مەھەللىدىكى ئېرىق- ئۆستەڭلەردە سۇ كېچىپ، چۆمۈلۈپ ئويناپ، ئېتىزلاردا كالا-قويلىرىنى بېقىپ چوڭ بولغان. مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپىدە  4-سىنىپقىچە ئوقۇپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن.

     

     

      زوردۇن سابىر باشلانعغۇچ مەكتەپنىڭ بوسۇغىسىدىن ئەمدىلا ئاتلىشىغا ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئانىسى  ئانارخان تونۇر بېشىدا نان يېقىۋېتىپ يىقىلىپ بۇ ئالەمدىن مەڭگۈلۈك كۆز يۇمغان. چۆچۈرىدەك تۆت بالا دادىسى سابىر ئاكىنىڭ ھەم ئانا ھەم دادا بولۇپ بېقىپ چوڭ قىلىشىغا قالغان. زوردۇن سابىر بالىلارنىڭ ئىككىنچىسى ئىدى. ئۇ ئاكىسى بىلەن بىللە بىر تەرەپتىن  مەكتەپتە ئوقۇسا يەنە بىر تەرەپتىن ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشىپ دادىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشكە تىرىشاتتى. بۇنداق چاغلاردا قۇلۇم- قوشنىلار زوردۇن سابىرنى "قولى ئەپلىك، ئەقىللىق بالا بوپتۇ" دەپ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ كېتەتتى. بالىسىنىڭ ئىشچان، ئەقىللىقلىقىدىن سۆيۈنگەن سابىر ئاكىمۇ ئوغلى زوردۇنغا زور ئۈمىدلەرنى باغلايتتى.

     

     

      بوستان مەھەللىسى يەنە غەزەلخان، سازەندە- ناخشىچىلارنىڭ، كىتابخۇمار ئادەملەرنىڭمۇ بىر بوستانى ئىدى.   بۇ مەھەللىدە ئۆمەر تەمبۇرگە ئوخشاش غەزەلخان- سازەندە ئادەملەر ياشايتتى. ئىلىمگە، ناخشا– سازغا خۇمار بوستانلىقلار بۇنداق ئادەملەرنىڭ قەدىر- قىممىتىنى بۆلەكچىلا قىلاتتى. سابىر ئاكا دۇتار چېلىپ ناحشاھ ئېيتىشقا ماھىر كىشىلەردىن بولغاچقا بۇنداق ئادەملەر بىلەن يېقىن ئۆتەتتى. ساز چېلىش ۋە ناخشاخۇمارلىق زوردۇن سابىرنىڭ قەلبىگە ئەنە شۇ گۆدەكلىك چاغلىرىدىن باشلاپلا سىڭىشكە باشلىغان ئىدى.

     

     

      زوردۇن سابىر 1950-يىلىدىن 1954- يىلىغىچە ئۆز مەھەللىسىدىن   خېلىلا يىراق بولغان ئارا ئۆستەڭ مەھەللىسىگە بېرىپ بەشىنچى سىنىپتىن يەتتىنچى سىنىپقىچە ئوقۇدى. 1954-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە غۇلجا شەھىرىگە كىرىپ ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇدى. زوردۇن سابىر ئۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن تۈرلۈك دەرسلەرنى ياخشى ئۆگىنىشتىن باشقا كىتاب ئوقۇشقا زور قىزغىنلىق بىلەن كىرىشىپ كەتتى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېلىدىغان ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك، تاتار، ئەزەربەيجان يازغۇچىلىرىنىڭ رومان ھېكايىلىرىنى قولىدىن چۈشۈرمەي ئوقۇدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىمۇ كۈچىيىپ باردى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نامى بار ئەدىبلەردىن كېۋىر نىياز، ماناپ قادىر، توختاخۇن ناسىرى قاتارلىقلار زوردۇن سابىرغا ئەدەبىيات دەرسى ئۆتەتتى.  بۇنداق مۇھىت زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتە ئالغا بېسىشىغا كۈچلۈك تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئىدى.

     


      زوردۇن سابىر مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان چاغلىرىدا "شېكەر شەنبە" دېگەندەك كىچىك درامىلار بىلەن بەزى مەشىق شېئىرلىرىنى يازدى. مۇئەللىملىرى بۇ ئەسەرلەرنى كۆرۈپ ئۇنى ماختاپ كەتتى ۋە ئوقۇعۇچىلار ئىچىدە سەھنىلەشتۈرۈلۈپ ئوينىلىپ كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. زوردۇن سابىر شۇنىڭدىن كىيىن ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىدا قېتىرقىنىپ ئىزدىنىشكە باشلىدى. مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى بىر قېتىملىق تەتىلدە ئۇ ئۆز يېزىسىدا بىر تەتىل دادىسىغا ياردەملىشىپ ئېتىز ئىشلىرىنى   قىلدى. ئورما ئورۇپ، باغ باغلاپ ئىشلىدى. شۇ جەرياندا ئۇ بىۋاسىتە كۆرگەن ئىش ۋە ئادەملىرىنى خام ماتېرىيال قىلىپ تۇرۇپ ‹‹ئېتىز كەپىسى ››    دېگەن بىر كىچىك سەھنە ئەسىرى يېزىپ چىقتى. بۇ سەھنە ئەسىرىمۇ يېزا - رايون رەھبەرلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ رايون سەھنىسىدە ئوينالدى.

     

     


       زوردۇن سابىر كىچىكىدىن باشلاپ يېزىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغاچقا يېزا تۇرمۇشىنى ياخشى بىلەتتى. يېزا ئادەملىرىنىڭ مىجەز- خاراكتېرى بىلەن تىل ئادەتلىرى ئۇنىڭغا ناھايىتى تونۇش ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭغا زۆرۈر بولىدىغىنى يەنىلا بەدىئىي  جەھەتتىكى قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئىدى.

     

     


    1957- يىلى زوردۇن سابىر ئىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ  تەلىيىگە غەربى شىمال مىللەتلەر ئىنستىتۇتىغا بىر چەتتىن ئوقۇپ بىر چەتتىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا كىردى. بۇ يەرنىڭ ئىلىم ئۆگىنىش شارائىتى تېخىمۇ ياخشى ئىدى. غەربى شىمال بويىچە ئەڭ چوڭ كۇتۇپخانىمۇ مانا مۇشۇ يەردە ئىدى. ئىلىم ئىگىلىرىمۇ مۇشۇ يەرگە توپلانغان ئىدى. زوردۇن سابىر بۇ يەردە بىر تەرەپتىن تۈرلۈك نەزەرىيىۋى كىتابلارنى ئوقۇپ ئەدەبىيات بىلىمنى ئاشۇردى يەنە بىر تەرەپتىن خەنزۇ تىلىنى پىششىق ئۆگىنىپ خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان رومان، پوۋېستلارنى ئوقۇپ خاتىرە قالدۇرۇشقا باشلىدى. نەتىجىدە زوردۇن سابىر ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ تېخىمۇ كەڭرى يولىنى تاپقاندەك بولدى.

     

     

       بىراق، زوردۇن سابىرنىڭ غەربى شىمال مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدىكى غايىسىنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۇنداق ئوڭۇشلۇق بولمىدى. 1960-يىللارنىڭ كىرىشى بىلەن تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەر ئەۋج ئېلىپ كەتتى. ئارقىدىن  ‹‹ مەدەنىيەت ئىنقىلابى ››نىڭ شامىلى كېلىشكە باشلىدى. زوردۇن سابىرغا  ئوخشاش بىلىم ئىگىلەش غايىسىدىكىلەر‹‹ ئاق مۇتەخەسسىسلىشىش يولىغا   ماڭغانلار›› دەپ قارىلىنىشقا باشلىدى. تاشقى شارائىتنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىغان زوردۇن سابىر 1964- يىلى ئۆز يېزىسى- بوستان مەھەللىسىگە يېنىپ كېلىپ پاناھلاندى. بوستان مەھەللىسى غەزەلچى، سازەندە كىشىلىرى بىلەن زوردۇن سابىرنى ئۆز قوينىغا ئالدى.

     

     

     

         زوردۇن سابىر بوستانغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۆزىنى بالىلىق چاغلىرىدىكى تۇرمۇشقا قايتىپ قالغاندەك ھېس قىلدى. ئۇ بارلىق ئازابلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئۇنتۇپ يەنىلا كىتاب ئوقۇش، خاتىرە يېزىشقا كىرىشىپ كەتتى. بوستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر، دېھقانلار ھاياتىدىكى ئۆزگىرىشلەر،  كەسكىن سىنىپى كۈرەشلەر زوردۇن سابىرغا تۇرمۇشنىڭ قايناق بۇلىقى بولۇپ تۇيۇلدى. ئۇ ھەقىقىي مەنىدىكى يېزىقچىلىقىنى مانا مۇشۇ بوستاندىن     باشلىدى. ئۇ ئاۋۋال كۈندىلىك خاتىرە يازدى. ئاندىن ئۇنى ئۆگەنگەن ئەدەبىيات بىلىملىرىگە تايىنىپ ھېكايىلاشتۇردى. كۈنلەر، ئايلار، يىللار شۇنداق تەرىقىدە ئۆتتى. بوستاندىكى ئىشلار، بوستاندىكى ئادەملەر ھەتتا بوستاندىكى تۈرلۈك مېۋىلەرگىچە ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدىن ئورۇن ئىلىشقا باشلىدى.   ئۇ «باھار بوۋاينىڭ كۈنلىرى»، «كومبايىن»، «ئورمان مۇھاپىزەتچىسى»،«ئەپۇ» قاتارلىق ھېكايىلىرىدە مۇشۇ بوستاننى يازدى. بولۇپمۇ ‹‹ئەپۇ›› ھېكايىسىدە بوستاننىڭ ئىسمىنى ئەينەن ئاتاپ يازدى. بۇنىڭدىن زوردۇن سابىرنىڭ بوستانغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلۇقىنى بىلگىلى بولاتتى.

     

     

     

      زوردۇن سابىر يازغۇچى بولۇپ تونۇلغاندىن كېيىنمۇ بوستان ھەققىدە ئەسەر يېزىشنى توختاتمىدى. ئۇ بوستان دېھقانلىرى توغرىسىدا «ئابرال شاماللىرى» ناملىق بىر روماننى يېزىپ چىقتى.  يەنە بوستاندا كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن «قوشنىلار»، «ۋاپادارلىق»، «ئاخىرقى پادىچى» ناملىق ھېكايە - پوۋېسىتىلىرىنى يازدى.  ئۇ«ئاخىرقى پادىچى» نى ئاشۇ بوستاندىكى پادىچى بىلەن بىللە يۈرۈپ يازغان.

     

     

     

        زوردۇن سابىر كېيىنكى ۋاقىتلىرىنى غۇلجا شەھىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق    قىلىش ۋە ئۈرۈمچىدە يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە يېزىقچىلىق قىلىش بىلەن ئۆتكۈزدى. بۇ چاغلاردىمۇ ئۇ ھەر يىلى ئاز بولغاندا بىر قېتىم بوستانغا كېلىپ  تۇردى. ئۇ يەردىكى قايناق ھاياتتىن بىۋاسىتە تەسىرات ئېلىپ تۇردى. ھازىر بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز شەھەرلەرگە مەركەزلىشىۋالدى.  يېزىلاردىن يىراقلاپ كەتتى. يېزىنى، يېزا تۇرمۇشىنى يازىدىغان يازغۇچىلارمۇ يېزىدا تۇرغۇسى كەلمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا سېلىشتۇرغاندا زوردۇن سابىرنىڭ بوستان مۇھەببىتى ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر ئىش!

     

     

      1998- يىلى 8- ئاينىڭ 13- كۈنى زوردۇن سابىر ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتتى. ئارىلىق شۇنچە يىراق بولسىمۇ بۇ شۇم خەۋەر خۇددى يېقىنلا يەردىن  تارالغاندەك بوستانغا ناھايىتى تېزلا يېتىپ كەلدى. بوستانلىقلار قاتتىق قايغۇردى......

     

     

       ھازىر،  بوستان زوردۇن سابىرنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى دېگەن نام بىلەن مەشھۇردۇر. گەرچە زوردۇن سابىرنىڭ قەبرىسى بۇيەردە بولمىسىمۇ ئەمما بۇيەردە زوردۇن سابىر تۇغۇلغان ئۆي، ئۇ يېزىقچىلىقتا ئىشلەتكەن ئۈستەل ئورۇندۇق ۋە  زوردۇن سابىر ھەمىشە  سايىسىدە ئولتۇرۇپ  ئەسەر يازىدىغان قەدىمىي قارىياغاچلىق بار.


    مەن بوستانغا بارغىنىمدا مۇنداق بىر ئىش مېنى تەسىرلەندۈردى:

     

    بوستاندا زوردۇن سابىر ۋاپات بولغاندىن كېيىن يەنە بىر زوردۇن پەيدا بولۇپتۇ. ئۇ زوردۇن سابىرنىڭ ئىنىسىنىڭ نەۋرىسى ئىكەن. كىچىك زوردۇن دەل  زوردۇن سابىر ئالەمدىن ئۆتكەن يىلى تۇغۇلغان بولغاچقا زوردۇن سابىرنى  خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا زوردۇن دەپ ئىسىم قويۇلۇپتۇ. مەن قايتىدىغان چاغدا كىچىك زوردۇن بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۈم.

     

       زوردۇن سابىر لەنجۇدىكى ۋاقتىدا بىر ئارتىس قىزنى ياخشى كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان. بىر بالىلىق بولغاندا ئايالى بالىسىنى ئېلىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەن. زوردۇن سابىر پېنسىيىگە چىققاندىن كىيىن يېزىقچىلىقنى بىر مەھەل توحتىتىپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن بالىسىنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولغان. لېكىن  زوردۇن سابىر بۇ ئارزۇسى روياپقا چىقماي تۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.