گۈل مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە پاراڭ

يوللىغۇچى : Ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-02 20:11:01

گۈل مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە پاراڭسەلىمە. ئا. كامال 1990-يىل 9- ئاينىڭ 11-كۈنى ئالمۇتا شەھىرىگە تۇغقان يوقلاشقا چىققانىدىم، ئىككىنچى كۈنى تۇغقانلىرىمىزدىن ماھشەكەر ھەدەم مېنى فرانسىيىنىڭ مەشھۇر ترا...



    گۈل مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە پاراڭ
     
    سەلىمە. ئا. كامال


       
         1990-يىل 9- ئاينىڭ 11-كۈنى ئالمۇتا شەھىرىگە تۇغقان يوقلاشقا چىققانىدىم، ئىككىنچى كۈنى تۇغقانلىرىمىزدىن ماھشەكەر ھەدەم مېنى فرانسىيىنىڭ مەشھۇر تراگېدىيىلىك ئەسىرى «ئايىدې» درامىسىنى كۆرۈ شكە تەكلىپ قلدى. تىياتىرخانا ئالدىدا خىلمۇ خىل گۈللەر سېۋەت، چېلەكلەرگە تىزىلىپ قاتار قويۇلۇپ كەتكەنىدى. كۈز ھاۋاسىدا رەڭگىگە، پۇرىقىغا قېنىپ ئېچىلغان گۈللەرنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم نېمىشقىدۇر يېرىم بولدى، روھىمدىكى بۇ ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبىنى باشتا ھېچ چۈشىنەلمىدىم . مەنمۇ دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلارغا ئوخشاش گۈزەللىكنى سۆيگۈچى، گۈزەللىككە ئېنتىلگۈچى ئىدىمغۇ!
       نەۋرە ھەدەم ئالتە روبلى چىقىرىپ ئىككى بېلەت ئالدى، 10 روبلىغا ئىككى دەستە گۈل ئېلىپ، بىرنى ماڭا تۇتقۇزدى. شۇ چاغدىلا يۈرىگىم «جىغ» قىلپ قالدى. مۇنداق گۈزەل گۈلدەستىلەرنى، گۈللەرنى نەدە كۆرگەندىمەن-ھە؟
       -ئاھ! يۇرتۇمدا، يۇرتۇمدا، بالا ۋاقتىلىرىمدا ئۆز يۇرتۇمدا كۆرگەنىكەنمەن.  
       بالا ۋاقىتلىرىم... دوغلاققىنە كەلگەن، بېغىررەڭ مانچېستېر دۇخاۋىسىدىن دوپپا كىيىپ، قۇلىقىغا ئەتىرگۈل غۇنچىسىدىن بىرنى قىستۇرۇۋالغان بىر گۈلچى دائىم مەھەللىمىزگە گۈل ساتقىلى كېلەتتى. ئۇنىڭ بىلىكىگە ئۆتكۈزۈپ كۆتۈرگەن سېۋىتىدە بىر نەچچە تالنى بىر قىلىپ، ھەر بىر تىزىقىغا بىر شاخ قىلياش (بىر خىل زىننەت ئۆسۈملۈكى، ئېچىلمايدۇ پەقەت پىلدىرلاپ تۇرغان نازۇك يپپۇرماقلىق بولىدۇ) قىستۇرۇپ تىزىلغان ئاق، سېرىق، بېغىررەڭ ئەتىرگۈل دەستىلىرى لىققىدە بولاتتى.
       -ئەتىرگۈل، ئەتىرگۈل، ئاپىڭىزغا، دادىڭىزغا، ئۇستازىڭىز، دوستىڭىزغا... ئەڭ ياخشى سوۋغات، بىر دەستىسى ئون تىيىن،- دەپ توۋلايتتى ئۇ.
       قىزلار ئۇنى ئورىۋالاتتۇق. گەرچە ھەر قايسسىمىزنىڭ ھويلىسىدا ئۆزىمىزگە چۇشلۇق گۈللۈك بولسىمۇ، گۈلچىنىڭ خۇددى شەبنەم تامچىلىرىدەك «سۇ مارجان» لار يالتىراپ تۇرغان (ئۇ كىشى گۈلنى كۆركەم بولسۇن، دەپ پات-پات سۇ سېپىپ قوياتتى) ئەتىرگۈللىرىنى دەستە-دەستە سېتىۋېلىپ قانغۇچە پۇرايتتۇق، مەن بەزىدە گۈلنى ئېلىپ مەكتەپكە چاپاتتىم، بوتۇلكىغا چىلاپ مۇئەللىمنىڭ ئۈستىلىگە قويۇپ قوياتتىم.
       تىياتىرخانىغا كىرىپمۇ ھاياجاندىن تىپچەكلىگەن يۈرىگىم خېلىغىچە ئارامىمنى بۇزدى. خىيالىم ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىركى مەزگىللەرگە كەتتى...
       غۇلجا شەھىرىدىكى ئىلى دەرياسىنىڭ بويىدا ئاكا-ئۇكا بوۋىلىرىم ئابدۇۋەلى كامال، ئابدۇمۇتالى كاماللارنىڭ بېغى يانمۇيان ئىدى. بۇ باغلار مىۋىلىك باغلار بولسىمۇ، مېنىڭ كۆز ئالدىمدا يەنىلا گۈللۈك باغچا قىياپىتىدە گەۋدىلىنەتتى. كىچىك بوۋام ئابدۇمۇتائالى كامالنى ئەسلىسەم، كۆز ئالدىمغا قولىغا كېسىدىغان يوغان ئورۇس قايچىسىنى تۇتۇپ، بېشىغا يېشىل مانچىستىر دۇخاۋىدىن تۆت قىرلىق دوپپا، ئۈستىگە ئاق چۈچۈنچىدىن كۆڭلەك كىيگەن ھالدا ئەتىر گۈللۈكتە تۇرغان ئاق يۈزلۈك، ئوتتۇرا بويلۇق بىر مۆتىۋەر كېلىدۇ. ئاكا-ئۇكا كاماللارنىڭ نەۋرىلىرى بەك كۆپ ئىدۇق. قىز نەۋرىلەر: «بوۋا گۈل كېسىپ بېرىڭە» دېيىشىپ ئۇنى ئورىۋالاتتۇق. قۇچىقىمىز ئەتىرگۈلگە توشسا تەتۈرگۈل غۇچچىدە ئېچىلغان چۆنەك بېشىغا باراتتۇق (توق سۆسۈن، سېرىق، گىرۋەكلىرى قارا رەڭدە بولۇپ، يەرگە قاراپ ئېچىلىدىغان بىر خىل گۈل بار ئىدى، بىز ئۇنىڭغا، تەتۈر گۈل دەپ ئات قويغانىدۇق). باغدىن شەھەردىكى ئۆيىمىزگە قايتقاندا سەبدە، چۇغلۇق، سېرىنگۈل، قىزىلگۈل، 80 ساپاق... ئەيتاۋۇر پەسىلگە قايسى گۈل ئۈلگۈرۈپ ئېچىلغان بولسا، شۇنى قۇچاقلاپ قايىتاتتۇق. مەن بېدە گۈلى، مامكاپ، چىغرىتماق گۈللىرىدىن چەمبىرەك ياساپ بېشىمغا كىيىۋېلىشنى بەك ياخشى كۆرەتتىم... خەيرىيەت، ئەمدى ئويلىسام گۈل ئىچىگە تۇغۇلۇپ، گۈل ئىچىدە ئۆسكەنكەنمىز.
       70- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ماڭا تۇتۇلغان بىر تال قىزىل گۈل غۇنچىسى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ۋۇجۇدۇمنى ياندۇرۇپ كەلمەكتە. «سوتسىيالىستىك تەربىيە ھەرىكىتى» گە بارغان كادىرلار بىلەن مەنمۇ كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئوچا گۇڭشى قارا ئۈجمە دادۈيىگە چۈشكەن ئىدىم. 1- ئەترەتتە كىشىلەر تەرىپىدىن «ئەخلەت» كە چىقىرىۋېتىلگەن سەيپۇل دىگەن بىر دېھقان بار ئىدى. 70 لەرگە يېقىنلاپ قالغان بۇ كىشى بويتاق ئىدى. نەشە چېكەتتى، ئىشلىمەيتتى، پاسكىنا ئىدى. خىزمەت گۇرۇپپىمىزدىكىلەر كۆپ خىزمەت ئىشلەپمۇ ئۇنىڭ ياشاش قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەي، ھالىغا قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغانىدى. بىر كۈنى يېزا باشلىقلىرى «سەيپۇلنىڭ بېغىدا ئېسىل ئاق كىشمىش ئۈرۈك بار، بېرىپ يەپ كېلەيلى» دەپ بىزنى ئۇ يەرگە باشلىدى. گۇرۇپپىمىزدىكى ئادىل ئاغاي، تاھىر ئاكىلار بىلەن باردۇق. سەيپۇلنىڭ ئەپتى ئادەمنى سەسكەندۈرەتتى، يۇڭ باسقان مەيدىسى قورسىقىغىچە ئوچۇق، تومۇزدا تۇماق كىيىۋالغاچقا، بېشىدىن ئاققان تەر گەدەنلىرىدىن قۇيۇلۇپ تۇراتتى. يالاڭئاياغ پۇتلىرى يېرىلىپ كەتكەنىدى. سەيپۇل بىر لىگەنگە ئۈرۈكنى تولدۇرۇپ تۆكۈپ، ئالدىمىزغا سالغان كىر داستىخاننىڭ ئۈستىگە قويدى-دە، غايىب بولدى.
       -سەيپۇلنىڭ خۇمارى تۇتتىمۇ نېمە؟
       يالغۇز ئۆچكىسىنى سويۇپ سالمىسۇن يەنە.
       ھېچكىم ئۇنىڭ كېتىشىنى ياخشىلىققا جورۇمايتتى. بىر ھازادىن كېيىن، ئۇ باغدىن چىقىپ كەلدى، قولىدا قىزىل گۈلنىڭ چوغداك غۇنچىسى تۇراتتى.
       ئۇ ئۇدۇل ئالدىمغا كەلدى، تارشىدەك قېتىپ كەتكەن قوللىرى سېزىلەرلىك تىتىرەيتتى. ئۇ گۈلنى ماڭا ئىككى قوللاپ سۇندى، ئەتراپتىكىلەر ئۈن-تىنسىز قاراپ قېلىشتى.
       مەن شۇ چاغدىلا ئالدىمدىكى جانغا سەپسالدىم: ھاياتتىن ھېچقانداق ئۈمىد كۈتمەيدىغان، خەقنىڭ نەزىرىدە «ئادىمىيلىكتىن چىققان» بۇ جان گۈزەللىككە ئېنتىلگۈچى، ئۇنى سۆيگۈچى، جسمىدىكى ھاياتقا بولغان مۇھەببەت يالقۇنلىرى تېخى ئۆچمىگەن بىر ئىنسان ئىدى. بەلكىم، ئۇ مېنى ئۆز قىزىدەك كۆرۈپ گۈل سوۋغا قىلغاندۇ؟ ياكى يىگىتلىك مەزگلىدىكى جاسارىتى قايتىدىن ئۇرغۇپ، ئۆز كۆڭلىنى گۈل بىلەن ئىزھار قىلغاندۇ، ياكى تەبىئەتكە، گۈزەللىككە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىمەكچى بولغاندۇ؟ مەيلى قانداقلا بولسۇن بۇ دۇنيانىڭ ھەممە ۋەسۋەسسىىدىن كەچكەن بۇ بوۋاي ئەجدادىدىن قالغان گۈل مەدەنىيىتىدىن كەچمىگەنىدى. كۆڭلۈمدە تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا ھۆرمەت تۇيغۇسى پەيدا بولدى، قانلىرىم قىزىدى، غۇنچىنى قوبۇل قىلىۋاتقىنىمدا مېنىڭمۇ قوللىرىم تىتىرىدى.
       مەن بۇ يەردە گۈل مەدەنىيىتى تارىخىمىزدىن مىساللار كەلتۈرمىدىم، پەقەت ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن گۈل مەدەنىيىتىمىزگە ئائىت كەچۈرمىشلىرىمنىڭ ئاز بىر قىسىمىنىلا ئاشكارىلىدىم، خالاس. نېمە ئۈچۈن؟
       بۇ يىل «8-مارت» خەلقىئارا ئاياللار بايرىمى ھارپىسىدا تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتىم. «يېڭى زىلالە» گۈل دۇكىنى توغرىسىدىكى ئېلانغا ئوخشاپ كېتىدىغان مەخسۇس پىراگىرامما كۆرسىتىلدى. قولقىغا بىر تال ئەتىرگۈل تۇتۇپ تۇرغان رىياسەتچى:
       -... خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆسكەندىن بۇيان، تەبىئىي گۈلگە بولغان ئېھتىياجى كۈچەيدى...
       جۈملە ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا تېلېۋىزورنى ئۆچۈردۈم، چۈنكى يۈرىگىم ئازار يېگەندى. ئۇزۇندىن  بۇيان گۈل مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە كۆرگەنلىرىمنى يېزىپ قوياي، دەپ ئويلاپ يۈرگەن، لېكىن قولغا قەلەم ئالالمىغانىدىم، شۇ كۈنى ئۈستەلدە ئولتۇردۇم-دە، قەلەم-قەغەز كەلتۈردۈم.
       گۈل گۈزەللىكنىڭ، پاكلىقنىڭ، ئامانلىقنىڭ، مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى. بىر ئۇيغۇر ئايدالاغا تۆت تام چۆرىدىمۇ، ئىشىك ئالدىدىن كىگىزدەك يەر ئېچىپ ئاۋۋال گۈل تېرىيدۇ، ئاندىن ھەشقىپچەك، قاپاق، ئۈزۈم، تىلغا باراڭ ياسايدۇ. ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ خاس ئىسىملىرىمۇ، دوپپىسىمۇ، ھەتتا ئېتىكى، ئىچ كىيىمىمۇ گۈل بىلەن بېزىلىدۇ. 70 ياشلىق موماي پىيازلىقتا ئوت ئوتاپ، پىيازدىن بىر سىقىم يۇلۇپ قايتقىنىدا قىر بېشىدىكى رەيھاندىن بىر تال ئېلىپ چېكىسىگە قىستۇرۇۋېلىشنى ئۇنتۇماپتۇ. ئوما ئورۇۋاتقان دېھقان يىگىتكە سوغۇق چاي ئېلىپ ماڭغان كېلىن باغدىن قىپقىزىل گۈل ئۈزۈپ چېكىسىگە قىستۇرىدۇ-دە، دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل«مەلىكە» ھېسسىياتىغا چۈمۈپ، مەغرۇر مېڭىپ، «شاھزادە» سى يېنىدا پەيدا بولىدۇ.
       توغرا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسى ئۆستى، بۇ پاكىت. ئەمما، شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەككى، دۇنيا تەرەققىياتتىن بىر مىنۇتمۇ توختىغىنى يوق، شۇنداق ئىكەن، يەر شارىنىڭ بىر قىسىمىدا ياشاۋاتقان ىەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاخىرقى رەتتە بولسىمۇ يىللارغا، ئەسىرلەرگە ئۆز قەدەم ئىزىمىزنى قالدۇرۇپ، ئالغا سىلجىيمىز، ئالۋەتتە. شۇ ئۇزاق دەۋىرلەر داۋامىدا بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزمۇ ئاز‍ئەمەس. بىز ئاشۇ مىراسلىرىمىز بىلەن پەخىرلىنىشكە، ئۇنى بىيىتىشقا، داۋاملاشتۇرۇشقا ھەقلىق، ئەنە شۇ مىراس مەدەنىيىتىمىزنىڭ بىرى گۈل مەدەنىيىتىدۇر. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ كاساپىتى،  ئۆزىمىزنىڭ نادانلىقى، شۇ يىللاردا ئىقدىسادى ئەھۋالىمىزنىڭ ناچارلىشىشى تۈپەيلىدىن گۈل مەدەنىيىتىمىزنىڭ، گۈل بازىرىنىڭ ۋەيران بولغىنى راست، ئەمما يوقالغىنى يوق. بۇنىڭغىمۇ پاكىت كەلتۈرەلەيمەن: 70-يىللاردا بىر يۇرتدىشىم توي قىلغانىدى. بالىلىق بولغاندىن كېيىن يولدىشى چەتئەلگە كېتىپ خېلىغىچە كېلەلمىدى، ھېلىقى ئەقىللىق ئانا خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا تەشتەكتە گۈل ئۆستۈرۈپ سېتىپ ئائىلىسىنى ئوبدانلا قامدىغانىدى. گۈلگە بولغان ئېھتىياج ھۈزۈلگەن، خەلقىمىز گۈل مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇغان بولسا، شۇ يىللاردا كىرىمى ناھايىتى تۆۋەن بولۇۋاتقان شەھەرلىكلەر گۈل سېتىۋالارمىدى؟
       دېمەكچىمەنكى، بىزدىكى گۈل مەدەنىيىتى، گۈلگە بولغان ئېھتىياج «تۇرمۇش سەۋىيىمىز ئۆسكەندىن  كېيىن» باشلانغىنى يوق، مەسئۇلىيەتسىزلىك، نادانلىق بىلەن سۆزلىسەك ئۆزىمىزنى، ئەۋلادىمىزنى نۇمۇسقا قويغان بولىمىز.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.