كۈندىلىك خاتىرە

يوللىغۇچى : sahrakizi يوللىغان ۋاقىت : 2011-10-07 00:17:25

ئىككى يىللىق ئوقۇش ھاياتىم باشلاندى.بىز ئۇيەر بۇ يەردىن بولۇپ 40 تەك ئوقۇغۇچى بىر سىنىپتايىغىلدۇق. خۇددى بىز بىر بىرىمىزدىن ئەيمەنگەندەك يەر تىگىدىن كارىشاتتۇق،ناتۇنۇش چىرايلار .......كۈنلەنىڭ ئ...



     ئىككى يىللىق ئوقۇش ھاياتىم باشلاندى.بىز  ئۇيەر بۇ يەردىن بولۇپ 40 تەك ئوقۇغۇچى بىر سىنىپتا يىغىلدۇق. خۇددى بىز بىر بىرىمىزدىن ئەيمەنگەندەك يەر تىگىدىن كارىشاتتۇق،ناتۇنۇش چىرايلار .......

    كۈنلەنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆتىشى بىلەن ساۋاقداشلار ئارا تۇنۇشتۇق.يۇرت ماكانلىرىمىزنى بىلىشتۇق .مانا شۇنداق قىلىپ ھەممىمىز خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك خۇشال خوراملىق ھىس تۇيغۇلار ئىچىدە ئوقۇپ گۈزەل ئارزۇلار ئىچىدە ئىككى يىلنى مەنىلىك ئاخىرلاشتۇردۇق،كۆزىمىز قىيمىغان ھالەتتە بىر بىرىمىز بىلەن خوشلۇشۇپ ياخشى تىلەكلەرنى تىلەشتۇق.

    ئانامنىڭ تەسىر كۈچى بىلەن ياخشى بىر باشلانچۇچ مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتىم.ئۇچ يىلنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى بىلمەيمەن ئوقۇتقۇچىلىق ئىشتىياقىم مىنى ئەستايىدىل ،كەسىپنى قىزغىن سۆيىدىغان قىلىپ تەربىيەلىگەچكىمىكىن كۈنلەنىڭ شۇنچە تېز ئۆتۈپ كەتكىنىنى سەزمەيلا قاپتىمەن.مەن بالىلارنى سۆيەتتىم ۋە ئۇلارنى كۆز قارچوغۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسرايتتىم.

     ئۇلارغا نۇرغۇنلىغان ناخشىلارغا سائەت سائەتلەپ ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلارنى ئېيتىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنىگە بولغان ئىرادىسىنى  تاۋلايتتىم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.