قارمايلىق دوستلىرىم ياردەم قىلساڭلار

يوللىغۇچى : ptg725 يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-24 12:44:23

مەن كورلا شەھىرىنىڭ باغراش ناھىيىسىدىن، مىنىڭ دادام كورلاشەھىرىنىڭ قاراشەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ شۇيەردە ماكانلاشقان ، دادامنىڭ مەرسىدىخان دەپ بىر ئاچىسى بۇلۇى(يولدىشىنىڭ ئىسمى مەھمۇت موللام...

    مەن كورلا شەھىرىنىڭ باغراش ناھىيىسىدىن، مىنىڭ دادام كورلاشەھىرىنىڭ قاراشەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ شۇيەردە ماكانلاشقان ، دادامنىڭ مەرسىدىخان دەپ بىر ئاچىسى بۇلۇى(يولدىشىنىڭ ئىسمى مەھمۇت موللام) ، ېۇ ئاچىسىنىڭ گۈلسۈمخان ئىسىملىك قىزى بولغانكەن ، ئۇ قىز ئەينى يىللىرى يەنى( 60نەچچىنچى يىللىرى )ئەھەت قۇربان ئىسىملىك قارمايلىق بىرگە ياتلىق بۇلۇپ قارمايغا كەتكەن ئىكەن ، كىيىن  ، ئەكبەر ئەھەت، ئەنۋەر ئەھەت ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل توغقان ، مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە  ، گۇلسۇمخان ئاچىمىزنىڭ سولتان مەھمۇت، ئىسىمىلك ئۇكىسى ئاچىسىنى ئىزدەپ قارمايغا كەتكەن ، سۇلتان مەھمۇت قارمايغا بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، دادام گۇلسۇمخان ئاچامنى يولدىشىدىن ئاجىرىشىپ كەتتى دىگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان ، ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۇپ ، دادامغا گۈلسۇمخان ھەدەمدىن نوپۇسىنى قارمايغا يۆتكەپ كېتىش توغرىسىدا خەت كەلگەن ، دادامنىىڭ ئېسىدە قېلشىچە شۇيىلى مەدىنىيەت ئىنقىلابى ئاخىرلاشقان يىلكەن ، 76-يىلى بۇلۇشى مۇمكىن ، دادام شۇ يىلدىن باشلاپ گۈلسۇمخان ئاچىمىز بىلەن تاكى ھازىرغىچە ھىچقانداق ئالاقە قىلالمىغان ، ئەينى يىللىرى قارمايغا بېرىپ ئىزدەپ بېقىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ، قاتناش قولايسىزلىقى ، ۋە تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن بارالمىغان ئىكەن ، مانا ئەمدى ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى ، گۈلسۇمخان ئاچىمىز ۋە باللىرىنىڭ ، سۇلتان مەھمۇت ئاكىمىزنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكىنىمۇ بىلمەي يۈرىمىز ، دادام ھازىر 70دىن ئاشتى ، ھەر قىېتىم شۇ تۇققانلىرى تىلغا ئالغىنىدا ئۆيدىكى ھەممەيلەننىڭ كۆڭلى قاتتىق بىئارام بۇلىدۇ ، دادام نەچچە قېتىم قارمايغا بېرىى ئىزدەپ بېقىشنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ سالامەتلىگى ياخشى بولمىغاچقا بىز ئۇنىماي قويۇپتۇق ، بۇيىل 7-ئايدا يۇرتقا قايتقاندا دادام يەنە شۇ تۇققانلىرىنى ئىزدەپ ئۇرۇمچى تېلۋىزىيە ئىستانىسىدا ئېلان بىرىشنى ېوتتۇرغا قويدى ، بىز ئاۋال توردا ئېلان بېرىپ سىناپ بېقىشنى قارار قىلدۇق . تورداشلارنىڭ بۇ ئىشقا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۇپ ، ياردەم قىلىشنى سورايمەن !بۇمىنىڭ چى چى نۇمۇرۇم ، ئۇچۇر بولسا ئەۋەتىشىڭلارنى چىن كۆڭلۇمدىن ئۇمۇت قىلمەن .
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر