خەلق ماقال تەمسىللىرى ئاددى ئەمەس ئىكەن

يوللىغۇچى : akram يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-29 16:19:00

ئىقتىساد ۋە تۇرمۇشتا ئېغىر سىناقلارغا كەلگەندىن كېيىن مەن ئەتراپىمدا دوستلىرىمنىڭ بارلىقىنى ۋە دۈشمەنلىرىمنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم. مانا ئەمدى مەن خەلق ماقال تەمسىللىرىنىڭ ئاددى ئەم...

       ئىقتىساد ۋە تۇرمۇشتا ئېغىر سىناقلارغا كەلگەندىن كېيىن مەن ئەتراپىمدا دوستلىرىمنىڭ بارلىقىنى ۋە دۈشمەنلىرىمنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم. مانا ئەمدى مەن خەلق ماقال تەمسىللىرىنىڭ ئاددى ئەمەسلىكىنى ھەر بىر ماقال تەمسىلدە بىر رومانغا تەڭ كەلگۈدەك ھايات ھەقىقەتلىرى بارلىقىنى ھىس قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
         «دوست باشقا قاراپتۇ، دۈشمەن ئاياققا» دىگەن سۆزنى مەن (تۇردى ئالماس) ئۇزۇندىن بۇيان ئويلۇنۇش ئارقىلىق ئاددى بىر سۆز ئەمەسلىگىنى ھىس قىلىپ يەتتىم.
        مەن بۇ سۆزگە مۇئامىلە قىلىشتا بىر قانچە يىللىق ھاياتىمنى باش ئاياق كىيىم بىلەن باي كەمبەغەللىكنىلا ئويلاپ تۈگۇتىپتىكەنمەن. ئەپسۇس بۇ ماقال تەمسىل  بۇنداق ئاددى سۆز ئەمەس ئىكەن!!!!!!!!!!!!!
         دوستنىڭ باشقا قارىشى- دوستىنىڭ بېشغا قانداق دىشۋارچىلىق كەلدى؟ ياردەم قىلىش مەقسىتى بىلەن قاراش!!
       دۈشمەننىڭ ئاياققا قارىشى - ئاياق كىيىمنىڭ كونا-يېڭىلققا قاراش ئەمەس!!! بەلكى نەگە ماڭدى، نەدە تۇردى، نىمە قىلدى....!!!! دىگەنگە ئوخشاش پايلاقچىلىق نەزىرى بىلەن قاراش ئىكەن.
        خەلق ماقال تەمسىللىرىدە بەزەن «سېسىق گەپ» لەرمۇ بار مەسىلەن: ئاتاڭنى ئۆلتۈرگەنگە ئاناڭنى بەر، كۆتىرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال، دىگەندەك
        ھەرقايسى تورداشلارنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈپ يەنە قانداق ئىسىل مەنالارغا تويۇنغان ماقال تەمسىللەر بولسا ئوتتۇرىغا تاشلاپ بىرلىكتە پىكىر قىلىشىمىزنى كەمتەرلىك بىلەن سورايمەن.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق