ھاراق ئىچىۋاتقان ئۇيغۇر چوكانلار

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-11 01:58:08

ھاراق ئىچىۋاتقان ئۇيغۇر چوكانلار ئا يال كىشى دېگەن ئاچچىق-چۈچۈك لەمپۇڭ،راڭپىزا،سوزىمىيەن،مالاچۈئەر...دېگەندەك بىر نەرسىلەرگە ئەجەپمۇ ئامراق كېلىدۇ...ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئايالىم بىلەن، قومۇلدىك...

    ھاراق ئىچىۋاتقان ئۇيغۇر چوكانلار

         ئا يال كىشى دېگەن ئاچچىق-چۈچۈك لەمپۇڭ،راڭپىزا،سوزىمىيەن،مالاچۈئەر...دېگەندەك بىر نەرسىلەرگە ئەجەپمۇ ئامراق كېلىدۇ...ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئايالىم بىلەن، قومۇلدىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر خوتۇن- قىزلىرى،ھەمدە يىگىت-ئەرلىرى چىۋىندەك ئولۇشۇپ كېتىدىغان مىڭيۆ<< مالاچۈئەر>>خانىسغا كەلدۇق...ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا بۇ ئۇيغۇر بازىرىنى قۇرۇتتەك لۆمۈلدەپ يۈرۈشكەن كشىلەر تولىمۇ ئاۋاتلاشتۇرىۋەتكەن ئىدى...كاۋاپچىلارنىڭ << تېخى يۈزى ئېچىلمىغان،سۈننەت قىلمىغان پاخلانلىرى >> كاۋاپقا ئۆزگىرەپ كىملەرنىڭدۇر كانەيلىرىدىن بارار جايىغا كىرىپ كېتىۋاتقان، ھاراق-شاراپلار بىكارنىڭ نەرقىدە ئىچىلىۋاتقان...كۆرۈنۈشلەر مىڭەمنى قۇچىۋەتتى...


    بىز بىر ئورۇننى تەسلىكتە ئىگىلەپ ئولتۇرۇشتۇق...لېكىن ئايالىم بىلەن ئىككىمىزنىڭلا بۇ ئورۇندىن كۆچكىمىز كەپ قالدى...نىمشقا دەمسىز؟! ھە ئۇ بىز ئولتۇرغان شىرەنىڭ يېنىدىكى شىرەگە يارمىغان كۆتەكتەك ئىككى نەپەر،شوراپ تاشلىۋەتكەن شوغۇلىدەك 3 نەپەر،قۇيرۇقىنى تىك كۆتۈرۈۋالغان مايمۇندەك 3نەپەر جەمئىي سەككىز نەپەر يېشى 30-35ياشلار ئۆپچۆرىسىكى<< ئانا>>لار غۇلجا چاقچاقلىرىنى ئاڭلاۋاتقاندەك،ئېغىل-قوتانلىرىمىزدىكى بورداۋاتقان قېرى ئۆچكىلەردەك ئاجايىپ كاتتا دەبدەبىدە ئۈزۈپ-ئۈزۈپ<< مەرىشىۋاتاتتى>> تۇرۇپلا يەنە قانداقتۇر ئۆز خىلىنى كۆرگەندە قاتتىق قاۋاپ كېتىدىغان ئىتلار،ئېشەكلەرنى ئەسلىتەتتى...پۈتكۈل كوچىدىكىلەرنىڭ كۆزى ئاشۇ ئۈستەلگە مەركەزلەشكەن بولسىمۇ ئۇ << چىرايلىقلار>> تەپ تارىتماستىن<< ئېشەك سۈيدۈكى>>نى بوتۇلكىسى بىلەن تىكلەپ قويۇپ مەززە بىلەن شۈمەپ ئىستىمال قىلىشماقتا...

        ئۇلارنىڭ ئاغىزلىرىدىن ئېقىۋاتقان يۇندىلارنىڭ سېسىق پۇرىقى تۆت كوچىنى سېسىتىپ ساراڭ قىلىۋەتتى. ھاياسىز چاقچاقلارنى مۇڭلۇنۇپ ئاڭلاپ مالاچۈئەرنى ماكاشلىتىپ چايناپ يەپ ئولتۇراتتۇق...ئۇلارمۇ جىمى يارىماس ئەرلەر بىلەن بەسلىشىۋاتقاندەك ھېچ بىر توختايدىغاندەك ئەمەس....توۋۋا بۇ چىرايىدىن،كىيىۋالغان ئەسكى پۇرۇشلىرىدىن ئادەمگە ئوخشايدىغان ئادەم ئەمەسلەرنى قانداق لاتا-پىتە،ماز-پاينەك،يۇمشاقباش،لەقۋا،لامزەللە ئەر ئۆيىدە تۇتۇپ ئولتۇرۇشقان بولغاي ھە؟! ئۇلارنى خوتۇن دەپ تۇتقۇچە ئا تەتەي لوبەنلەردەك پىستەك يېتىلىشىپ يۈرسىچۇ...جېنىغا ئوۋال قىلماي...بۇ يەردە دىن،ئېتىقادتىن ئېغىزلىنىشىمنىڭ ئورنى قالمىدى. شەرمى-ھايا،نۇمۇسنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ قىلچىلىك ئەھمىيىتى يوق. پىسخولوگلارنىڭ ئېيتىشىچە : مەي ئىچىشمۇ بىرخىل پىسخىك توسالغۇلارنىڭ بولغانلىقىدىن يۈز بېرىدىكەن...جەمئىيتىمىز تەرەققىي قىلغانچە بىز ئۇچراۋاتقان بېسىملارمۇ بەك كۆپۈيۈپ كەتتى...شۇ خوتۇنلارنىڭ ئارىسدا خىزمىتىمدىن قاچان قالارمەن دەپ يۈرگەن مۇئەللىمەلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنچىم كامىل...ھەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەرلىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي ئاجراشقانلار بىتەلەي،شور پىشانىلەرمۇ بولىشى مۇمكىن. كېچىچە قىمار ئويناپ،سۈيدۈك پۇراپ ئۆيىگە كىرمەيدىغان بىچارە مەخلوقلارنىڭ ھەم ئاجىزەلىرى بار...ۋەياكى مۆمىن ئەرلىرى ئۆيىدە بالىسىغا قاراپ ئولتۇرۇشقانلار ھەم باردۇ...لېكىن ئۇلارنىڭ پىسخىكىسى توسالغۇغا ئۇچىراپ كوچىدا رەسۋالارچە ھاراق ئىچكۈدەك بولغاندىكىن ئۈرۈمچىدىكى 4-دوختۇرخانىغا ئاپىرىۋېتىشىمىز كېرەك ھە؟!چۈنكى ئۇلاردا ھايا ۋە ئەدەپ يوقالغان ئۇيغۇر قىزى ھەم بىر ئانا بولغان تۇرۇقلۇق خەلقى ئالەم ئالدىدا بۇنچە ھايانى بىلمىگەندىكىن ئۇلارنى ساراڭ دېمەي نىمە دەيمىز!!! بەلكىم بۇ سەككىز جۇگان تورغا چىقمايدۇ...ئۇلاردا ئۇنچىلىك سەۋىيەنىڭ بولىشىغا ئىشەنمەيمەن. بىراق شۇنى تورداشلار دېگۈم كېلىۋاتىدۇ...ئەتىراپىڭىزدا ،كوچا،رېستۇران،ئايرىمخانىلاردا ئىچىشۋازلىق قىلىدىغان ھەدە -سىڭىللىرىڭىز بار بولسا دەپ قويۇڭ! چاكچاكتا،باغداشتا سېنى تىللاپ كېتىپتۇ جېنىم ئاچا..ئۇيات،ئۇيات...ئەمەسمۇ؟! نومۇس قىلمامسەن....يەنە بار تېخى: تاماكا چىكىدىغان قىزلار مەۋجۇتمىش....ئۇلار خەنزۇلار ئاشقان قاۋاقلارغا ئۈچ-تۆتتىن كىرىۋېلىپ تاماكىنى شۈمەكتەك شوراپ،سۈيدۈكنى تامشىپ ئىچىپ بەخارامان كەيىپ قىلىشىدىكەن...ئاڭلىسام ئېكىس،ئىگىرىك ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغۇچى قىزلار ئارىسىدا تاماكاچېكىدىغان،ھاراق ئىچىدىغان،ئۆزىدىن چوڭ خەققە ئاشنا بولىدىغان قىزلار بارمىش...تېخى دوقمۇشلاردىكى دورىخانىلارغا << بالا چۈشىرىدىغان دورا>> ئالغىلى كىرىدىغان 13-15ياشلىق قېرى قىزلار دائىملىق خېرىدار ئىكەن...ئەنە يۇقىرىدا بايان قىلغان سەككىز ئانىنىڭ قىزلىرى دەل مۇشۇنداق كۈنگە دۇچار بولغۇسى...
    مىللىي ئەنئەنە،ئېتىقادى يوقالغان قەۋىمنىڭ يەنە نىمىسىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ!؟ خوتۇنلىرىمىز ،بالىلىرىمىز شۇنداق بۇزۇلۇپ كەتسە...بىز قانداقمۇ تېنىچ،ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ئاكىتىپ ئاۋانگارتلىرى بولالايمىز؟قانداقمۇ مەيخور مىللەتنىڭ ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشقا قۇربى يەتسۇن...
    شۇ كۈنى ئۇلار بىر سائەتچە ئىچكەندىن كېيىن ئاستا ۋاقىرىشىپ-جاقىرىشىپ كوچىنى بېشىغا يېرىم كىيمەي سورۇندىن تارقاشتى...ئارىدا بىرى ئەرلەردەك قېيىپ قاپتۇ...ئۇ دەلدەڭشىپ كېتىۋېتىپ...ئەتىراپىغا ئاڭلانغۇدەك ئاۋازدا...<< بۈگۈن ئېرىم بىلەن راسا مۇڭدىشىمەن >> دەپ بولۇپ سەت كۈلمەكتە...نومۇس قىلمايدىغان بۇ خوتۇنلار كۆز ئالدىمدىن يوقالغان بولسىمۇ...ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك سىماسى قەلبىم تۆرىگە پىچاق بىلەن ئويغاندەك ئويۇلۇپ كەتتى...مەن ئۇلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن...نەپرەت بىلەن ئەسلەپ تۇرىمەن...سىزچۇ؟!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ھاراق ئۇيغۇر