نەزىرىمدىكى ھەقىقى مۆجىزە

يوللىغۇچى : Parol يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-03 05:52:00

مۆجىزە ۋە مۆجىزاتلار توغرىسىدا..... بايا بىر سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇرۇپ يازغان ماقالەم كومپيۇتېرىم قوزغۇلۇپ كېتىش سەۋەبىدىن بىكار بولۇپ كەتتى مانا ئەمدى ئۆزەمنى ناھايىتى تەستە تۇتۇۋېلىپ قايتا ي...

    مۆجىزە ۋە مۆجىزاتلار توغرىسىدا.....

         بايا بىر سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇرۇپ يازغان ماقالەم كومپيۇتېرىم قوزغۇلۇپ كېتىش سەۋەبىدىن بىكار بولۇپ كەتتى مانا ئەمدى ئۆزەمنى ناھايىتى تەستە تۇتۇۋېلىپ قايتا يازماقچى. بەلكىم مېنىڭ ھىسياتىمنى سىلەرمۇ ھىس قىلغانسىلەر، بەك ئازاپلىق بولدى. كەيپىم تازا چاغ ئەمەس گەپ سۆزلىرىم تازا قولاشماي قالسا توغرا چۈشىنىپ توغىرلاپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن...
        مېنڭ مۆجىزە ۋە مۆجىزاتلار توغرىسىدىكى ئۇزۇن يىلدىن بېرى ئاڭلاپ، كۆرۈپ، ئوقۇپ، بىلىپ، كاللامدا يىغىنچاقلاپ، پىششىقلاپ كەلگەن دۇنيا مۆجىزىسى ۋە مۆجىزاتلار توغرىسىدا توپلاملىرىم بار ئىدى. بۈگۈن شۇنى پىكىر قاتلاملىرىمدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ تورداشلارغا سۇنۇش ئىرادىسىگە كەلدىم. دانا پىكىرلىرىڭلار ۋە ئىسىل كۆرسەتمىلىرىڭلار بولسا ئايىمىغايسىلەر.
       دۇنيا بىنا بولغاندىن تا ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان مۆجىزىلەر يۈز بەردى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر دۇنياغا كەلدى ۋە ئۇزاپ كەتتى. نى-نى يانار تاغلار پارتىلاپ، تالاي ئادەملەرنى ئىرىتىپ كەتتى. تالاي قېتىم يەر تەۋرەپ ساناقسىز كىشىلەرنى يۈتۈپ كەتتى ۋە جاندىن جۇدا قىلدى. ساناقسىز باشلانغان رەھىمسىزلىك بىلەن ئاخىرلاشقان چۈمۈلىدىن كۆپ ئادەملەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان رەھىمسىز ئۇرۇشلار كىشىلەر كاللىسىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتتى. پەن-تېخنىكا تەرەققى قىلىپ ئادەم ئەقلى سىغمىغۇدەك نەتىجىلەر قولغا كەلدى ھەم كېلىۋاتىدۇ. دۇنيا تەتقىق قىلىنىش ۋە تىرىشچان ئىزدىنىشچان كىشىلەر تەرپىدىن ئىزدىنىلگەنسىرى ئۆزىنى ئاشكارلىماي ئەكسىچە تېخىمۇ سىرلىقلىشىپ كەتتى. ياراتقۇچىنى ئىزدەپ يۈرگەن كىشىلەر قانداقتۇر بىر كۈچ بىلەن مۆجىزە ئىزدەشكە كىرىشىپ كەتتى. ئىچكى دۇنياسىدا خۇدادىن قانداقتۇر بىر مۆجىزە تەلەپ قىلىپ تۇرىۋېلىپ ئۇنىڭغا تولۇق بويسۇنۇشقا ئاتالمىش كۈچلۈك غۇرۇرى يول قويمىدى. ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان نۇرغۇن مۆجىزىلەرگە پىسەنتمۇ قىلمىدى. ھاياتلىلق توغرىسىدا ئىزدەندىيۇ ماھىيىتىنى تاپالمىدى...(قاتارلىقلار) نەزەر سالىدىغان بولساق:
    ئۆزىمىز ئەڭ چوڭ مۆجىزە تۇرۇپ يەنە خۇدادىن مۆجىزە تەلەپ قىلىدىكەنمىز. نىپالدا تۇغۇلغان پاقا بالا، سەئۇدىدا بايقالغان تىمساھ تەنلىك ئادەم، ھەر خىل غەلىتە تۇغۇلۇپ قالغان ئادەم ۋە ھايۋانلار، قۇرئاننى يىرتىۋېتىپ غەلىتە ھايۋانغا ئۆزگىرىپ قالغان قىز، تۆت پۇتلۇق ئايال، ئاللاھ دەپ ھۆركىرەيدىغان شىر دىگەندەكلەرنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەندە (بۇلارنىڭ راس يالغانلىقىغا ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمەيمەن، چۈنكى خۇدانىڭ قۇدرىتى چەكسىز.) ھەيران قېلىشىپ ئىۋارا خۇدايا دەپ ياقىمىزنى سىقىپ كېتىدىكەنمىز. سىز مۇشۇنداق ھەيران قالغان ۋە قېلىش ئالدىدا تۇرغان ۋە ياكى قالغاندىن كېيىن مۇنداق بىر ئىشنى قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ يەنى قولىڭىزنى مىدىرلىتىپ زەن قويۇپ قاراپ باقتىڭىزمۇ؟ نىمىشقا ئەتراپىمىزدىكى مۆجىزىلەرنى ھىس قىلالمايمىز. مەسىلەن: سىز گەپقىلىۋاتىسىز نىمىشقا ھەيران قالمايسىز؟ قولىڭىز مىدىرلاۋاتىدۇ نىمىشقا ھەيران قالمايسىز؟ قۇلىقىز ئاڭلاپ كۆزىڭىز كۆرىۋاتىدۇ نىمىشقا ھەيران قالمايسىز؟ توغرا بۇلار ئانچە ئادەمنى قىزىقتۇرالمايدۇ. چۈنكى سىز بۇلارغا كۆنۈك. خۇددى ئەتتىگەن تۇرۇپ سىرتقا چىقىپ ۋاسكىتبول ئويناپ، كەچ بولغاندا ياتىقىڭىزغا كىرىپ تېلفۇن سۆزلىشىپ. ئاندىن ئۇخلاش سىزگە نورمال بىلىنگەنگە ئوخشاش ئۇلارمۇ سىزنى ئانچە قىزىقتۇرالمايدۇ ۋە غەيرى بىلىنمەيدۇ. بۇ خۇددى كىچىك بالىنىڭ چوڭ بولۇش جەريانىغا ئوخشايدۇ. مەسىلەن بىر كىچىك بالا دەسلەپ ئىتنى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئىنكاس شەكىللەندۈرگەندە ئىتنى كۆرگەن ھامان ھاياجانلىنىپ بوھ بو كەلدى! دەپ خوش بولۇپ كېتىشىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئەھۋال ئون قېتىم يۈز قېتىم ھەتتا تالاي قېتىم يۈز بېرىپ بالا بۇنىڭغا كۆنۈپ قالىدۇـ دە، كېيىن ئىتنى كۆرگەندە ئالاھىدە ئىنكاس قايتۇرمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش بىزنىڭ گەپقىلىشىمىز ۋە باشقا پائالىيەتلىرىمىزنى بىز تولا كۆرۈپ كۆنۈپ قالغان. شۇڭا ئانچە غەلىتە بىلىنمەيدۇ ھەم ئۇ توغرىسىدا ئانچە ئويلىشىپمۇ كەتمەيمىز...
    يەنە مەسىلەن: سىز ئاتىڭىز، ئاپىڭىز ۋە كىچىك ئۇكىڭىز بىلەن ئۆيدە تاماق يەۋاتقان دەيلى. ئاپىڭىز ئاشخانا ئۆيدىن تاماق ئېلىپ چىقىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئاتىڭىز ئۆينىڭ ئوتتۇرسىدا لەيلەپ تۇرۇپ قالسا قانداق ھادىسە يۈ بېرەر. ئەلۋەتتە ئاپىڭىز قورقۇپ كېتىپ قولىدىكى تاماقنىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتكىنىنى بىلمەي قالىدۇ. سىزمۇ ھەيرانچىلىق ۋە قورقۇنچىلىقتا داڭقېتىپ تۇرۇپ قالىسىز. ئەممە كىچىك ئۇكىڭىز دەل ئەكسىچە پوزىتسيەدە بولىشى مۇمكىن. يەنى ئۇ ھەيراق قالماستىن خوشاللىقىدا ئاتام ئۇچتى دەپ ۋارقىراپ كېتىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئاتىڭىزنىڭ دىگەن قالتىس. ماشىنا ھەيدىيەلەيدۇ. دەرەخكە ۋە ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چىقالايدۇ دىگەندەك. ئاتىڭىزنىڭ ئۇچۇشى كىچىك ئۇكىڭىزنىڭ نەزىرىدە ئاتىڭىزنىڭ يەنە بىر قالتىس ماھارىتى. سىز 80 كىلوگىرام كېلىدىغان ئاتىڭىزنىڭ لەيلەپ قالغىنىغا ھەيران قالدىڭىز، ئۇنداقتا ھاۋا بوشلۇقىدا لەيلەپ تۇرغان نەچچە مىڭ توننا كېلىدىغان پىلانىتلارنىڭ لەيلەپ تۇرىشىغا نىمە دەيسىز؟ بىز ئۇ پىلانىتلارنىڭ لەيلاپ تۇرىشىغىمۇ كۆنۈپ قالغان. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇلار شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىكتەكلا...
    ئەمدى قولىڭىزنى مىدىرلىتىپ قاراپ بېقىڭ! كاللىڭىزنى ئىشلىتىپ ئويلاپ بېقڭ. قولىڭىزنىڭ مىدىرلىغىنى سىزگە سەل غەلىتە بىلىندىمۇ يوق! قولىڭىزنىڭ مىدىرلىغىنى بىر چوڭ مۆجىزە شۇنداقمۇ؟ تەركىبى ئاقسىلدىن تۈزۈلگەن بەش تال ئىنچىكە ئۇزۇن نەرسىنىڭ كاللىڭىزغا بويسۇنۇپ مىدىرلاپ ھەرىكەت قىلغىنى راسلا ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان ئىش...
    ئەمەلىيەتتە ئادەم بەدىنى ۋە كاللىسىدىن ئارتۇقراق غەلىتە، مۇرەككەپ ۋە مۆجىزىگە يېقىن نەرسە يوق. ئالدىڭىزدا تۇرغان خالتىدىكى سۈت ئورنىدىن تۇرۇپلا سۆزلاپ كەتسە سىز ھەيرانلىقتا نىمە قىلىشىڭىزنى بىلەلمەي خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويىسىز. سۈتنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئاقسىل. نىمە دەپ شۇنىڭ بىلەن خېمىيىۋى تەركىبى ئاساسەن ئوخشاش ئادەم گەپقىلسا ھەيران قالمايسىز. ئادەم بەدىنىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىمۇ ئاقسىلغۇ. نىمە ئۈچۈن ئاساسەن ئوخشاش تەركىپدىكى ئىككى نەرسسىنىڭ بىرى گەپقىلسا ھەيران قىېلىپ يەنە بىرى گەپقىلسا پىسەنتىڭىزگىمۇ ئېلىپ قويمايسىز؟ چۈنكى سىز بىرىنى گەپقىلىۋاتقان ھالەتتە كۆرۈپ ئادەتلىنىپ قالغان. سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئۇ خۇددى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىكتەك. يەنە بىرىنى بولسا جىم ھالەتتە كۆرۈپ ئادەتلىنىپ قالغان، ئۇمۇ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە خۇددى جىم تۇرۇشقا تىگىشلىكتەك. ئىككىسىنىڭ تەركىبى ئوخشاش تۇرسا نىمە دەپ بىرى گەپقىلسا نورمال يەنە بىرى گەپقىلسا نورمالسىز بولغۇدەك؟ ھەببەللى گەپ دەل شۇ يەردە. چۈنكى بىزدە خۇدا بەرگەن جان ۋە ئەقىل، ئېغىز ۋە ئاۋاز پەردىسى بار. يەنە بىرسىدە بولسا ئۇلار يوق. سىزدىكى ئاشۇ جان، ئەقىل، ئېغىز ۋە ئاۋاز پەردىسىنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە ئەمەسمۇ؟ سىزنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىڭىزنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە ئەمەسمۇ؟ تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈشنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە ئەمەسمۇ؟ بىزگە يەنە قانداق مۆجىزە كېرەك!
    ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ تەپەككۇر قىلايلى! يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ئىنكاس بىلدۈرەيلى! ئۆلۈكتەك جىم تۇرىۋالمايلى! چۈنكى بىز جانلىق، ھايات ئادەم!!!
    چۈنكى بىز يۈرىكى سوقۇپ تۇرغان ئەركەكلەر!!! چۈنكى بىز قىزغىن ھاياتقا ئىنتىلىۋاتقان تىرىك ئادەملەر!!!
    كاللىمىزدىكى بارلىق ئىشلەيدىغان ھۈجەيرىلەرنى ئىشقا سېلىپ نىمە قىلىۋاتىمىز ۋە نىمە قىلماقچى ، نىمە قىلدۇق ۋە نىمە قىلىشىمىز كېرەك ئويلىنىپ كۆرەيلى!...

    2004-يىلى 10-ئاي

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق