تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت(كىرىيە خاتىرىسى)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-22 20:29:35

تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت كېرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنى ئىلمىي تەكشۈرۈش خاتىرىسى ئۆمەرجان ئىمىن «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى، ياش تەتقىقاتچى ئۆمەرجان ئىمىن ئۆتكەن يىلى ژۇرنال خىزمىتى...

    تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت

     كېرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنى ئىلمىي تەكشۈرۈش خاتىرىسى

    ئۆمەرجان ئىمىن


        «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى، ياش تەتقىقاتچى ئۆمەرجان ئىمىن ئۆتكەن يىلى ژۇرنال خىزمىتى بىلەن خوتەندە تۇرغان مەزگىلىدە، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مەخسۇس ھۆججەت چىقىرىپ تەستىقلىشى بىلەن قىسقا مۇددەتلىك «قۇملۇق ئەركىسى» ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنى تەشكىللىگەن. خوتەندىكى بىر قىسىم ياش تەتقىقاتچىلاردىن تەشكىل قىلىنغان بۇ ئەترەت كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماددىي - مەمۇرىي جەھەتتىن قوللىشى بىلەن، 2002 - يىلى 10 - 11 - ئايلاردا كېرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى تەبىئىي بوستانلىق  دەريا بويى يېزىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ قەدىمىي سىرلىق ۋادىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئەھۋالى، دەريا بويى كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى، فولكلور - ئىتنوگرافىيىسى، تىل - شىۋە ئالاھىدىلىكى... ئۈستىدە جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، تۆگە بىلەن تەكلىماكان چۆللۈكىدە ئون كۈنگە يېقىن سەپەر قىلىپ، قۇملۇقنىڭ مەركىزىي قىسمىدىكى يۇمىلاققۇم، قارا دۆڭ، مارجانلىق قاتارلىق قەدىمىي شەھەر خارابىلىرىغا بېرىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش - تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، تارىم ۋادىسىنىڭ تارىخ - ئارخېئولوگىيىسىگە، جۈملىدىن دەريا بويى خەلقىنىڭ ئىتنىك مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك  مۇھىم بىرىنچى قول ماتېرىياللارغا ئېرىشكەن. ئاپتور «قۇملۇق ئەركىسى» ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ھەم  يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇ قېتىمقى ئىلمىي تەكشۈرۈش پائالىيىتىنىڭ ئەمەلىي خاتىرىسى ئاساسىدا ئۈچ بۆلۈم، 20 بابتىن تەركىب تاپقان «تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت: كېرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنى ئىلمىي تەكشۈرۈش خاتىرىسى» ناملىق كىتابىنى يېزىپ پۈتتۈرگەن. بىز «قۇملۇق ئەركىسى»ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ  بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيىتىنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن مەزكۇر كىتابتىن پارچە بەردۇق.

    بۇ گەپلەرگە ئوت گۇۋاھ

    10 - ئۆكتەبىر، پەيشەنبە.
    يېقىنلا جايدىن كېلىۋاتقان مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازىدا ھەممىمىز ئويغىنىپ كەتتۇق ھەم دەريا بويى يېزىسى بىلەن تېزرەك تونۇشۇش ئىستىكىدە، چالا ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىمىزنى تەستە ئېچىپ سىرتقا يۈگۈرۈشتۇق. ئەتراپ ياپراقلىرى  قىزىرىپ گۈزەل تۈسكە كىرگەن يوغان توغراقلار بىلەن قاپلانغان، قۇياش تېخى كۆتۈرۈلۈپ چىقمىغان بولسىمۇ، يەر يۈزى خېلىلا يورۇپ قالغانىدى. بىز ياتقان لاي تاملىق ئۆينىڭ ئۇدۇلىدىكى يازلىق ساتمىدا ئوت كۆيۈپ تۇراتتى. ساتما ئىچىدىن كېلىۋاتقان گۇڭۇر - مۇڭۇر پاراڭ ئاۋازىدىن ئابلا كېرەم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېڭى بىر كۈنلۈك پائالىيىتىنى باشلىۋەتكەنلىكىنى جەزم قىلىشقا بولاتتى. بىز توغراق بادرىلىرى بىلەن بالداق توساق ھالەتتە تام چۆرۈلگەن كەڭرى ھويلىدا ئەزەلدىن ئۇچرىتىپ باقمىغان ساپ - سالقىن ھاۋادىن ھۇزۇرلىنىپ تۇرۇشقىنىمىزدا، ئابلا كېرەم ئائىلىسىدىكى چوڭ - كىچىك ھەممەيلەن ساتمىدىن چىقىپ بىزگە سالام قىلدى.
     ئوبدان قوپۇشاپلىما؟
     خۇداغا شۈكرى، ئوبدان قوپۇپتۇق. ھەرقايسىلىرىمۇ ئوبدان قوپۇشۇپلا، بىزمۇ بىر ئېغىزدىن ئۇلارنىڭ سالىمىغا سالام بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشتۇق.
     دەي بويى دېگەن مۇشتاق چۆل ژۇت مانا، قىينىلىپ قېلىشالىمىكىن، مېڭىشسىلا ئوتلاققا كىرىلى، ئابلا كېرەم بېشى بىلەن يازلىق ساتمىنى ئىما قىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.
    بىز تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ مەركىزىگە توغرا كېلىدىغان بۇ يەردىكى تۇنجى سەھەرنى قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشى مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ئالدىراپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭغا ئۆزرە قويۇپ سىرتقا ماڭدۇق.
     يۈسۈپجان، مەختەپتە بىي ئېغىز ئوقۇغۇچىلار ياتىغى بىكا بوتقان، مېمانلا بۈگەندىن باشلاپ شۇ يەدە تۇرسۇن، تامىقىنىمۇ ئاينىساخاننىڭ ئاشخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەلى، ئابلا كېرەم بېشىنى ھويلا تېمىنىڭ رولىنى ئوينايدىغان توغراق بادرىلىرى ئارىسىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ يۈسۈپجانغا شۇنداق جېكىلەپ قويدى.
    بىز يۈسۈپجاننىڭ يول باشلىشى بىلەن بىر تەنتەربىيە مەيدانىچىلىك كۆلەمدىكى بوشلۇققا جايلاشقان يېزا مەركىزىنى  قويۇق چاتقاللىق ئارىسىغا جايلاشقان يېزىلىق ھۆكۈمەت ئورگىنى، بىر ئېغىزلىق ئۆيلەردىن تەركىب تاپقان ساقچىخانا، مەدەنىيەت پونكىتى، زامانىۋى ئۇسلۇبتىكى شىپاخانا ۋە مەكتەپنى كېسىپ ئۆتۈپ، 8  10 ئېغىزلىق قىڭغىر - قىيسىق ئۆيلەردىن ھاسىل قىلىنغان يېزا بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغىراق توغرا كېلىدىغان ئېگىز بىر دۆڭ ئۈستىگە چىقتۇق. بىزنى ئوراپ تۇرغان جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان تار ئەنلىك يېشىللىق كارىدورىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شەرق - غەرب تەرىپىمىزدە بىپايان قۇم دېڭىزى يېيىلىپ ياتاتتى. بىز گويا دېڭىز گىرۋىكىدە تۇرۇپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن قىممەتلىك نەرسىنىڭ تۇيۇقسىز سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىپ قېلىشىنى  كۈتۈپ  تۇرۇشقان كىشىلەردەك كۆزىمىزنى شەرق ئۇپۇقىدىكى قۇم يۈزىدىن  قۇياش چىقىدىغان پەيتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دالالەت بېرىپ بارغانچە توق رەڭگە كىرىپ كېڭىيىۋاتقان قىزىللىقتىن ئۈزمەي تۇرۇشتۇق. غەيرەتنىڭ فوتوئاپپاراتىدىن  چىقىۋاتقان «تىرىق - تىرىق» قىلغان ئاۋازنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئارىنى ئېغىر سۈكۈنات باستى. توساتتىن گويا قۇم ئاستىدىكى نامەلۇم كۈچتۈڭگۈر تەرىپىدىن زەرب بىلەن ئۇرۇلغان ھىلال ئاي شەكىللىك قىلىچنىڭ يېلىنجاپ كۆيۈۋاتقان ئەگرى بىسى قۇمنى تېشىپ چىققاندەك قۇياشنىڭ ئۈستۈنكى ئەگمىسى قۇم يۈزىگە كۆتۈرۈلدى. مەن ئون يىللار ئىلگىرى شەنشىدىكى خۇاشەن تېغىدا قۇياشنىڭ سۇنى يېرىپ چىققانلىقىنى كۆرگەن. بۈگۈن بولسا تارىمنىڭ يۈرىكىدە تۇرۇپ قۇياشنىڭ قۇمنى يېرىپ چىققانلىقىنى كۆردۈم. قۇياش ئېغىر قۇم ئاستىدىن تەستە سۇغۇرۇلۇپ چىقىۋاتقاندەك ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، بارغانچە يوغىناپ، ئاخىر ئۆزىنىڭ دۈپ - دۈگىلەك ھالىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. تەكلىماكاننىڭ مەركىزىدىكى بۇ سىرلىق بوستانلىقتىمۇ يېڭى بىر كۈنلۈك ھاياتلىق باشلاندى. بىز بارغانچە ئىللىپ بېرىۋاتقان پاكىز قۇم ئۈستىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشۇپ قۇياشنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆتۈرۈلۈش ھالىتىنى تاماشا قىلىشتۇق. ئارىدىن قانچىلىك ئۆتتىكىنتاڭ، قۇياش ئارغامچا بويى كۆتۈرۈلۈپ، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك نۇرىنى يەر يۈزىگە سېپىشكە باشلىدى. ھارارەتلىك نۇر تەپتىدە كۆزلەر چاڭقىيىپ، ئۇنىڭغا داۋاملىق قاراش مۇمكىن بولمىدى. بىز ئەتە سەھەردە يەنە مۇشۇ دۆڭ ئۈستىدە قۇياشنىڭ چىقىشىنى كۈتۈۋېلىشنى پىلان قىلىپ، ئورنىمىزدىن تۇرۇشتۇق. مەن قۇم دۆڭنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىغا چىقىپ ئەتراپقا كۆز تىكتىم. دۇربۇن بىلەن يىراق - يىراقلارنى كۆزەتتىم. تەكلىماكان قۇملۇقى كۆيمەكتە، زېمىن كۆيمەكتە ئىدى. دەريا بويى يېزىسىنى نۇقتا قىلىپ شىمال تامان سوزۇلغان چەكسىز توغراقلىق ئۆزىنىڭ كۈز پەسلىگە خاس قىزارغان ياپراقلىرى بىلەن شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قىزىل قۇياش نۇرىدا ئوتقاشتەك جۇلالىنىپ، يېلىنجاپ كۆيۈۋاتقان ئوت دېڭىزىغا ئوخشاپ قالغانىدى.
    يېزا مەركىزىگە قايتىپ كېلىۋېتىپ يۈسۈپجان ماڭا يېزىنىڭ بارلىق يىغىن - مەسلىھەتلىرى ھەم يۇقىرىدىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈش - قوندۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئابلا كېرەم ئائىلىسىدە بەجا كەلتۈرۈلىدىغانلىقى، گەرچە ئابلا كېرەم يېزىنىڭ سېكرىتارلىقى، يېزا باشلىقلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىن ئارقا - ئارقىدىن چېكىنگەن بولسىمۇ، لېكىن دەريا  بويىلىقلارنىڭ ئۇنى يەنىلا ئەڭ چوڭ رەھبەر ئورنىدا كۆرۈپ ھۆرمەتلەيدىغانلىقى، يېزا تەۋەسىدە ئۇ قول تىقمىغان ئىشنىڭ ئىش بولمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ دەريا بويىنىڭ پۈتۈن ئەھۋالىنى بەش قولدەك بىلىدىغانلىقى... قاتارلىق ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى.
    شۇڭا، دەريا بويىغا بارغاندا بۇ كىشى  بىلەن چوقۇم ئەتراپلىق پاراڭلىشىمەن، دېگەن نىيەتنى كۆڭلۈمگە پۈككەنىدىم. يۈسۈپجاننىڭ بۇ گەپلىرى مەندىكى بۇ ئىستەكنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئابلا كېرەم بىلەن پاراڭلىشىشنىڭ پېيىدە يۈردۈم. ئېرىنمەي، كۈندە نەچچە رەت ئۇنى ئىزدەپ، ئۆز مەقسىتىمنى ئىپادىلەپ تۇردۇم. بىراق ئۇ كىشى ھە دېسىلا تۈرلۈك باھانە - سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈردى. بۇ ھال كۆڭلۈمنى ناھايىتى غەش قىلدى.
    بىز دەريا بويى يېزىسىغا كېلىپ 7 - كۈنى (16 - ئۆكتەبىر، چارشەنبە) چاشكا ۋاقتى بىلەن ئابلا كېرەم  ئاتايىن مەكتەپتىكى ياتىقىمىزغا كېلىپ، مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ قالدى.
     ۋاي، ئەمىرانجان، بىزنىڭ ئەدەملىدىن ئاڭلىدىم. ئابدان بالىكەنسىلە، نەچچە كۈندىن بېرى قارىيالمىغىنىمغا نەپسىم بەك ئىزا تارتتى. ئەسلىدە تۆگە سوياپمۇ كەلتۈرگىلى بولمايدىغان مېھمانلاركەنسىلە، بۈگەن بىي ئوتلاقتا ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىۋالىلى، دېدى ئۇ مېنى قولتۇقلاپ ئۆيى تەرەپكە ئېلىپ كېتىۋېتىپ.
    ئابلا كېرەم مېنى ئۆزىنىڭ يازلىق ساتمىسىغا باشلىدى. ساتما قۇرۇلما ۋە سەرەمجانلاشتۇرۇش جەھەتتىن بىز تۈنىگەن دەريا بويىغا كەلگۈچە پەتە قىلىپ ئۆتكەن يول ئۈستىدىكى ئۆيلەرنىڭ شۇ خىلدىكى يازلىق ساتمىلىرىدىن قىلچە پەرقلەنمەيتتى. بىز ئوت كۆيۈپ تۇرغان يانتۇ ئوچاقنىڭ ئىككى تەرىپىدە روبىرو ئولتۇرۇشتۇق. ئوت يالقۇنىدا ئۇنىڭ ئورۇق، قاپقارا چىرايى چوغ ئۈستىدە پۇرۇقلاپ قايناپ تۇرغان مىس چۆگۈندەك پارقىراپ تۇراتتى. ئابلا كېرەم مېنىڭ ئوچاقتىكى ئوتقا قارىغىنىمچە چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ كەتكىنىمدىن خىيالىمدىكىنى دەرھال سېزىۋالدى.
     ئەمىرانجان، «دەييا بويىدا غېرىب بولساڭ ئوت سىن» دەيدىغان بىر گەپ بار. بۇ بىكاغا چىققان گەپ ئەمەس. ئوت دېگەن سەۋدانى كېسىپ، غەمنى يوقىتىپ، ئادەملەرنى دوستلاشتۇرىدىغان ئاجايىپ نەسە بۇ. بىز دەييا بويلىقلار زامانلاردىن بۇيان مۇشۇ ئوت يېنىدا تۇغۇلۇپ، ئوت يېنىدا چوڭ بولغان، ئوتنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ كۆمەچ يەپ ئۆملەشكەن خەق بىز. بىي - بىستىن قېچىپ، يىراق - يىراق توقايلارغا چېچىلىپ كەتكەن ئەدەم خالىماس بىينىمىلىكەن دەپ قالمىسىلا بىزنى. مالچى دېگەن ئاشتاق كەڭ يەدە ياشايتقان خەقكەن ئاينا. ھەر بىي  ئۆيلۈك بىيدىن توقايدا يالغۇز ياشىساقما، ساتمىلاردا قىشمۇ - ياز ئوتنى ئۆچۈرمەيمىز. ئوت بىزگە ھەمراھ. ئوتى بار ساتما چۆلدەرەپ قالمايدۇ، مۇشۇ ئوت بولغاچقىلا، يۈرىكىمىز پۈتۈن، كۆڭلىمىز توق يۈرۈيمىز! دېدى ئۇ چوغ تېگىدىكى قىزىق قۇم ئاستىدىن يېڭىلا ئالغان سوقتا كۆمەچنى پىچاق بىلەن پارچىلاۋېتىپ.
     مەن ئىلگىرى «دەريا بويىدا 400 يىلدىن  بېرى ئۆچۈرۈلمەي كېلىۋاتقان ئوت بار ئىكەن» دېگەن گەپنى ئاڭلىغانىدىم. مۇشۇ گەپ راستما؟ سورىدىم مەن ئۇنىڭ گەپنى ئوتتىن باشلىغانلىقىدىن خۇش بولۇپ.
     بۇ ھۆكۈمەت كېلىشتىن ئاۋالى ئىشكەن، ئابلا كېرەم چوڭقۇر ئويلىنىش ئىچىدە سۆزگە كىرىشتى، ئىشقىلىپ، دەييا بويىدا مۇشۇ گۇگۇت دېگەن نەرسە پەيدا بولغان 50 - يىللاردىن ئىلگىرى ئاتا - بوۋىلىرىمىز چاقماق تاشتىن ئوت چىقىرىپ ئىشلىتىپتىكەن. چاقماق تاش بەك قىس بولغاچقا، ئوتنى بىر قالىۋالسا خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە ئۆچۈرمەي ئىشلىتىپتىكەن. بىر ئۆمۈر قولدامىدا ياشاپ 90 نەچچە يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن توقسۇندامنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، كوپىراتسىيە ۋاقتىدا دادىسى رۇستەمدام ئۇنىڭغا ئوچاقتىكى ئوتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ «بۇ ئوت ماڭا دادامدىن قالغان، دادامغىمۇ چوڭ دادامدىن قالغانىكەن» دېگەنىكەن. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا، ئىلگىرىكى چاغدا سىلى دېگەندەك ئەھۋالنىڭ بولغانلىقى ئېنىق.
     ئوتنى بىر قالىۋالغانچە بىرقانچە ئون يىل ئۆچۈرمەي ساقلاش ئوڭاي ئەمەس - تە، قانداقمۇ ساقلىغان بولغىيدى؟
     مەن 60 - يىللارنىڭ باشلىرىدا مال بېقىپ يار چۈشكەنگە بارغاندا توقسۇنداملارنىڭ دادىسى رۇستەمدامنىڭ ساتمىسىدا بىر كېچە قونغان. ئۇ چاغدا رەھمىتىنىڭ يېشى 100 گە يېقىنلاپ قالغانىدى. ئۇنىڭ دەپ بېرىشىچە، بالدۇرقىلار ئوتنى مۇنداق بىرنەچچە خىل ئۇسۇلدا ساقلارمىشكەن. بىرى، قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتكەن يوغان توغراق ياغىچىنى توپىغا كۆمۈپ، بىر ئۇچىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ قويىدىكەن. توغراق يا بەك كۆيۈپ كەتمەي، يا ئۆچۈپ قالماي دېگۈدەك بىر باشتىن كۆيۈپ تۇرىدىكەن. ھەپتە - ئون كۈندە بىرەر قېتىم تەكشۈرۈپ تۇرىدىكەن. بىر توغراق كۆيۈپ تۈگەش ئالدىدا، يەنە بىر توغراق كۆتىكى كۆمىلىپ، ئوت ئۇنىڭغا تۇتاشتۇرۇلىدىكەن. ئوت لازىم بولسا، كۆيۈۋاتقان ئۇچىنى كولاپ چوغ ئېلىپ ئىشلىتىدىكەن. ھەر بىر ئائىلە ئۆز توقىيىدىكى توغراقلارنى، چارۋا - ماللارنى قانداق ئاسرىسا،  يەرگە كۆمگەن ئوتنىمۇ شۇنداق ئاسرايدىكەن. بۇنى چوڭ ئوت دېيىشىدىكەن. يەنە بىرى، ئەگەر ئۆيىدىن بىرەر ئاي ئۆپچۆرىسىدە ئاجراپ كېتىشكە توغرا كەلگەندە، ئوچاققا ئازراق چوغ قالدۇرۇپ، ئۈستىگە توغراق پورى سېلىپ، كۈل بىلەن كۆمۈۋېتىپ ماڭىدىكەن. قايتىپ كەلگۈچە ئوت ئۆچمەي تۇرىدىكەن. كىچىك ئوت دېگىنى مۇشۇكەن. چوڭ ئوتنىمۇ، كىچىك ئوتنىمۇ ئۆچۈرۈپ قويغۇچىلار ئوچاق ئاستىنى چوڭقۇر كولاپ، قولى بىلەن تەكشۈرۈپ باقىدىكەن، بارماق كۆيگۈدەك قىزىق بولسا، توغراق پورىنى شۇ جايغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ، پۈدەپ يۈرۈپ ئوت تۇتاشتۇرۇۋالىدىكەن. ئۇنىڭدىنمۇ ئوتقا ئېرىشەلمىگۈچىلەر باشقا توقايغا ئوت سوراپ بارىدىغان گەپكەن. ئوت سوراپ بارغۇچىلار ياشلاڭ ئىرەكتىلەر بولغاچقا، ئۆي ئىگىسىنىڭ قىز بالۋاقىلىرى بىلەن ئىچ - پەش تارتىشىپ قالىدىغان، كېيىنچە يۇرتقا توي بېرىپ بىر تەكىيگە باش قويىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدىكەن. ھەتتا قىز - يىگىتلەر ئارىسىدا بىر - بىرىگە ئوت سوۋغا قىلىدىغان ئىشلارمۇ كۆرۈلۈپتىكەن. ئوت ئاشۇنداق خاسىيەتلىك بولغاچقا، كىمنىڭ ساقلىغان ئوتى كونا بولسا، شۇنىڭ يۈزى يورۇق، گېپى چوڭ بولىدىغان گەپكەن.
     دەريا بويىلىقلار باراق ھەم تەكە دەپ ئىككى قەبىلىگە ئايرىلىدىكەنسىلەر، مۇشۇ ھەقتە بىرنېمە دەپ بەرگەن بولسىلا.
     چوڭ دادامنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئابلا كېرەم قولىدىكى كۆسەي بىلەن ئوتنى چۇقچىلاپ تۇرۇپ سۆزگە كىرىشتى، بۇرۇنقى زامانلاردا، كېرىيىنىڭ جاي كەنتىدە يۇمىلاق باراق، قالۇق كەنتىدە ھەمە تەكە ئىسىملىك ئىككى ئوۋچى ئۆتكەنىكەن. ئۇلار ھەمىشە بىرگە ئوۋ قىلىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇلار كېرىيە دەرياسىنىڭ سۈيى ئۈزۈلىدىغان يېرىگىچە بېرىشماقچى بولۇپ، پۇختا تەييارلىق بىلەن يولغا چىقىپتۇ. نەدە كەچ بولسا شۇ يەردە يېتىپ، ئوۋ ئولجىلىرىنى يەپ بىر ئايدىن ئارتۇق يول يۈرۈپمۇ، دەريانىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا چىقالماپتۇ. قارىسا، دەريانىڭ ئىككى قاسنىقى قويۇق يۇلغۇن - توغراقلار بىلەن قاپلانغان، سۈيى ئەلۋەك، ئوت - چۆپلىرى بولۇق ئۆسكەن ھاۋالىق بىر جاي ئىكەن. ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ، ئۆي - ۋاقىنى، مال - چارۋىلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىشنى قارار قىپتۇ ھەم شۇنداق قىپتۇ. دەريانىڭ شەرقىي تەرىپى ھەمە تەكىگە، غەربىي تەرىپى يۇمىلاق باراققا تەۋە بوپتۇ. كېيىن ئەۋلادلار كۆپىيىپ، بۇ جاي «دەريا بويى» دەپ ئاتىلىپتۇ. مانا مەنمۇ يۇمىلاق باراقنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولىمەن.
     سىزنىڭچە، يۇمىلاق باراق بىلەن ھەمە تەكىنىڭ دەريا بويىنى ماكان تۇتقىنىغا قانچىلىك يىللار بولغاندۇ؟
     تۇڭغاز باستىدا ئولتۇرۇشلۇق تەكە جامائەسىدىن بولغان قادىرئاخۇن ئاقساقالنىڭ دادىسى روزاخۇن ئاقساقال، بوۋىسى تۇرسۇنئاخۇن ئاقساقال بولۇپ، تۇرسۇنئاخۇن ئاقساقال تەكە تامغا ئاقساقال بولغان كىشىكەن، ئۇنىڭ دادىسى توختىكام تەكە بەش بىر تۇغقان بولۇپ، ئەل ئارىسىدا «بەش تەكە» دەپ ئاتالغانىكەن. قادىرئاخۇن ئاقساقال ھېلىمۇ ھەم تەكىنى بوۋامنىڭ بوۋىسى، دەپ ھېسابلايدۇ. شۇنداق ھېسابلىغاندا، دەي بويىنىڭ تارىخى 150 يىلغا بارىدۇ. بۇ ھېساب كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. مېنىڭچە، قادىرئاخۇن ئاقساقال ھەمە تەكىنىڭ 7 - ياكى 8 - ئەۋلادى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى باراق جامائەسىدىكىلەر ئەجدادلىرىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، تارىخىمىزنى ئاز بولغاندا 280 يىل، جىق بولغاندا 350 يىلغا ئاپارغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان. لېكىن ئېنىق يىلىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. دەي بويلىقلار يىل ساناپ ئادەتلەنمىگەن. ئۆزىنىڭ قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنىمۇ ئۇقمايدىغان خەق بۇ.
     دەريا بويىدا 50 - يىللاردىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىشلارنىمۇ بىلىدىغانلا؟ مەسىلەن...
     ھە، ئەندەرەپ كەتمىسىلە غوجام، دەي بويىنىڭ ئەھۋالى بىزگە قۇرئاننىڭ رۇپىسىدەك ئېنىق. بۇنىمۇ سۆزلەپ بېرەي، ئابلا كېرەم تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قىزىقىپ سۆزلەشكە كىرىشتى، كېرىيىدە 50 - يىللارنىڭ باشلىرىدا قاچۇن گۇڭشې قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھازىرقى جاي، مۇغاللا يېزىلىرى قاچۇنغا تەۋە بولغان. بۇ جايلاردىكى، بولۇپمۇ جاي كەنتىدىكى چوڭ چارۋىدارلارنىڭ چارۋىلىرى ئاساسەن مۇشۇ دەي بويىدا بېقىلىدىغان بولغاچقا، 54  55 - يىللىرى قاچۇن يېزىسىدىكى چارۋىلارنىڭ سانىنى ئېنىقلاش بولغاندا، ناھىيىدىن مەخسۇس ئادەم كېلىپ، دەي بويىدىكى چارۋىلارنىمۇ ئېنىقلىغان. شۇ قېتىمدا، ئابدۇۋاقات دېگەن كىشىنىڭ مىڭ تۇياق چارۋىسىنى مۇسادىرە قىلىپ كېرىيە قوي فېرمىسىغا ئۆتكۈزۈۋالغان ھەم بۇ جاينى قاچۇن گۇڭشېسىنىڭ بىر ئەترىتى سۈپىتىدە ئىدارە قىلغان. 1959 - يىلى قاچۇن گۇڭشېسىغاقاراشلىق كەنت بولۇپ قۇرۇلغان. سىدىق ئىبراھىم سېكرىتار بولغان. ئۇ كىشى دەي بويىدىكى تۇنجى پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، تاكى دەريا بويىدا يېزا قۇرۇلغانغا قەدەر سېكرىتار بولغان. باۋۇدۇن روزى 1959 - يىلىدىن  1987 - يىلىغىچە كەنت باشلىقى بولغان. 1959 - يىلى كېرىيىدىن بارات تۇردى، مەسۈم تۇرسۇنلار دەي بويىغا كېلىپ، 50 تىن ئارتۇق ئادەمنى يىغىپ، تېرىم دېگەن يەردە بوز يەر ئاچتۇرغان. ئۇلار بىرەر يىلچە چوڭ قازاننىڭ تامىقىنى يېگەن. شۇنداق قىلىپ، بۇ يۇرتتىمۇ كوپىراتسىيە باشلىنىپ كەتكەن. دەسلەپتە تۇڭغاز باستىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ئولتۇرۇشلۇق روزى ئاقساقال دېگەن كىشىنى «تەشكىلگە بويسۇنمىدى» دەپ «بەش خىل ئۇنسۇر» قالپىقىنى كىيدۈرۈپ، 1500 تۇياق چارۋىسىنى كوپىراتسىيىگە ئۆتكۈزۈۋالغان. باشقا ئائىلىلەرمۇ چارۋىلىرىنى پايغا قېتىشقا سەپەرۋەر قىلىنغان. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 20 مىڭدىن ئارتۇق چارۋا پايغا قېتىلغان. چوڭ قويغا ئون كويدىن پۇل بەرگەن. بۇ مەزگىللەردە، دەييا بويلىقلار ئاشلىقتا بەك قىينالغان. ھۆكۈمەت ھەر ئايدا چوڭ نوپۇسقا 20 جىڭ، كىچىك نوپۇسقا 15 جىڭ قوناق ئۇنى بېرەتتى. كېرىيىدىن چىققان ئېشەك كارۋىنى 13 كۈندە دەي بويىغا يېتىپ كېلەلەيتتى. كارۋان ھەر كەلگەندە بىر نوپۇسقا 8 - 10 جىڭدىن قوناق ئۇنى تەقسىملەپ بېرەتتى. ئاشۇ ئۇننى دەپ نۇرغۇن كىشىلەر بىرقانچە كۈنلۈك يولنى پىيادە بېسىشاتتى. نورما ئاشلىقى ئاز بولغاچقا يەتمەيتتى. شۇڭا كىشىلەرنىڭ كۆزى يولدا ئىدى. ھەممە ئادەم كەنتتىن كېلىدىغان ئۇننىڭ تېزرەك يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ، كۈن ساناش بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئىككى - ئۈچ كۈندە بىرەر قېتىم ئاداپ، ئۇماچ چېلىپ ئىچكەندىن باشقا، قالدى چاغلاردا ئادەملىرىمىز چۆلمۇچۆل يۈرۈپ قاغا جىگدىسىنى قېقىپ يەيتتى. كۆپ ۋاقىتلاردا جىگدىنى قازاندا قاينىتىپ، ئۈستىگە ئازراق قوناق ئۇنى سېپىپ «مۇجىمىلاق» ئېتىپ ئىچەتتى. چارۋىغا بېرىدىغان قوناقنى چۆگۈندە قاينىتىپ يەپ كەتكەن ئەھۋاللارمۇ بولغانىدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىمۇ، دادۈي مەخسۇس تۆگە كارۋىنى تەسىس قىلىپ، كېرىيىدىن چالا ئېغىلغىچە ئۇن يۆتكىگەنىدى. چارۋىنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا بولغاچقا، كىشىلەر ھەر نوپۇسقا بېرىلىدىغان 10 - 20 جىڭ قوناق ئۇنى ئۈچۈن ئايدا بىر قېتىم چالا ئېغىلغا پىيادە بېرىپ كېلەتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن قۇملۇقتا 200 كىلومېتىرغا يېقىن يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. دەي بويىدا كوپىراتسىيە دەۋرىدىلا كېرىيە شىپىن گۇڭسىدىن كېلىپ ئاچقان بىر دۇكان بار ئىدى. مەخسۇس رەخت بار ئىدى. مالچىلار تېرە، يۇڭ تىۋىت ئەكېلىپ رەختكە تېگىشەتتى. ئاياللار قولىدا كىيىم تىكەتتى. تېرە كىيىم كىيىدىغانلارمۇ بار ئىدى. ئۇ چاغلاردا پۇل دېگەن نەرسىنى ئۇقمايتتۇق. 1980 - يىللاردىن باشلاپ، ھەممە نەرسە پۇل بىلەن بولىدىغان بوپ كەتتى. 1967 - يىلى كېرىيىدە قىزىل قوغدىغۇچىلار ئەترىتى قۇرۇلۇپ، ئارقىدىنلا دەييا بويىدىمۇ 30 كىشىلىك ئىنقىلابىي ئەترەت تەشكىل قىلىنغان. 1969 - يىلى كېرىيىدىن سەككىز كىشىلىك خىزمەت ئەترىتى كەلگەندىن كېيىن، ھەرىكەت تېخىمۇ جانلىنىپ كەتتى. ئۇلار «پىپەنخانا سالىسىلەر» دەپ بەش ئورۇنغا ناھايىتى چوڭ ساتمىلارنى سالدۇردى. ئارقىدىنلا ئابلا ساچقاننىڭ كۈلكىلىك رەسىملىرىنى سىزىپ، ساتما تېمىغا چاپلاپ، ئۇنىڭ مەتقاسىم پومېشچىكقا قانداق ئېزىلگەنلىكى تەشۋىق قىلىندى. ئابلا ساچقانمۇ ھەرخىل يىغىنلاردا مەتقاسىم پومېشچىك ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ يۈردى. كېيىن، كېرىيىدىن مەخسۇس شوئار توۋلايدىغانلار كېلىپ، چۈشەنگىلى بولمايدىغان شوئارلارنى توۋلىدى، باشقىلارنىمۇ مەجبۇرىي توۋلاتقۇزدى. ئارقىدىنلا روزى ئاقساقال، ئابدۇراخمان تۇرسۇن، بەكرى تىكە، ئابدۇۋاقى تەكە قاتارلىق چوڭ چارۋىدارلارنى ئائىلىسى بويىچە سەھنىگە چىقىرىپ، يۈزىگە قازان قارىسى سۈركەپ پىپەن قىلدى. قادى كۆرەك ئۆز باش پاناھى روزى ئاقساقالنى ساتما ئوتتۇرىسىدىكى ئوتقا ئىتتىرىۋەتتى. ئايالىنى كالتەك بىلەن ئۇرۇپ مېيىپ قىلىپ قويدى. روزى ئاقساقال قاتارلىق تارتىپ چىقىلغانلارنى كېچىسى ئايرىم ساتمىغا سولاپ قويسا، كۈندۈزلىرى ئېغىر ئىشلارغا سالدى. يۇلغۇن - قومۇشتىن تۇقۇپ، ئۈستىگە تېرە تۇتۇلغان ئۇزۇن قالپاقلارنى ئۇلارنىڭ باشلىرىغا كىيدۈرۈپ، ئادىمىزات يوق توغراقلىقلاردا، چۆللۈكلەردە ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ، ئەسكى تۈنىكە، داسلارنى چېلىپ پىپەن قىلدى. ئاندىن ئۇلارنى چالا ئېغىلدا يېڭىدىن قۇرۇلغان كۈرەش ئەترىتىگە ئەكېتىشتى. كېيىن ئۇقساق، ئۇ يەردىمۇ كۈرەش ناھايىتى قىزىپ كېتىپتۇ. شۇ مەزگىللەردە زىددىيەتلەشمىگەن، دۈشمەنلەشمىگەن ئادەم قالمىغانىدى بۇ يۇرتتا. كېيىن، لىن بياۋنىڭ چەتكە قاچقىنىنى پىپەن قىلدۇق. ماۋجۇشىنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ تۇرساق، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھنى پىپەن قىلىسىلەر» دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، زامان ئوڭشىلىپ كەتتىغۇ.
     زامان ئوڭشالغاندىن كېيىن، قانداق ياخشى ئىشلار بولدى؟
     يۇقىرى رەھبەرلىك بەك كۆڭۈل بۆلدى. غوپۇر ئابدۇللا خوتەنگە ۋالىي ۋاقتىدا، 1987 - ۋە 1988 - يىللىرى ئۇدا ئىككى قېتىم دەي بويىغا كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. 1989 - يىلىنىڭ بېشىدا تۆمۈر داۋامەت كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ كېتىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، يەنى 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ۋىلايەت، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى كېلىپ يېزا قۇرۇپ بەردى. مەن يېزا باشلىقى بولدۇم. مەتتۇرسۇن سۇلايمان سېكرىتار بولدى. 2001 - يىلى ۋاڭ زۇڭلى سېكرىتار، ئۆمەرجان يېزا باشلىقى بولۇپ ناھىيىدىن كەلدى. غوپۇر ئابدۇللانىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى خۇڭجى  شىركىتى 2001 - يىلى ئىككى مىليونغا يېقىن مەبلەغ ئاجرىتىپ مەكتەپ، شىپاخانىلارنى يېڭىلاپ قۇرۇپ بەردى. ناھىيىلىك سۇ ئىدارىسى 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بىر قۇدۇق قېزىپ بەرگەن، سۇ چىقىرىدىغان ماتور بولمىغاچقا، تېخى ئىشلىتىلمىدى. 38 مىڭ يۈەنلىك ماتور ئالمىسا بولمىغۇدەك. توك مەسىلىسىگە كەلسەك، ھازىر يېزىدا بىر ماتور بار. يېزا مەركىزىگە يېقىن جايدىكى 18 ئائىلىلىك ئايدا 20 يۈەندىن پۇل تۆلەپ چىراغ ياقىدۇ. كۈندە ئىككى - ئۈچ سائەت توك ئىشلىتەلەيدۇ. 1989 - يىلى دەييا بويىلىقلار ئۆزىمىز 40 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ، بىر مولۇق كۆلەمدە مەسچىت سېلىۋالدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا ھەربىر كەنتتە بىردىن مەسچىت بار. يېزىدىكى ھەربىر رەھبەر بىردىن مەسچىتكە مەسئۇل. ھازىر يېزىمىزدا 44 نەپەر پارتىيە ئەزاسى، 54 نەپەر ئىتتىپاق ئەزاسى بار. ئۇلار خەلققە ئۈلگە بولىدۇ. يۇقىرىدىنمۇ يىلدا 50 مىڭ يۈەنلىك قۇتقۇزۇش ئاشلىقى كېلىپ تۇرىدۇ. 1965 - يىلى ئەيسا ئىبراھىم ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمەكنىڭ ئارتىسلىرىنى باشلاپ كېلىپ 20 كۈن ئويۇن قويدۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇنداق ئىشلارمۇ بولمىغان. 1989 - يىلى ۋە 1992 - يىللىرى ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكى كېلىپ ئالاھىدە ئويۇن قويۇپ بېرىپ كەتتى. يەنە جىق ئىشلارنى قىلىمىز دېيىشىۋاتىدىغۇ.
     ھە راست، ئابلاكا،دەريا بويىدا تۇنجى كىنو قويۇلغاندا كىشىلەر قورقۇپ كېتىپتىكەن، دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىغانتىم، بۇ راستمۇ؟
     راست. 1966 - يىلى كېرىيىدىن راشىدىن قاسىم ئىسىملىك كىنوچى «يايلاقتىكى بۈركۈت» دېگەن كىنونى ئەكېلىپ قويغان. 1968 - يىلى ئۇ يەنە بىر كېلىپ، «چاپايىف» دېگەن كىنونى قويغان. كىنودا كىشىلەرنىڭ ئات چاپتۇرۇپ كەلگەن كۆرۈنۈشى چىققاندا، ھەممە كىشى قورققىنىدىن  ئورۇنلىرىدىن تۇرۇۋېلىشقان. بەزى كىشىلەر قېچىپ كېتىشكەن. شۇڭا كىشىلەرگە تەربىيە ئىشلەشكە مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىلغان. دەييا بويىدا بۇنداق كۈلكىلىك ئىشلار خېلى بار. مەسىلەن، 1960 - يىلىنىڭ باشلىرىدا ئاقسۇ تەرەپتىن بىر ئايروپىلان ئۇچۇپ ئۆتكەندە ھەممە كىشى توغراقلىققا قېچىپ بېرىۋالغان. تۇڭغاز باستلىق مۇھەممەتشاھ ئوسمان 1960 - يىللاردا ئېشەكلىك كېرىيىگە چىققاندا، ئېشىكىنى ئېتىزلىقتىكى بۇغدايلىققا قويۇۋېتىپ ئوتلاتقانىكەن. دېھقانلار ئۇنى تۇتۇۋاپتۇ. ئۇ «مەن تېخى قىياقلىقمىكىن دەپ قاپتىمەن. بۇغداينىڭ بۇنداق يەردە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن» دەپ ئاران قۇتۇلۇپتىكەن. يەنە بەزىلەر كېرىيىگە يېڭى چىققاندا، بازاردا سېتىلىۋاتقان ئۈزۈملەرنى كۆرۈپ، ھەيران بولغان ھالدا ئۈزۈم ساتقۇچىدىن «بۇ مېۋىنى سېپىغا قانداقمۇ ئۆتكۈزۈپ بولغانلا» دەپ سورىغانىكەنتۇق. يەنە بىر كىشى كېرىيىگە تۇنجى بارغاندا، ئېتىزلىقتىكى قوناقنى كۆرسىتىپ دېھقانلاردىن «بۇ قانداق ئوت» دەپ سوراپتۇ. دېھقانلار چاقچاق قىلىپ: «بۇ دېگەن پاسا» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ھېلىقى دەي بويىلىق تېخىمۇ قىزىقىپ: «نېمانداق قۇلىقى يوغان پاسا بۇ، بىزنىڭ يۇرتتىكى پاسانىڭ قۇلىقى كىچىك بولىدىغان» دەپتۇ. دېھقانلار بىرنەچچە باش قوناقنىڭ سويپىقىنى يېرىپ كۆرسىتىپ، «بىزنىڭ پاسا مانداق مارجانلايدۇ، سىلەرنىڭ يۇرتتىكى پاسامۇ مارجانلامدۇ» دەپ ئۇنى ئەخمەق قىپتۇ. ئۇ كىشى بەكلا ھەيران قاپتۇ. 1968 - يىلى دەي بويىغا تۇنجى قېتىم زەنجى تاپان تراكتور كەلگەندە، كىشىلەر ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇنى سىيلاپ كەتكەن. بەزىلەر شوپۇردىن: «ھەجەپ يوغان جانىۋاركەن بۇ، قورسىقىنى قانداقمۇ بېقىپ بولىدىغانسىلەر؟ ھەلەپ يەمدۇ، پاسامۇ» دەپ سورىغان. شوپۇر چاقچاق قىلىپ: «بۇ جانىۋارنى پاسا بىلەن باقىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەندە كىشىلەر ئىشىنىپ قېلىپ، بىر باغلام پاسانى تراكتورنىڭ ئالدىغا تاشلاپ، يېيىشنى كۈتۈپ تۇرۇشقان. 1970 - يىللاردا ئابلا مۇسا دېگەن كىشى كىچىك بىر رادىئونى كېرىيىدىن ئېلىپ كەپتىكەن، كىشىلەر: «بۇنىڭ ئىچىگە ئادەم قانداق پاتقاندۇ» دەپ ھەيران بولۇشقان. كېيىن بۇ يۇرتىمىز جىق تەرەققىي قىلىپ كەتتى. ھازىر يېزا تەۋەسىدە يۈزدىن ئارتۇق موتو، 40 تىن ئارتۇق چوڭ - كىچىك ماشىنا بار. رادىئو، ئۈنئالغۇ دېگەن نەرسىلەر ھەممە ئۆيدە بار بوپ كەتتى. يېزا تەۋەسىدە يەنە يەتتە دانە تېلېۋىزور بار.
    ئابلا كېرەمنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، سۆھبەت بەكلا ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى. مەن ئۇنىڭغا بولغان رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ، قايتماق بولۇپ قوزغىلىپ تۇرۇشىمغا، ئابلا كېرەم يەنە قىزىپ سۆزلەپ كەتتى.
     ئەمىرانجان، بەك بەلەن ئىشقا تۇتۇش قىلىشىپلا، بىزدىن يانمىسا، خۇدادىن يانا، مۇشۇ دەييا بويىنى راسا بىر يېزىپ، خەلقى - ئالەمگە بىر تونۇتۇۋەتسىلە، بىزنىڭ قانداق ئادەملىكىمىزنى ئەللەر بىلىپ قالسۇن، ئۇ سۆزلەشتىن تۇيۇقسىز توختاپ ئورنىدىن تۇردى ھەم پەللىكىنى ماڭا كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئوبدان قارىسىلا غوجام، مەندە قۇيرۇق بارمىكەن. مەن سىلىگە دېسەم، دەي بويلىقنىڭ ھېچقايسىسىدا قۇيرۇق يوق! مايمۇن ئەمەس، ئادەم بىز، سىلىگە ئوخشاشلا ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن. كەلگەنلەرمۇ ساپلا رەسىمگە چۈشكىلى كېلىدىكەن بۇ يۇرتقا. بىردەم «تۆگە تېپىڭلار، مىنىپ رەسىمگە چۈشۈۋالايلى» دەيدۇ، بىردەم «كۆمەچ سالساڭلار، يەپ ئولتۇرۇپ رەسىمگە چۈشۈۋالساق» دەيدۇ. تۇرۇپلا «مەكتەپ بالىلىرىنى مەيدانغا يىغىڭلار، دەپتەر - قەلەم تارقاتقاننى رەسىمگە ئالىمىز» دەيدۇ. ئىشقىلىپ سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ بىز بىلەن مۇڭدىشىشقا چولى تەگمەيدىكەن. رەسىمگە تارتىدىغان، سىنئالغۇغا ئالىدىغان ئىشلار بولمىغان بولسا، ھېچكىم كەلمەسكەن بۇ يۇرتقا. بىز سىردىشىشقا، مۇڭدىشىشقا موھتاج. ئىچىمىزدە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىمىز بار. بىزمۇ ئاڭلىسا ئاڭلىغۇچىلىكى بار گەپ قىلالايدىغان خەق. ئابدۇراخمان قاھار جىق نەرسىلەرنى يېزىپ كەتكەن، سىلەرمۇ ئۇزۇنراق تۇرۇپ، جىقراق نەرسىلەرنى يېزىپ كېتىڭلار.
     بىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىرىگە، بىزنى چۈشەنگەنلىرىگە رەھمەت. بۇرۇنقى چاغلاردا سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن تارقالغان «قۇيرۇقى بار ياۋايى ئادەملەر» دېگەن گەپلەر نېمە سەۋەبتىن تارقالغان بولغىيدى؟
     بۇ 1988 - يىلىدىكى گەپ، ئابلا كېرەم ئۆرە تۇرۇۋېلىپ، تاقەتسىزلىك بىلەن چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى، شۇ چاغدا يېزىنىڭ سېكرىتارى قادىر نىياز ئۆلۈپ كەتكىلى ئۇزۇن بولمىغانىدى. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئىلەكتە ئولتۇرۇشلۇق ئوبۇل ھەسەن باراقنىڭ بالىلىرى ئۆز توقىيىدا مال بېقىۋېتىپ بىر تۈتۈيجىگە ئۇچراپ قاپتۇ ھەم قورقۇپ كېتىپ قېچىپتۇ. تۈتۈيجىدىن ئۈچ كىشى چۈشۈپ ئۇلارنى قوغلاپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرسى بىزنىڭ تىلىمىزنى چالا بىلەمدىكەنمۇ دەيمەن، ئۇلار ئوبۇل ھەسەن بىلەن پاراڭلىشىپتۇ. ئۇلارنىڭ: «سىلەر قانچە ئادەم، تەشكىلىڭلار بارمۇ؟» دېگەن سوئالىغا ئوبۇل ھەسەن باراق: «تەشكىلىمىز يوق. باشلىقىمىز يېقىندا ئۆلەپ كەتكەن، تېخى باشلىق سايلىمىدۇق. بىز 25 ئائىلىلىك» دەپ قادىر نىيازنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق 6 - شياۋدۈينىڭ ئائىلە سانىنى بىرلەشتۈرۈپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ كەلگەنلەر ئەسلى خوتەننىڭ تەۋەككۈل دېگەن يېرىدىن نېفىت ماشىنىلىرىغا يول ئېچىپ ماڭغانلار ئىكەنتۇق. شۇ چاغدا، ئوبۇل ھەسەن باراق ئۇزۇن چاپىنىنىڭ ئىچىدىكى پوتىسىغا تىۋەزىنتىۋەزىن  كىچىك پالتا.قىستۇرۇۋالغانىكەن. تىۋەزۇننىڭ دەستىسى ئارقا تەرەپتىن چاپاننى كۆتۈرۈپ تۇرغاچقا، ئۇلار بۇنى خاتا ھالدا قۇيرۇق بولۇشى مۇمكىن، دەپ قالغان گەپ. ئەتە - ئۆگۈن ئوبۇل ھەسەن باراقنىڭ توقىيىغىمۇ بارىمىز تېخى، ئۇنىڭمۇ قۇيرۇقى يوقلۇقىنى شۇ چاغدا بىلىلا.
    مەن ئابلا كېرەمنىڭ ئۆيىدىن يانغاندا، ئەسىر ۋاقتى بولۇپ قالغانىدى. ئابلا كېرەم ماڭا يېرىم قوينىڭ گۆشىنى كۆتەرتىپ قويدى.

    توقسۇن جەمەتى

    13 - ئۆكتەبىر چۈشكە يېقىن، بىز يۈسۈپجاننىڭ يول باشلىشى بىلەن دەريا بويى يېزىسىنىڭ دەريا بويى كەنت سېكرىتارى مەمتىمىن توقسۇننىڭ تولدامىدىكى توقىيىغا قاراپ يولغا چىقتۇق. مەقسىتىمىز  دەريا بويى يېزىسىدىكى ئەڭ چوڭ جەمەت  توقسۇن جەمەتى بىلەن تونۇشۇش ئىدى.
    ماشىنا يېزا مەركىزىدىن غەربىي شىمالغا قاراپ مېڭىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، قويۇق يۇلغۇنلۇق ئارىسىدىكى تار ھەم يىلانباغرى كەتكەن كاتاڭلىق توپا يولغا چۈشتى.
    ئالتۇن كۈز پەسلى بولغىنىغا قارىماي ھاۋا يەنىلا تىنجىق ئىدى. قۇرغاق توپا ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان ئاپتاپ، كۆڭۈلنى ئاينىتىدىغان دىمىق ھاۋا تولۇپ قىزارغان ياپراقلىرى بىلەن پاراسلاپ كۆيۈۋاتقان ئوت يالقۇنىنى ئەسلىتىدىغان توغراق شاخلىرىنى، گويا ئۈستۋاشلىرىدىكى قېلىن بىر قەۋەت توپا - چاڭنى كۆتۈرۈش ئېغىر كەلگەندەك، باشلىرىنى ئېگىپ، قىيسىيىپ تۇرۇشقان يۇلغۇنلارنى قىمىر قىلدۇرمايتتى.  يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قۇرۇپ قىيسىيىپ قالغان يۇلغۇن قاقشاللىرىنىڭ ماشىنىغا ئۇرۇلغاندىكى «تاڭ - تۇڭ»لىرى بىلەن ماتوردىن چىقىۋاتقان يېقىمسىز ئاۋازنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەتراپتىن ھېچقانداق  شەپە كەلمەيتتى. بىز ئادەمگە بارچە ھاياتلىق ھەرىكەتتىن توختاپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان بۇ چۆل يولىدا، ماشىنا يوچۇقلىرىدىن كىرىۋاتقان ئاچچىق توپا - چاڭغا مىلىنىپ ئولتۇرۇپ، تاشپاقىدەك  ئاستا ئىلگىرىلەيتتۇق.
    ماشىنا يۇلغۇنلۇق ئارىسىدىكى كارىدورسىمان بوغۇناق يولدىن چىقىپ، قۇرۇپ قۇملىشىپ كەتكەن كونا دەريا قىنىدىن ئۆتۈشىگە، يۇلغۇنلۇق بىلەن توغراقلىق ئارىسىدا پاسىل ھاسىل قىلىپ تۇرغان كۆرۈمسىز دۆڭ ئۈستىدە بىر يۈرۈش ساتمىلىق ئۆيلەر كۆزىمىزگە چېلىقتى.
     بۇ سۇپاخۇننىڭ توقىيى. ئىشىكتە قۇلپا تۇرىدۇ، مېڭىۋېرەيلى، دېدى يۈسۈپجان ماشىنا دېرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ سىنچىلاپ قارىغاندىن كېيىن.
    بىز شەرقىي شىمال يۆنىلىشكە سوزۇلغان، شور توپا ئۆرلەپ تۇرغان ئوڭغۇل - دوڭغۇل يول بىلەن قويۇق توغراقلىق ئارىسىغا كىرىپ كەتتۇق ھەم يول ئۈستىدىكى ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلىپ مېڭىش مەقسىتىدە، يۈسۈپجاننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئادەم ئىزى ئۇچرىمايدىغان چاتقاللىقلاردا ھېلى ئوڭغا، ھېلى سولغا مېڭىپ يۈرۈپ، ئوبۇلئاخۇن، سەيدى ئابدۇل، سادىق ئاخۇن، نۇراخۇن، ئابلا غوجا، مەتسىدىقئاخۇن، قۇربىنئاخۇن، ئۇرايىمئاخۇن، ئەخمىتاخۇن، قاسىمئاخۇن قاتارلىقلارنىڭ ساتمىلىرى ئالدىدا توختاپ ماڭغان بولساقمۇ، لېكىن ھېچقايسى ساتمىدا ئادەم بولمىغاچقا،  قېرى توغراقلار بىلەن يۆگىلىپ تۇرغان بۇ توقايغا ئايرىم بىر كېلىپ زىيارەت قىلىشنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، يولىمىزنىداۋاملاشتۇردۇق. مەن يۈسۈپجاندىن بۇ ساتمىدىكىلەرنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى سورىۋىدىم، يۈسۈپجان:
     ھازىر دېگەن زەدەك كولاشنىڭ تازا ئوبدان ۋاقتى، بۇنداق چاغدا سەل جېنى بار ئادەملەر ئۆيىدە ئولتۇرمايدۇ، دەپ چۈشەنچە بەردى.
    بىز قاسىمئاخۇننىڭ ساتمىسىدىن شەرققە بۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ماشىنىنىڭ ئالدى چاقلىرى ئۈستىنى بىر قەۋەت شور توپا قاپلىغان بەزلەش لايداڭغا پېتىپ قالدى. ئابلىز ماينى قۇلاققىچە ئۇردى، بىز ئارقىسىدىن ئىتتەردۇق. لېكىن چاقلارنىڭ يېپىشقاق سېغىز لاي ئارىسىدا بىكارغا چۆرگىلىگىنى چۆرگىلىگەنىدى. نېمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ تۇرۇشقىنىمىزدا، توساتتىن جەنۇب تەرەپتىكى توغراقلىق ئارىسىدىن بېشىغا ئېگىز قارا تەلپەك، ئۇچىسىغا ئاق يەكتەك كىيگەن، بېلىگە چىڭ باغلانغان پوتىسىغا قىسقا ساپلىق پالتا قىستۇرۇۋالغان، پۇتىغا ھەربىيچە چۇخەي كىيىپ، پاقالچەكلىرىنى ئۆچكە يۇڭىدا توقۇلغان ئاق شىراقچە بىلەن تاڭغان 60 ياشلاردىكى كەكە ساقال بىر كىشى يوغان بىر قوينى يېتىلىگىنىچە چىقىپ كەلدى.
     دەريا بويىدىكى مەتقۇۋان توقسۇن دېگەن داڭدار كىشى مانا مۇشۇ، بىز ئۆيىگە ماڭغان مەمتىمىن توقسۇن سېكرىتارنىڭ ئاكىسى، لەقىمى پوزا بۇ ئوغرىنىڭ، يۈسۈپجان بۇ خۇشخۇي بوۋاينىڭ دولىسىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.
     ئەتىگەن ئىنىم مەمتىمىنئاخۇن يۇقىرىدىن باشلىق كەلمەكچى، قويدىن بىرنى تۇتقاچ كەلسۇن دەپ خەۋەر سوقاپتىكەن، مەن شۇ ئىش بىلەن ئاينا. ئىرىغ ياشلاڭ ئىرەكتىلەركەنغۇ بۇلار، ۋاي، سىلەر مۇخبىركەنسىلەر - دە، بەك بەلەن بوپتۇ. كەچتە ئوتلاققا بىر كىرىپ كەتسەك، بىزنىڭ گەپلىنى يېزىپ دەپتىرىڭلارمۇ قالمايدۇ تېخى، مەتقۇۋان توقسۇن شۇنداق دېگىنىچە، ماشىنىنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئۆتۈپ بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
     ئەسلى ئىينىغىراق سالىدىغان گەپكەن بۇ گۇينى، شورۋىچىنىڭ يېرى، ھەجەپ پۈتۈپ كېتىپتۇ بۇ يەر، دېگىنىچە يەكتىكىنىڭ پېشىدە قۇم ئەكېلىپ چاق ئاستىغا تۆكۈشكە باشلىدى.
    بىزمۇ ئەقىل تاپقاندەك بولۇپ گۈرجەك بىلەن چاق ئاستىدىكى لاينى ئېلىۋېتىپ، ئورنىغا قۇم، شاخ - شۇمبا دېگەنلەرنى بېسىپ، ئىتتىرىپ يۈرۈپ ماشىنىنى ئاران چىقىرىۋالدۇق. بوۋاي قوينى كەينىمىزدىن ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قېپقالدى. ماشىنا قوزغىلىدىغان چاغدا يۈسۈپجان:
     ھەي پوزا، ئۇنتۇپ قالماي ئالچى راۋابىڭنى ئالغاچ بار جۇما! كەچتە كارامىتىڭنى بىر كۆرسەتمىسەڭ بولمايدۇ، دەپ جېكىلىدى.
    يول ئۈستىدە يۈسۈپجان بىزگە مەتقۇۋان توقسۇننىڭ دەريا بويىدىكى بىردىنبىر راۋابچى ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇن بېيىت - قوشاق بىلىدىغانلىقىنى، ياشتا چوڭ بولسىمۇ شوخلۇقتا، چەبدەسلىكتە ياشلاردىن قېلىشمايدىغانلىقىنى، ئۇ باش بولمىغان توينىڭ قىزىمايدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
    بىز مەمتىمىن توقسۇننىڭ مەھەللىسىگە چۈشتىن كېيىن سائەت بەشلەردە يېتىپ كەلدۇق.
    تولداما   يېزا مەركىزىنىڭ شىمالىغا 17 كىلومېتىر كېلىدىغان، بۈك - باراقسان توغراقلار بىلەن قاپلانغان، كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك دەرىجىدە گۈزەل، ياشاشقا بەكلا ماس كېلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك توقاي. مەمتىمىن توقسۇن ئائىلىسى دەريا بويىدىكى ئەڭ چوڭ جەمەت سانالغان توقسۇن جەمەتىدىكى غوللۇق، ئابرۇيلۇق ئائىلىلەرنىڭ بىرى. يېشى 50 تىن ئەمدىلا ھالقىغىنىغا قارىماي، كەكە ساقىلىنى ئۆستۈرۈۋالىدىغان، ئاق كۆڭۈللۈكى ۋە تەدبىركارلىقى بىلەن يېزا تەۋەسىدە خېلى ئوبدانلا ئابرۇي قازىنىپ قالغان بۇ ۋىجىك كىشى ئايالى قۇۋانخان ۋە ئابدىلراخۇن، پەزىلەتخان، رىۋىدىخان، تالىپ، ئايشىخان، رەخمىتاخۇن، مۇسراخۇن قاتارلىق يەتتە پەرزەنتى بىلەن مۇشۇ توقاينىڭ ئەڭ ھاۋالىق يېرىدىكى دۆڭلۈككە شەرقتىن غەربكە سوزۇلدۇرۇپ ئۇزۇنىسىغا سېلىنغان كەڭرى ئۆيلەردە بەختلىك ياشايدۇ.
    مەن ئۆيدىن خېلىلا يىراق جايلاردىكى يۇلغۇن - توغراق ئۆسمىگەن قۇم دۆۋىلىرىنىڭ بېقىنلىرىغا يانداشتۇرۇلۇپ يۇلغۇن، توغراق بادرىلىرىدا سېلىنغان، ھەجىمى ۋە شەكلى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۈستى ئوچۇق قوتان شەكلىدىكى ئۆيلەرنى بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىقتىم. بىلدىمكى، كىچىك تىپتىكى بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ۋەزىپىسى بار ئىكەن. دەريا بويىلىقلار ئەخلەت، كۈل، سۆڭەك، يۇڭ - چۇپۇر... دېگەندەك تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى ئايرىم - ئايرىم ئورۇنغا تۆكىدىكەن، ھەتتا مال ئۆلتۈرىدىغانغىمۇ مەخسۇس يالاق ئۆيلەرنى سالىدىكەن.
    مەن مەسچىت سۇپىسىدا ئولتۇرۇپ ئابدۇرىشاتنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىۋاتقان مەمتىمىن توقسۇندىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىۋېدىم، ئۇ كەكە ساقىلىنى سىلاپ تۇرۇپ:
     ۋاي غوجام، پاكىز يۇتلار بۇ، ھەممە نەرسىنى ئارىلاشتۇرۇپ تۆكۈۋەرسەك ئۇلۇغلىرىمىزغا قانداق يۈز كېلىمىز، دەپ جاۋاب بەردى.
    دەل شۇ چاغدا غەربىي جەنۇب تەرەپتىكى توغراقلىق ئارىسىدىن غىڭشىپ ناخشا ئوقۇغىنىچە مەتقۇۋان پوزا چىقىپ كەلدى. ئۇ يولدا بىز كۆرگەن يوغان ئاق قوينى يېتىلىۋالغانىدى. قولتۇقىدا بىر راۋاب تۇراتتى.
    ئۇ ھەممىمىز بىلەن ئالدىراشچىلىق ئىچىدە كۆرۈشۈپ چىققاندىن كېيىن:
     راۋاب مەمتان پونىڭكىدىتى،ئەكېلىپ بولغۇچە ھايالشىپ قالدىم. ھاي، مۇرغىلەكلىشىپ تۇرماي تاق - تاق بولىلى، بالام ئابدىلران، قولغا سۇ ئەكېلىڭ، ئىنىم مەمتىمىنئاخۇن قوينى يالاققا سولاپ پىچاق تەييار قىلىڭ. يورۇق ئالەمدە چىقىرىۋالىلى بۇ گۇينى، دېگىنىچە ئۇزۇن چاپىنىنى سېلىشقا كىرىشتى.
    مەمتىمىن توقسۇنمۇ:
     ئابدىلران بالام، ئانىڭىزغا دەڭ، قىيمىلارنى تەييارلىسۇن، مەتتۇران بىلەن ئاقىدىكى دۆڭگە ئوت قالاپ قۇمنى قىزىتىڭلار، پاكىز قۇمنى تاللاڭلار بالام، دەپ جېكىلىگىنىچە پىچاقنى بىلەشكە باشلىدى.
     بۈگۈن دەريا بويىنىڭ يەرلىك كاۋاپلىرىغا ئېغىز تېگىدىغان بولدۇڭلار. سىلەرگە قېرىن كاۋىپى، تال بورداق، ياغ، بېغىر دېگەن كاۋاپلارنى قانداق پىشۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى، يېزىدىن ئورۇنلاشتۇرغان، دېدى يۈسۈپجان بىزنى چەتكىرەك تارتىپ. ھەممىمىز خۇش بولۇپ كېتىشتۇق.
    قوي سويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاكا - ئۇكا توقسۇنلار گۆشنى تاتقۇشلاپ يۈرۈپ، ئۈگە - ئۈگىلىرىدىن ئاجراتتى - دە، يېرىم جىڭ، بىرەر جىڭدىن پارچىلاپ ساتمىغا يۆتكىدى. قۇۋانخان قارامۇچ، زەنجىۋىل، تۇز ۋە ئۇششاق توغرالغان پىيازنى ئېلىشتۇرۇپ قىلغان قىيمىسىنى قولى بىلەن تېتىپ كۆردى - دە، يوغان تۇنكا داستىكى گۆش ئۈستىگە تۆكۈپ خېلى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۈستىنى لېگەن بىلەن يېپىپ قويۇپ، تېخى ھورى كەتمىگەن جىگەرنى ساتمىنىڭ شەرق تېمىغا يۆلەپ سېلىنغان، ئوت كۆيۈپ تۇرغان مورىسىز تىك ئوچاقتىكى قازانغا سالدى. مەمتىمىن توقسۇن سۇپىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوت كۆيۈپ تۇرغان يانتۇ ئوچاقنىڭ لېۋىدە ئولتۇرۇپ، داستىخاندىكى چاۋا ياغلارنى نېپىز قىلىپ يېرىشقا باشلىدى. ئون مىنۇتلاردىن كېيىن، قوۋانخان قازاندىكى چالا پىشقان جىگەرنى سۈزۈۋېلىپ ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا پىياز، قارامۇچ، زىرە، تۇز قاتارلىقلاردىن قىلىنغان قىيمىنى ئېلىشتۇرۇپ، شاپتۇل ئۈچكىسى چوڭلۇقىدا كومىلاچلاشقا باشلىدى. مەمتىمىن توقسۇن ئوخشاش چوڭلۇقتا كومىلاچلانغان بۇ قىيمىلارنىڭ ھەر بىرىگە چاۋا ياغنى نەچچە قاتتىن يۆگەپ، يۇلغۇن شوپۇڭىدىن قىلىنغان زىخقا ئۆتكۈزۈپ، ئوچاقتىكى چوغقا قاقلاپ پىشۇرۇشقا باشلىدى. دەريا بويىلىقلار بۇ كاۋىپىنى «ياغ بېغىر» دەپ ئاتايدىكەن. ياغ بېغىر كاۋىپى گەرچە ھەر بىرىمىزگە ئىككى تالدىن تەگكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆزگىچە مەززىلىك تەمى تىلىمىزنىڭ ئۇچىدىلا قالدى. ياغ بېغىر كاۋىپى يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن، مەتقۇۋان توقسۇن ئىنىسىنىڭ ئۆتۈنۈشى بىلەن تال بورداق كاۋىپىنى ئېتىشكە تۇتۇش قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن تالنىڭ بىر چېتىدىن بارماق پاتقىدەك تۆشۈك ئېچىپ، بېگىز بارمىقى بىلەن كېڭەيتىپ، تاماكا خالتىسى شەكلىگە كەلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن، قوۋانخان قارامۇچ، زىرە، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ بەرگەن چاۋا ياغ قىيمىسىنى ئاۋايلاپ ئىچىگە سالدى - دە، ئۇنى يۇلغۇن شوپۇڭىدىن ياسالغان ئىككى تال زىخقا ئۆتكۈزۈپ، ئوتقا قاقلاپ پىشۇردى. بۇ كاۋاپمۇ ھەر بىرىمىزگە بىر چىشلەمدىن تەگكەن بولسىمۇ، ياغ بېغىر كاۋىپىغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە تەمى بىلەن بەك تېتىپ كەتتى. ئارىدىن يېرىم سائەتلەر ئۆتكەندىن كېيىن، قوۋانخان چوڭ قىزىنىڭ ياردىمىدە قېرىننى قايتا - قايتا يۇيۇپ، پاكىز تازىلاپ تەييار قىلدى. مەمتىمىن توقسۇن يوغان تۇنكا داستىكى قىيما تېتىتقۇلىرى سىڭىشىپ تەييار بولغان گۆشنى قېرىن ئىچىگە تۆكۈپ، ئاغزىنى كۆك يۇلغۇن شوپۇڭىدا ياماپ، ساتما ئارقىسىدىكى دۆڭدە ئۇلۇغ كۆيۈۋاتقان گۈلخان تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى. بىزمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چىقتۇق. بالىلار ئوتنى يانغا تارتىۋېتىپ، ئاستىدىكى قىزىق قۇمنى كەتمەن بىلەن كولاشقا باشلىدى. كۆيۈپ قىزغۇچ رەڭگە كىرىپ قالغان ھارارەتلىك قۇم پۈتۈن بىر قوينىڭ گۆشى تىقىلغان قېرىننى ئۆز قوينىغا ئالدى. بىز قېرىن كاۋىپى كۆمۈلگەن قىزىق قۇمنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشتۇق.
    كەچ كىرىپ كۆز باغلانغان چاغ بولۇپ قالغانىدى. پۈتۈن ئەتراپنى ئۈنسىز قاراڭغۇلۇق بېسىپ كەلمەكتە ئىدى. مەتقۇۋان توقسۇن: «ئازراق مەسلىھەتلىشىدىغان ئىشىم بار ئىدى» دەپ ئىنىسى مەمتىمىنئاخۇننى ساتمىغا ئەكىرىپ كەتكەچكە، بىز بۇ ئائىلىدە ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان مەتتۇردىئاخۇن بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق.  ئىككى سائەتكە يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئاكا - ئۇكا توقسۇنلار بىر - بىرىنى قولتۇقلاشقىنىچە، پەس ئاۋازدا پاراڭلىشىپ چىقىپ كەلدى. مەمتىمىن توقسۇن خېلىلا سوۋۇپ قالغان قۇمنى قولى بىلەن ئىككى يانغا تارتىپ، قېرىننىڭ ئۈستۈنكى يۈزى كۆرۈنگەندە ئېڭىشىپ تۇرۇپ پۇراپ باقتى - دە:
     قىل قاپتۇق ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتكىلى، يەنە ئازراق تۇرغان بولسا كۆيگەن يەرلىرى تېشىلىپ، ئىچىگە قۇم كىرىپ كېتەتتىكەن، دېگىنىچە، قول چىراغنىڭ يورۇقىدا گويا سەللا سىلكىنىپ كەتسە پارتلاپ كېتىدىغان بومبىنى كولاپ ئېلىۋاتقاندەك، قېرىننىڭ تۆت تەرىپىدىكى قۇمنى ئاۋايلاپ ئېلىشقا باشلىدى. ناھايىتى مەززىلىك ھىد دىماغلارغا ئۇرۇلدى. ئۇ تونۇرغا كۆمۈلگەن كاۋاپغا ئوخشاش تارشىدەك قېتىپ سارغىيىپ، ئۇ يەر - بۇ يەرلىرى كۆيۈشكە باشلىغان قېرىننى ناھايىتى ئاۋايلاپ ئالدى - دە، ئۈستىدىكى قۇم يۇقۇندىلىرىنى ئالىقانلىرى بىلەن سىپاشتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن چوڭ داسقا تۆكتى. ساتمىغا داستىخان تارتىلىپ قېرىن كاۋىپى زىياپىتى باشلاندى. بىز دورا - دەرمەكلەرنىڭ تەمى سىڭىپ، سۇلۇق ھەم يۇمشاق پىشقان مەززىلىك كاۋاپنى يەپ، شىرنىدەك قويۇق سۈيىنى ئىچىپ ناھايىتى ھۇزۇرلاندۇق. قورساق تويۇپ، ھاردۇقىمىز بىراقلا چىقىپ قالغانىدى. ئەتىسى يېزا مەركىزىگە قايتىدىغان بولغاچقا، سائەتنىڭ 11 بولۇپ قالغانلىقىغا قارىماي، مەتقۇۋان توقسۇننى راۋاب چېلىپ بېرىشكە تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدۇق. ئۇمۇ ئويۇنخۇمار، كۆڭۈلچەك كىشىكەن. تەلىپىمىزگە دەرھال ماقۇل بولدى. بىز باشقىلارنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ساتما ئارقىسىدىكى دۆڭگە قايتىدىن سورۇن قۇردۇق. مەتسىلىم، غەيرەتلەر يېقىن ئەتراپتىن توغراق ئوتۇنلىرىنى يىغىپ كېلىپ گۈلخان سالدى. ئوت پاراسلاپ كۆيۈپ، توغراق بويى ئېگىزلىكتە كۆيۈشكە باشلىدى. بىز مەتقۇۋان توقسۇننى ئارىمىزغا ئېلىپ، ئوتقا قاراپ ئولتۇرۇشتۇق.
    ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن مەن راۋابقا تارا ئۇلاۋاتقان مەتقۇۋان توقسۇندىن گەپ سوراشقا باشلىدىم:
     دەريا بويىدا سازەندە - نەغمىچىلەر خېلى بارمۇ؟
     ھاي ياقەي، نەغمىچى - سازەندە دېگەن تۆت  كونىنى يوقىتىشتا تۈگىگەن ھاي بۇ ژۇتلاردا. بىزدىن بىلەك تۈزۈكرەك راۋابچىمۇ قالمىدى ئاينا. زەيلىكتىكى قاسىم ئىسلام، يالغۇز توغراقتىكى مەتشېرىپئاخۇن، ئىيىندىكى توقايدا ئولتۇرۇشلۇق مەمتان پولار مۇشۇ راۋابنى سورىۋېلىپ ئاندا - ساندا تىرىڭشىتىپ يۈرىشىدۇ قالىسلا.
     ئۇنداقتا، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى نەغمىچى - سازەندىلەر خېلى كۆپكەنتۇق - تە، بۇ يەردە؟
    - بىز كىچىك چاغلىدا، ھەي... ئاجايىپ زامانلارتى ئۇ. مۇشۇ مەتتۇداندەك شاش چاغلىرىم ئىدى. بىر قېتىم دادۈي بوغالتىرى قادىر نىياز ھېساب تەكشۈرگىلى چىققاندا مېنى ھازىرقى 3 - شودۈي بېشىدىكى خانىقا دېگەن توقايغا بىرگە ئېلىپ باردى. بۇ توقايدا ئوغۇلەك ئانام ئىسىملىك يېشى 70 تىن ئاشقان، ئورۇق، ئېگىز كەلگەن ئاپئاق چاچلىق بىر موماي ئولتۇرىدىكەن. ئۇ مەزلۇم دۇتار چېلىپ ناخشا ئوقۇشقا بەك يامانكەن. بارغان كۈنىمىز بالا - ۋاقلىرىنى يىغىپ كېچىچە مەشرەپ قىلىپ بەردى. ئۆزى تاڭ ئاتقۇچە دۇتار چېلىپ ناخشا ئوقۇدى. بالىلىرى، كېلىن - نەۋرىلىرى ئۇسسۇل ئوينىدى. قادىر نىيازمۇ راۋاب چالدى. ھەيران قالدىم. شۇ كۈندىن باشلاپ ئىچىمگە بىر پارچە ئوت كىرىۋالغاندەك بولۇپ قالدىم. قادىر نىيازغا ئەگىشىپ يۈرۈپ مازاردا ئولتۇرۇشلۇق سىدىق قويچى، خانىقاغا يېقىن جايدىكى قادىر كۆرەك، تۇرسۇن كالدىرلار بىلەن تونۇشتۇم. سىدىق قويچى ماڭا راۋاب ئۆگەتتى. نۆۋەت بىلەن بولۇپ تۇرىدىغان مەشرەپلەردە يۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ سازەندىلەر بىلەن تونۇشتۇم. يىراق - يىراق جايلاردىن ئات - ئۇلاغلىق كېلىپ، بىزنى مېھمانغا تەكلىپ ئېتىشەتتى. توي - تۆكۈن بىز بولمىساق قىزىمايتتى. 1968 - يىلى مۇشۇ چوڭ دەريا ئىككىگە ئايرىلىدىغان يوغان توغراقتا تۇغ باغلاش بولغاندا، ناھىيىدىن چىققانلار سازلىرىمىزنى بوينىمىزغا ئېسىپ سازايى قىلىپ تۆت كونىنى يوقىتىش ئېلىپ باردى. ئارقىدىن دەييا بويىدىكى بارلىق سازلارنى ۋە نۇرغۇن كونا كىتابلارنى كۆيدۈردى. ئۇستازىم سىدىق قويچىنى بىرسى بەك ئۇرۇۋەتكەچكە بىر مەزگىل كېسەل تارتىپ ئۆلۈپ كەتتى. مۇشۇ راۋاب ئاشۇ رەھمىتىدىن قالغانىدى. بىر كۈنى ناھىيىدىن كەلگەن ئۈچ كىشى كالتەكلەرنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا بىزنىڭ توقايغا كېلىپ «راۋابنى چىقار» دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇلار مېنى يالىڭاچلاپ، ساتما ئالدىدىكى قېرى توغراققا باغلاپ بىر كېچە پاشىغا يەم قىلدى. مەن زۇۋان سۈرمەي تۇرۇۋالغاچقا، ئۇلار مېنى خېلى قاتتىق ئۇرۇۋەتكەندىن كېيىن كېتىپ قېلىشتى. ئەسلىدە بۇ راۋاب مېنى  باغلىغان توغراقنىڭ كاۋىكىغا تىقىقلىق ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى چاغلاردا، بەك پۇغانىم ئۆرلەپ كەتسە، راۋابنى جۇۋامغا يۆگەپ قۇملۇققا كىرىپ كېتىپ، بىرەر كېچە قانغۇدەك چېلىۋېلىپ، يەنە شۇ توغراق كاۋىكىغا يوشۇرۇپ قويۇپ يۈردۈم. يۇڭ - تېرىلەرنىڭ ئارىسىغا يۆگەپ ساقلىدىم دېسىلە بۇ كاساپەتنى. ئاشۇ 15  20 يىل ئىچىدە مەندە راۋاب بارلىقىنى خەق تۈگۈل ئۆيدىكىلەرمۇ ئۇقماي قېلىشتى. كېيىن بىز قېرىغاندا زامان ئوڭشالدى دېيىشتى... ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى يىغا ئارىلاش چۈشۈرۈۋەتتى.
    جىمجىتلىق بۇ يەرنىڭ دائىملىق ھەمراھى. بۇيەرنىڭ سەھىرى جىمجىتلىق ئىچىدە باشلىنىدۇ. جىمجىتلىق يەنە كېچىگە ئۇلىنىدۇ. كېچىمۇ جىمجىتلىق ئىچىدە سەھەرنى كۈتۈۋالىدۇ. لېكىن سەن باغرىڭنى قۇمغا يېقىپ يېتىپ، قۇلاق سېلىپ تىڭشىساڭ ھەر بىر تۈپ توغراق، ھەر بىر تال يۇلغۇن، قومۇشنىڭ ھەتتا ھەر بىر تال گىياھنىڭمۇ شىۋىرلاپ ئېيتىۋاتقان چۆچىكىنى ئاڭلىيالايسەن... ئەتراپ سىياھتەك قاراڭغۇ، يۇلتۇزلار گويا باش ئۈستىمىزگىلا ئېسىلغان سانسىز نىئون چىراغلىرىدەك نۇر چېچىپ تۇرىدۇ. مەتقۇۋان توقسۇننىڭ گەپلىرى كەيپىمىزنى ئۇچۇرۇۋەتتى. بىز ئۆكىنىش، خۇرسىنىش ئارىلاش ئۇلۇغ - كىچىك تىنىقلار ئىچىدە جىمجىت ئولتۇرۇپ كېتىشتۇق.
    بىر كەمدە، مەتقۇۋان توقسۇننىڭ راۋابى سايراپ كەتتى. ئۇ راۋابنى خوتەن - كېرىيە تەرەپلەردە تاغ راۋابىدا (قويچى راۋابى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئورۇندىلىدىغان، بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان ئۇششاق پەدىلەرگە چېلىپ، ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش ناخشىسىنى باشلىۋەتتى. مەن جۈمەنىياز تۇتۇپ بەرگەن قول چىراغنىڭ يورۇقىدا ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان تېكىستلەرنى بىرمۇ بىر خاتىرىلەپ ماڭدىم. بوۋاي ناخشىسىنى بىر باشلىۋالغانچە 70 كۇپلېتتىن ئارتۇقراق ئوقۇپ توختىدى. بۇ يەردە ئۈلگە سۈپىتىدە بىرقانچە كۇپلېت كەلتۈرۈش بىلەن چەكلەندىم.
    قوي كېلەر قوزا بىلەن،
    بىر - بىرىنىڭ ئىزى بىلەن.
    مېنىڭ يارىم قاچان كېلەر،
    قارا كۆزى، قېشى بىلەن.

    دۆڭمۇ دۆڭ قۇمنى ساناپ،
    ئالدىم قولۇمغا بىر راۋاب.
    قايسى چۆلدە يۈرىسىز،
    مەڭزى قىزىل باغرى كاۋاپ.

    ئۆستەڭ ياقىلاپ بارىپ،
    چار ئارغامچا تېپ بالدىم.
    سەن يارىمدىن ئايرىلىپ،
    يۈرەك ئاغرىقى تېپ بالدىم.

    ئات بولسا جەدە بولسا،
    كاللىسى كىچىك جەدە باش.
    يارى بولسا نوچى بولسا،
    بۇغداي ئۆڭلۈك قاراقاش.

    سەن كېلىسەن يۇقىرىدىن،
    مەن يىغلىسام سەن كۈلىسەن.
    ھەممە ئىشنى بىلىسەن،
    ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرىسەن.

    ئوچاققا ئوتان سالسام،
    چۇچۇل بولۇپ كۆيمەيدۇ.
    كىچىككىنە يار تۇتسام،
    خىجىل بولۇپ سۆيمەيدۇ.

    بىز ئەتىسى چاشكا ۋاقتى بىلەن مېھمانخانا ئۆيدىكى ئەزەلدىن ئادەم يېتىپ باقمىغاندەك پاكىز كۆرۈنىدىغان، دۇخاۋا، خاڭدەنلەر بىلەن تاشلانغان ئاپئاق ئەستەرلىك يوتقان - كۆرپىلەر ئارىسىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، توقسۇن جەمەتىدىكى يېڭى بىر كۈنلۈك ھاياتىمىزنى باشلىدۇق. قۇۋانخان كۆمەچ سالدى. چايدىن كېيىن باشقىلار ئۆزلىرى قىزىقىدىغان تېمىلار بويىچە تەكشۈرۈشكە چىقىپ كەتتى. مەن ئوت كۆيۈپ تۇرغان ئوچاق ئالدىدا ئاكا - ئۇكا توقسۇنلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، توقسۇن جەمەتىنىڭ ئائىلە نەسەبىنى ئېنىقلاشقا باشلىدىم.

     باب. دەريا بويىدا مائارىپ

    ئابلا كېرەمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، بىز دەريا بويى يېزىسىغا كېلىپ ئىككىنچى كۈنى (10 - ئۆكتەبىر، پەيشەنبە) چۈشتە يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بىر ئېغىزلىق ئىشلىتىلمىگەن ئوقۇغۇچىلار ياتىقىغا كۆچۈپ كەلدۇق. بىز ياتاققا كىرىپ بولغۇچە ئۈستۋاشلىرىنى توپا - چاڭ باسقان، ئۇزۇن - قىسقا كونا كىيىملەر ئىچىدىكى جۈدەڭگۈ چىرايلىرىدىن ساپ مەسۇملىك، بالىلارچە غەمسىزلىك چىقىپ تۇرغان بىر توپ قىز - ئوغۇل ئوقۇغۇچى ياتاق ئەتراپىغا توپلىشىۋالدى. ئۇلار ئىشىك - دېرىزىلەردىن بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ، ھېيىققان يوغان كۆزلىرىنى بىزدىن ئۈزمەي ئۈستۋاشلىرىمىزغا، ئاپپارات - ئەسۋابلىرىمىزغا، گەپ - سۆزلىرىمىزگە، ھەتتا مېڭىش - تۇرۇش ھەرىكەتلىرىمىزگە قەدەر زور قىزىقىش ئىچىدە قارايتتى. بىر - بىرى بىلەن پەس ئاۋازدا كۇسۇرلىشىپ، ۋىلىقلاپ كۈلۈشەتتى. بۇ سەبىيلەرگە قاراپ كۆڭلىمىز يورۇپ، روھىمىز باشقىدىن كۆتۈرۈلۈپ قالدى.
    بىز بالىلىقنىڭ، مەكتەپنىڭ نەقەدەر كۆڭۈللۈك، نەقەدەر ئىللىق ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇڭداشقاچ، ئىچىگە قوش قەۋەتلىك سىم كارىۋاتلار قويۇلغان بولسىمۇ، ئۇزۇندىن بېرى ئادەم ياتمىغاچقا توپا بېسىپ كەتكەن زال شەكلىدىكى بۇ چوڭ ياتاقنى تازىلاشقا تەرەدۇت قىلىپ تۇرغىنىمىزدا، مەكتەپ مۇدىرى مەتتوختى غۇجا ۋە ئىلمىي مۇدىر مەمەتئابلا مەكتەپتىكى ئەر - ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئەگەشتۈرۈپ بىز بىلەن كۆرۈشكىلى كىردى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياتاقتا پەيدا بولۇشى تارتىنىش ئىچىدە بىزگە سىرتتىن ماراپ يۈرگەن بالىلارنى جانلاندۇرۇۋەتتى. بالىلاردىكى قورۇنۇش ئالامەتلىرى بىراقلا يوقاپ، بىردىن - ئىككىدىن ياتاققا كىرىشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىغا يامىشىپ ئەركىلىسە، يەنە بەزىلىرى تارتىنماستىن يېنىمىزغا كېلىپ ئۇچىمىزدىكى دالا كىيىملىرىنى ۋە ئاپپاراتلارنى سىلايتتى. بىزمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلارغا بولغان قېرىنداشلارچە مېھرىبانلىقىغا ماس ھالدا بالىلارنىڭ باشلىرىنى سىلاپ ئەركىلىتىپ كېتىشتۇق.
    ئوقۇتقۇچىلار ناھايىتى قىزغىن ئىدى. ئۇلار قولمۇ قول تۇتۇش قىلىپ، بىردەمدىلا ياتىقىمىزنى تازىلاپ، ئۆز ياتاقلىرىدىكى يوتقان - كۆرپە، داس - چېلەك، چىنە - چەينەك ۋە يېزىق ئۈستەللىرىنى يۆتكەپ ئەچىقىپ سەرەمجانلاشتۇرۇۋەتتى. بىزگە ھەتتا ماشىنىدىكى يۈك - تاقلارنى توشۇش ئىشىمۇ تەگمىدى. بىز ياتاققا رەسمىي ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن، كېرىيىدىن ئېلىپ كەلگەن سوغۇق ئىچىملىك، نان - توقاچلىرىمىزنى ئۈستەللەرگە يېيىپ ئاددىي سۆھبەت سورۇنى ياسىدۇق. مەقسىتىمىز  بىرى، ئۇلارنىڭ بايىقى ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىش، ئۇلار بىلەن ئوبدانراق تونۇشۇش بولسا؛ يەنە بىرى، ۋاقىتنى قەدىرلەپ، ھەممە ئوقۇتقۇچىلار يىغىلغان پەيتتە دەريا بويى مائارىپىغا ئائىت ماتېرىياللارغا ئېرىشىۋېلىش ئىدى. مېنىڭ سوئاللىرىمغا مەتتوختى غۇجا جاۋاب بەردى.
     دەريا بويىدا  پەننى مائارىپنىڭ شەكىللىنىش جەريانى قانداق؟
     1960 - يىلى ناھىيىدىن ئىمىن توختى ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچى كېلىپ ھازىرقى كونا دادۇي ئورنىدا بەش يىللىق باشلانغۇچ مائارىپىنى ئاساس قىلغان بىر سىنىپ ئاچقانىكەنتۇق. 1962 - يىلى ناھىيىدىن يەنە مەتسىدىق قۇربان كېلىپ قوشۇمچە بىر سىنىپ ئېچىپتۇ. ئۇ كىشىنىڭ ئايالى خەلچەمخان، ئابدىغىنى سىدىق قاتارلىقلار خەلق ئوقۇتقۇچىسى سۈپىتىدە مۇئەللىملىك قىپتۇ. 1965 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن تۇنجى قارار سىنىپنىڭ ئابلاكېرەم، قادىر نىياز، سەيدى ئابلا، قۇۋان خۇجا، قاسىم ئىمىن، ئابدۇراخمان تۇرسۇن قاتارلىق ئالتە كىشى دەريا بويىدىكى تۇنجى ئەۋلاد ساۋاتلىق كىشىلەر سۈپىتىدە دادۇينىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىغا ئارىلىشىپتۇ. شۇ يىلى ئىمىن توختى ناھىيىگە قايتىپ كېتىپ، مەتسىدىق قۇربان ئۆز سىنىپىنى ئوقۇتۇپ قېپ قاپتۇ. ئۇىڭ سىنىپى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر يىلدىن كېيىن، يەنى 1968 - يىلىدىن باشلاپ دەريا بويىدا مۇنتىزم مائارىپ ئۈزۈلۈپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن تاكى 1989 - يىلى يېزا قۇرۇلغانغا قەدەر بولغان 20 يىل جەريانىدا، مەتسىدىق قۇربان، ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمانلار ھەرقايسى توقايلار ئارىسىدا ئات - ئۇلاغلىق قاتناپ يۈرۈپ، چارۋىچىلارنىڭ ساتمىلىرىدا يېتىپ - قوپۇپ، ئۇلارنىڭ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلىرىنى ئوقۇتۇپتۇ. لېكىن مۇشۇ 20 يىل ئىچىدە ساۋادىنى چىقىرىپ قاتارغا قېتىلغان بىرمۇ ئادەم يوق. شۇ يىللاردا، ساۋاتلىق كىشىلەرنىڭ كەملىگىدىن بىر ئادەم بىرقانچە خىل ۋەزىپىنى تەڭ ئۆتەيدىغان ئىشلارمۇ بوپتىكەن. مەسىلەن، ئابدىراخمان تۇرسۇن بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ ئەترەتكە بوغالتىر بوپتىكەن. 1974 - يىل يانتاقسۇلاقتا ئولتۇرۇشلۇق سەيدى روزى ۋە تېرىمدىكى ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمانلارغا دادۇي مەسئۇل بولۇپ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن ناھىيىگە چىقارتىپتۇ. سەيدى روزى ناھىيىنىڭ مۇھىتىغا كۆنەلمەي قېچىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان داۋاملىق ئوقۇپ، 78 - يىلى تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ كېلىپ دەريا بويى تەۋەسىدىكى ئەڭ كۆپ ئوقۇغان، ئەڭ بىلىملىك كىشى سۈپىتىدە دەۋر سۈرۈپتۇ. 80 - يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ناھىيىدىكى پېشقەدەم مائارىپچى مەتتۇرسۇن سىدىق دەريا بويىغا كېلىپ كىشىلەر ھازىر ئاشخانا، ماگىزىن قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان ساتما ئۆيلەرنى سالدۇرۇپ بىر تۈركۈم بالىلارنى يىغىپ ئوقۇتقان بولسىمۇ، يەنىلا سەييارە ھالەتكە خاتىمە بېرەلمىگەن. پەقەت 1989 - يىلى دەريا بويى يېزا بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىنلا ھازىرقى مۇنتىزم مائارىپ باشلانغان.
    مەكتىپىڭلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق؟
    مەن دەريا بويىغا 89 - يىلى كەلگەن. شۇ يىلى يېزا قۇرۇلۇش مۇناسىۋىتى بىلەن يەتتە ئوقۇتقۇچى ۋە تۆت سىنىپلىق 85 ئوقۇغۇچىدىن تەركىب تاپقان «دەريا بويى باشلانغۇچ مەكتىپى» قۇرلۇپ مەن مۇدىر بولغان. شۇ چاغدىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيتتى. 97 - يىلىدىن باشلاپ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپتىن بىرنى ئاچقانتۇق. ئىككىنچى قارار بالىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. غوپۇر ئابدۇللانىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى جۇڭ فۇڭجى ئۆي - زېمىن شىركىتى بىر مىليون يۈەن ئاجرىتىپ مۇشۇ ياتاق بىناسى ۋە يېڭى ئوقۇتۇش بىناسىنى سېلىپ، ھازىرقى جۇڭ خۇڭجى ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىنى قۇرۇپ بەردى. شۇ يىلى مەكتىپىمىزدە 10 ئوقۇتقۇچى، 120 ئوقۇغۇچى بار ئىدى. ھازىر ئوقۇتقۇچى 19 غا، ئوقۇغۇچىلار 153 كە يەتتى. ئۆيى 10 كىلومېتىر دائىرە ئىچىگە جايلاشقان 65 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ كەچتە كېتىپ - ئەتىگىنى كېلىپ ئوقۇغۇنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان 88 نەپەر ئوقۇغۇچى مەكتەپتە مۇقىم يېتىپ ئوقۇيدۇ. ئۇلار تەتىلدىن باشقا چاغدا ئائىلىسىگە قايتالمايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 33 ئوقۇغۇچى 70 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شالدىراڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن. بالىلارنىڭ يېشى بەكلا كىچىك بولغاچقا، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس، ئۇلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىدىن خەۋەر ئېلىش بىزنىڭ زىممىمىزگە يۈكلەنگەن. بىز ئۇلارغا ھەم ئوقۇتقۇچى ھەم ئاتا - ئانا. ئائىلىسىگە قايتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھالى تېخىمۇ خاراپ. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ ئۆيى مەكتەپتىن ئالتە - يەتتە كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولغاچقا، مەكتەپكە كېلىپ - كېتىش ئۈچۈن ھەركۈنى ئون نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنى ھېسابقا سۇندۇرىدىغان بولساق، ئاشۇ سەككىز - ئون ياشلىق بالىلار بىر يىلدا ئۆيى بىلەن مەكتەپ ئارىلىقىدىلا ئۈچ مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈيدۇ دېگەن گەپ. تېخى ئەتە - ئۆگۈن كۆرشىلا، دەريا بويىدا يول دېگۈدەك يولمۇ يوق. يۇلغۇن - توغراقلىق ئارىسىدا توپا كېچىپ سائەت - سائەتلەپ يالغۇز مېڭىپ كېتىدۇ بۇ بىچارىلەر.
    ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلارنى ئوقۇتۇش قىزغىنلىقى قانداقراق؟
    ئىلگىرى مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىپ مال باققىلى سالىدىغان، مەكتەپكە ئىۋەرتمەي توشقان زەدىكى كولىغىلى سالىدىغان، ھەتتا يېشى چوڭراق بالىلارنى مەكتەپتىن ئاجرىتىپلا تويىنى قىلىۋېتىدىغان ئەھۋاللار بارتى، مەجبۇرىي مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە، بولۇپمۇ مەكتەپ شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتۇش قىزغىنلىقى خېلى ئېشىپ قالدى. يېزا تەۋەسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدىن مەدەنى پائالىيەت بولمىغاچقا، ئاتا - ئانىلارمۇ بىزنىڭ بايرام پائالىيەتلىرىمىزگە ئۆگىنىپ كەتتى. بىز ھەر يىلى بالىلار بايرىمىدا مەكتەپ بويىچە بىر كۈن پائالىيەت قىلىمىز. پائالىيەتتە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلايدۇ. شۇ بىر كۈنلۈك سەنئەتنى كۆرىمىز، دەپ نۇرغۇن كىشىلەر بىرقانچە كۈنلۈك يوللارنى بېسىپ كېلىدۇ. مەكتەپ ئادەم بىلەن توشۇپ كېتىدۇ. ئۇلارمۇ قۇرۇق قالماۇدي. بىرەر مال، بىرەر تېرە، يۇڭ، تىۋىت دېگەندەك نەرسىلەرنى ئالغاچ كېلىپ مەكتەپكە ئىئانە قىلىدۇ. بىزمۇ ئۇ نەرسىلەرنى پۇل قىلىپ، بالىلارنىڭ تاماق شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىمىز. ئەسلىدە، يېزا قۇرۇلغان چاغدا ناھىيە رەھبەرلىكى بالىسى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ھەربىر ئائىلىنىڭ مەكتەپكە يىلدا بىر قوي تاپشۇرۇشنى بەلگىلىگەن. كېيىن بۇ گەپ يۈتۈپ كەتتى. خەقنىڭ ھال - كۈنىمۇ چاغلىق بولغاچقا بىزمۇ بەك ئەۋزەيلەپ كەتمىدۇق. 89 - يىلىدىن ھازىرغىچە 200 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئائىلىسىگە قايتتى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ناھىيىگە چىقىپ تولۇقسىز، ھەتتا تولۇق ئوتتۇرىغا قەدەر ئوقۇدى. شۇلارنىڭ ئىچىدىن ئالتە ئوقۇغۇچى ئۈرۈمچى، بورتالا ۋە خوتەنلەردىكى ھەر دەرىجىلىك ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ قايتىپ كېلىپ خىزمەت كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئاشۇ بالىلارنىڭ بىرەر يىلدىن بۇيان خىزمەت تاپالماي لاغايلاپ يۈرۈپ قېلىشى دەريا بويىلىقلارغا بەك تەسىر قىلدى. بىزنىڭمۇ تىلىمىزنى قىسقا قىلىپ قويدى. ھازىر يېزىدا كادىر يېتىشمەيدۇ، مەكتەپكىمۇ ئوقۇتقۇچى لازىم. ئەسلىدە ئۆز يۇرتلىرىدا بىر ئوبدان خىزمەت قىلىۋاتقانلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ بۇ يەرگە ئەكېلىپ قېقىپ قويماي، ئاشۇ بالىلارنى تەقسىم قىلىپ بېرىشى كېرەك ئىدى.
    دەريا بويىدا دىنى مائارىپ مەۋجۇتمۇ؟
    59 - يىلى لايداڭ دېگەن يەردە بىر مەدرىس قۇرۇلۇپ، بىر يىلغا يېقىن بالا ئوقۇتۇپ تاقىلىپ قاپتىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئىشلارغا خاتىمە بېرىلدى. بۇ يۇرتتا قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بەش ۋاخ نامازنى قازا قىلماي ئوقۇيدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، روزا تۇتمايدىغان، شەرىئەتكە ئەمەل قىلمايدىغان بىرمۇ كىشى يوق. لېكىن ئەينى چاغلاردا لايداڭدىكى مەدرىستە ئوقۇپ موللا بولغان ھۆسيىن قارىم قاتارلىق ئىككى - ئۈچ كىشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھېچقايسىسى دىندا ئوقۇمىغان، 40 ياشتىن تۆۋەنلەر ئىچىدىمۇ دىندا ئوقۇپ تەربىيىلەنگەن بىرمۇ تالىپ يوق.
    مەن قايتا سوئال سوراي دەپ تۇرۇشىمغا، مەتتۇرسۇن خۇجا سائىتىگە بىر قارىۋېتىپ:
     ھەرقايسىلىرى كۆڭۈللىرىگە ئېلىشمىسىلا، چۈشتىن كېيىنلىك دەرس ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ. بىز بالىلارنى بىر ئوقۇتۇۋېتىپ چىقايلى. كەچتە بىر يەرگە كېتىپ قېلىشمىسىلا، تاماقنى بىزنىڭكىدە يەيلى، قالدى گەپنى شۇ يەردە دېيىشەرمىز - دېدى ھەم ئوقۇتقۇچىلارنى باشلاپ چىقىپ كەتتى.
    مەن ئەترەت ئەزالىرىغا قىسقىلا يىغىن ئېچىپ، مەكتەپتە يېتىپ - قوپۇش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ مەكتەپ ئىچىنى ئايلىنىپ چىقماق بولۇپ سىرتقا چىقتىم. مەكتەپنىڭ شەرقى جەنۇبىي بۇجىگىنىڭ يېزا مەركىزىگە تۇتىشىپ تۇرغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان تەرەپلىرى يۇلغۇن - توغراقلار ۋە قۇم دۆڭلىرى بىلەن قورشالغان. تەخمىنەن 700 كۋادرات مېتىر كۆلەمنى ئىگىلىگەن مەكتەپ قورۇسىنىڭ شىمالىدا زامانىۋى ئۇسۇلدا يېڭىدىن سېلىنغان قاڭالتىر قۇرۇلمىلىق ئوقۇتۇش بىناسى قارشى تەرەپتە قىيسىيىپ تۇرغان، گويا «ئۆتمۈشنى ئەسلىتىش بويۇمى»دەك كونىلىقىدىن ئۆرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغان بولسىمۇ، تاملىرىغا دىيەك قويۇپ ساقلاپ قويۇلغان ئىلگىرىكى مەكتەپ قۇرۇلۇشى بىلەن كۈچلۈك سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىپ ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ئوتتۇرىدىكى ئىككى گاردىن باشقا ھېچقانداق تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى ئورنىتىلمىغان مەيداننىڭ كىرىشى ئېغىزىغا بايراق چىقىرىش سۇپىسى ۋە خاتىرە تاش ئورنىتىلغان. خاتىرە تاشنىڭ جەنۇب يۈزىگە ئوقۇغۇچىلار بىلىشكە تېگىشلىك تۈرلۈك بايراق نۇسخىلىرى سىزىلغان بولسا، شىمال يۈزىگە مەكتەپنىڭ قىسقىچە تارىخى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە يېزىقلاردا ئۇيۇلۇپ ھەل بىلەن پارقىرتىلغان. تولۇق تېكىستى مۇنداق «جۇڭ خۇڭجى ئۈمىد مەكتىپىنىڭ بۇرۇنقى نامى دەريا بويى مەكتىپى» بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. مەكتەپ ئۆيلىرى 2000 - يىلىلا خەتەرلىك ئىمارەتكە ئايلىنىپ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش گىردابىغا بېرىپ قالغاچقا، مەكتەپتىكى پۈتۈن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشسىز قېلىش ئالدىدا تۇراتتى. دەريا بويى يېزىسىنىڭ مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭ خۇڭجى ئۆي - زېمىن شىركىتى ۋە شىنجاڭ بىناكارلىق سانائىتى گۇرۇھى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەبلەغ ۋە كۈچ چىقىرىشى، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، 1 مىليون يۈەن مەبلەغ سەرپ قىلىنىپ بۇ مەكتەپ سېلىنغان. قۇرۇلۇش 2001 - يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى پۈتكەن. مەن خاتىرە تاشتىكى يۇقىرىقى مەزمۇنلارنى ئوقۇۋېتىپ، ئىككى قۇر خەتنىڭ كېيىنكى چاغلاردا تەگ رەڭ بىلەن بويىلىپ ئۆچۈرىۋېتىلگەنلىكىنى بايقاپ قالدىم ھەم تاشقا ئويغاندا قېلىپ قالغان خەت ئىزنالىرىنى ھەجلەپ يۈرۈپ «... يولداش غوپۇر ئابدۇللانىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا...» دېگەن خەتلەرنى ئوقۇپ چىقتىم. مەن بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي تۇرغىنىمدا، ياغلىقىنى ئېڭىكىدىن قوشۇپ چىڭ چىگىۋالغان 13 ياشلاردىكى ئورۇق بىر قىزنىڭ يۈگۈرگىنىچە كېلىپ قولىدىكى تاش بىلەن توغراققا ئېسىقلىق داڭنى (ئەمەلىيەتتە بىر پارچە ئەسكى تۆمۈر) ئۇرۇش بىلەن ئوقۇغۇچىلار 5 - سائەتلىك دەرستىن چۈشتى. مەن مەكتەپ مۇدىرى مەتتوختى خۇجىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ خاتىرە تاشتىكى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن خەتنىڭ سەۋەبىنى سورىدىم. ئۇ پەخىرلىنىپ تۇرۇپ: «غوپۇر ئابدۇللا خوتەنگە ۋالىي ۋاقتىدا دەريا بويى يېزىسىغا بەك كۆڭۈل بۆلگەن. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشكە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ يۆتكىلىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ يۈرۈپ ئاخىر جۇڭخۇڭجى شىركىتىنىڭ 2 مىليونغا يېقىن مەبلەغ سېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ مەكتەپنىڭ مۇشۇ يېكى قۇرۇلۇشى بىلەن يېزىلىق شىپاخانىنى سالدۇرۇپ بەرگەن. ۋىلايەت، ناھىيە رەھبەرلىرى مۇشۇ خاتىرە تاشنى ئورناتقاندا ئۇ كىشىنىڭ تۆھپىسىنى نەزەر ئېلىپ ئاشۇنداق ئويدۇرغانىكەن. لېكىن ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ غوپۇر ئابدۇللا دەريا بويىغا كەلگەندە تاشتىكى خەتلەرنى ئوقۇپ بەك خاپا بولۇپ كەتتى. ئۇ رەھبەر دېگەن خەلققە كۆڭۈل بۆلمەي ئېشەك باقسا بولامتى، مەن ئۆزۈمنىڭ خەلق ئالدىدىكى بۇرچۇمنى ئادا قىلدىم. بۇنىڭ تاشقا ئويغىچىلىكى يوق بۈگۈنلا ئۆچۈرۈۋېتىڭلار» دەپ بۇيرۇق سوقاپ ئۆچۈرگۈزۋەتكەنتى دېدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ غوپۇر ئابدۇللانىڭ رەھبەرلىك ئىستىلىگە، خەلقپەرۋەرلىكىگە قايىل بولۇپ قالدىم.
    مەن مەتتوختى خۇجا بىلەن خوشلىشىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن يېڭى ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئارقىسىدىكى
     شورتاڭ چاتقاللىققا سېلىنغان كونا ئىككى ئېغىز ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىغا كىردىم. نامدا ئاشخانا دېيىلسىمۇ ئوچاق بىلەن قازاندىن باشقا ھېچقانداق سەرەمجان كۆزگە چېلىقمايدىغان، زەي تارتىپ، ئىستىن قارىداپ كەتكەن بۇ ئۆيلەردە ئادەم كۆرۈنمەيتتى. زەڭ سېلىپ قارىسام، ئابلىمىت ئىسىملىك ئاشپەز ئۇستام ئاشخانا ئۆيلەرنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى لەمپە ئاستىدا تونۇرغا نان يېقىۋېتىپتۇ. مەن تېخى بىرەر سائەت ئىلگىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كۆرگەن ياشتا چوڭراق ئىككى قىز ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ نان راسلىشىپ بېرىۋېتىپتۇ. مەن تونۇر گىرۋىكىدىكى ئەسكى پالازدا ئولتۇرۇپ ئابلىمىت ئوشتۇپ قويغان قىزىق نانغا ئېغىز تەككەچ ئۇنىڭدىن سورىدىم:
     ئۇستام، ئادەتتە بالىلارغا قانداق تاماقلارنى ئېتىپ بېرىلا؟
     نان، تاڭباۋزا، موما بېرىمىز. ئاندا - مۇندا سۇيقاشمۇ ئېتىمىز. ئەتىگىنى ئۆيىدىن ئەكەلگەن كۆمەچلىرىدە چاي ئىچىدۇ، چۈشتە، كەچتە بىز تاماق بېرىمىز.
    ئۈچ ۋاقلىققا نانلا يەيدىكەنغۇ، تاماق تۈرلىرىنى كۆپەيتسەڭلار بولمامدۇ؟
    ئىككى ۋاخ بېرىدىغان نانغىمۇ چىقىشىپ بولالماي ئۇن ساتىدىغانلارغا قەرز بولۇپ كېتىۋاتساق، ئاش - تاماققا نەدە پۇل دەيلا. ناھىيىدە خېلى ئوبدان ئاشپەزتۇق، دەي بويىغا كېلىپ ناۋاي بولۇپ كەتتۇق ھاي.
    ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق راسخوتىنى ناھىيە بېرىدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم، بەرگەن پۇلى يەتمەيدىغان ئوخشىمامدا؟
    مەكتەپ قۇردۇق دەپ ئېسىل بىنانى سېلىپ قويغان بىلەن شۇنىڭغا لايىق پۇلغىمۇ چىدىسا بولىدۇ. ناھىيىدىن بېرىدىغان پۇلغا يېتەرلىك ئۇن سېتىۋالغىلىمۇ بولمايدۇ، گۆش - ماي، سەي - كۆكتات سېتىۋالالمىغاندىكىن مانا مۇشۇنداق توقاچ بىلەن گۆللەيدىغان گەپ. ئۈچ ۋاقلىقىغا كۆمەچ بىلەن ناننى يەۋەرگەندىكىن بالىلار چوڭ بولمايدىكەن. ماغدۇردىن كېتىپ تۇيۇقسىز ئايلىنىپ كېتىدىغانلار، تارتىشىپ قېلىپ يۈرىكى توختاپ قالىدىغانلار دائىم چىقىپ تۇرىدۇ. تۈنۈگۈن بىر بالا ئايلىنىپ كېتىپتىكەن. تېخىچە دوختۇرخانىدىن چىقمىدى بولغاي. تېخى ئوقۇتقۇچىلار پات - پات ئۆزلىرى يەيدىغان سەي - مايلىرىدىن بېرىپ، بالىلارغا ئاش ئەتكۈزۈپ بېرىپ تۇرامىغان بولسا ئىش تېخىمۇ چاتاقتى. ھېلىمۇ ئۆرە يۈرۈيدۇ مۇشۇ بالىلار.
    مەن كېرىيىدىن ئاشپەزلىككە تەكلىپ قىلىنىپ كېلىپ، ناۋايغا ئايلىنىپ كەتكەن 28 ياشلاردىكى بۇ زەردىلىك يىگىتنىڭ گەپلىرىدىن بىر ئەقىل تاپتىم ھەم ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ دەرھال سەپداشلىرىمنى ئىزدەپ ياتاققا باردىم. ياتاقتا مەتسېلىم يالغۇز خاتىرە يېزىپ
    ئولتۇرغانىكەن، مەن ئۇنىڭغا دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن بوي ئېگىزلىكىنى ئۆلچەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتتىم. ئۇمۇ بۇ پىلانىمغا دەرھال قوشۇلدى. بىز خوشنا ياتاقلاردىكى قىز - ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنى يېزا بازىرىدىكى ئاشلىق ماگىزىنىغا باشلاپ باردۇق ھەم دۇكان خوجايىنى ئەنۋەر مەتسىدىقنىڭ قىزغىن قولللىشى ئارقىسىدا، ئۇنىڭ ئاشلىق جىڭلايدىغان چوڭ گىرىنى قايتا تەڭشەپ، بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى بىر - بىرلەپ ئۆلچىدۇق. مەتسېلىم بىر باشتىن قولىدىكى يىغما مېتىر بىلەن بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكىنى ئۆلچىدى. تۆۋەندىكى گىرافە شۇ قېتىملىق ئەۋرىشكە ئېلىپ ئۆلچەشنىڭ ئەمەلىي خاتىرىسى.

     

    يۇقىرىقى گىرافىگە دۆلەتلىك سەھىيە مىنستىرلىكى ئېلان قىلغان ھەرخىل ياشتىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ۋە بوي ئېگىزلىكى ئۆلچىمى كىرگۈزۈلمىدى. بۇ ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەرگە قالدۇرۇلدى.
    شۇ كۈنى كەچتە ئوقۇتقۇچىلار يىغىلىپ بىزنى ئۆز ياتاقلىرىدا لەغمەن بىلەن مېھمان قىلدى. تاماقتىن كېيىن، چۈشتە ئۈزۈلۈپ قالغان سۆھبىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرى مەتتوختى غوجانى ئىزدېگەن بولساممۇ تاپالمىدىم. باشقىلاردىن ئۇ كىشىنىڭ مەكتەپ ئىلمى مۇدىرى مەمەتئېلىنىڭ قېينى ئاتىسى ئىكەنلىكىنى، پەدىشاپنى ساقلاش ئۈچۈن سورۇننى كۈي ئوغلىغا تاشلاپ بېرىپ ئابلا كېرەمنىڭ ئۆيىگە كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇم. ئوقۇتقۇچىلار بۇرۇنلا ئابدۇرىشاتنىڭ چاقچاق جەھەتتىكى داڭقىنى ئاڭلىغانىكەن. شۇڭا، ئۇنى «قىزىق گەپ» قىلىپ بېرىشكە قىستاپ تۇرۇۋالدى. ئابدۇرىشاتمۇ ئۇلارنى نائۈمىدتە قويماي، ئۆزىنىڭ چاقچاق، لەتىپە - يۇمۇرلىرى بىلەن سورۇننى قىزىتىپ بەردى. چاقچاق - كۈلكىلەر بىرەر قۇر بېسىققاندىن كېيىن، مەن مەمەتئېلىنىڭ ئاغزىنى تاتلىدىم:
     مەمەتئېلى، ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق مەسىلىسى تازا ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان ئوخشىمامدۇ؟
    ھۆكۈمەت 2001 - يىلىنىڭ ئاخىرغىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق راسخوتى ئۈچۈن ھەر ئايدا مىڭ يۈەندىن پۇل بېرىپ كەلگەن. مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئايلىق تاماق راسخوتىنى ئىككى مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈپ بەردى. ئاشۇ پۇل بىلەن 88 ئوقۇغۇچىنىڭ بىر ئايلىق تامىقىنى ھەل قىلىدىغان گەپ. بۇ پۇل ئەلۋەتتە يەتمەيدۇ. بالىلارنىڭ قانچىلىك غۇرىگۈل تۇرمۇشتا ياشاۋاتقانلىقىنى بىز بىلىمىز. لېكىن بىزدە نېمە ئامال. يۇقىرى بىزگە مەكتەپ راسخوتى ئۈچۈن بىر سېنتمۇ پۇل بەرمەيدۇ. مۇشۇ قىينچىلىقنىمۇ يېڭەلمەيۋاتقان يەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق شارائىتىنى ياخشىلاشقا قۇربىمىز يىتەتتىمۇ. ناھىيىنىڭ باشقا يېزىلىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭمۇ ئاندا - مۇندا پۇل كىرىم قىلىۋالىدىغان تېرىلغۇ يەرلىرى بار، ئوقۇغۇچىلارنى پاختا تەرگۈزۈپمۇ بولسا خېلى كىرىم قىلىۋالالايدۇ. بىزدە ئۇنداق شارائىتلار بولمىغاندىكىن، نۇرغۇن ئىشلارغا سۈكۈت قىلىشتىن باشقا ئامالىمىز يوقكەن.
    ھەر ئايلىق تاماق راسخوتى ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئىككى مىڭ يۈەن پۇلنى 88 ئوقۇغۇچىغا چاچساق، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر كۈنلۈك تاماق پۇلى 7 مو 5 فۇڭ ئەتراپىدا بولىدىكەن. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇنداق ناچار ئوزۇقلۇق مۇھىتىدىمۇ يىقىلىپ قالماي يەر دەسسەپ يۈرگەنلىكىنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە. سىزنىڭ ھېس قىلىشىڭىزچە، ئوقۇغۇچىلاردا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئېغىرمۇ؟
    بۇ ئەھۋال خېلى بەك ئېغىر. 94 - يىلى 3 - سىنىپتا ئوقۇيدىغان مەتروزى سۇپى ئىسىملىك بالا مەكتەپتە تۇيۇقسىز يىقىلىپ قېلىپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. دوختۇرلار بۇ ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈمنىڭ سەۋەبىنى ئېغىر دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىغان. گەرچە، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆلۈم - يېتىم ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ۋىتامىن، ئاقسىل قاتارلىق زۆرۈر ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن پەيدا بولىدىغان پالەچ، تارتىشىپ قېلىش، ھۇشىدىن كېتىپ چىشى كىرىشىپ قېلىش، قان ئازىلىقتىن پەيدا بولىدىغان باش ئاغرىقى ۋە يۈرەك ئېغىش قاتارلىق كېسەللىكلەر دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. تېخى مۇشۇ ئىككى يىل ئىچىدىلا تۆت ئوقۇغۇچىنىڭ پالەچ كېسىلى ئېغىرلاپ كېتىپ، داۋاملىق ئوقۇتۇش مۇمكىن بولمىغاچقا ئائىلىسىگە قايتۇردۇق. خاپىخان كېسىلى بىلەن ئۈچ ئوقۇغۇچى قايتۇرۇلدى. بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئاغزىدىن شۆلگەي ئېقىپ، چىشلىرى كىرىشىپ كېتىدىكەن. تىترەپ، توختىماي يىغلايدىغان بولۇپ قالىدىكەن. توڭغاز باستىدا ئولتۇرۇشلۇق دامان سىدىقنىڭ ئۈچ بالىسى ئوقۇيتتى. ئالدىنقى يىلى ئىككى قىزىنىڭ پالەچ كېسىلى ئېغىرلاپ كەتكەچكە ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان. ئوغلى ھازىر ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇ بالا 15 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ بويى پەقەت ئۆسمىدى ھەم دۈمچەك، ئەقلى قابىلىيىتىمۇ نورمال ئەمەس. دەريا بويىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ئومۇميۈزلۈك مۇشتاق ناچار بولغاندىكىن، ئۇلار گۆش بىلەن كۆمەچتىن باشقا سەي - كۆكتات، مېۋە - چىۋە تۈرىدىكى نەرسىلەرنى يېتەرلىك ئىستېمال قىلالمىغاندىكىن مەيلى قۇرساقتىكى تۆرەلمە مەزگىلىدە بولسۇن، ياكى تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بوۋاقلىق مەزگىلدە بولسۇن ئومۇمەن ياخشى كۈتۈلمەيدىغان گەپكەن. ھېچبولمىغاندا مەكتەپنىڭ تاماق شارائىتى ياخشىراق بولغان بولسىمۇ بىر گەپ بولار ئىدى. يەنە 20 يىلدىن كېيىن بۇ يۇرتنى قانداق ئادەملەر بېسىپ كېتەركىن تاڭ.
    مەكتىپىڭلارنىڭ ئوقۇتۇش ئەھۋال ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالى قانداق؟
    مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش مىتودى ۋە دەرسلىك قۇرۇلمىسى باشقا جايلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭكى بىلەن تامامەن ئوخشايدۇ. ئوخشىمايدىغان يېرى، باشقا مەكتەپلەر شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرى ۋە باشقا بايرام كۈنلىرى دەم ئالسا بىز ئادەتتىكىدەك دەرس ئۆتىۋېرىمىز. لېكىن تەتىل ۋاقتىمىز باشقا مەكتەپلەرنىڭكىدىن جىقراق. مەسىلەن، قىشىلىق تەتىل ۋاقتىمىز 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ خىل پەرقنى ئەمەلىي شارائىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا كەلسەك، بالىلار ئىنتايىن ئەقىللىق، تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى ئالاھىدە يۇقىرى. خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقى جەھەتتە ناھىيە بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ناھىيىدىكى باشقا مەكتەپلەردە تەبىئىي پەنگە قىزىقىدىغانلار ئىجتىمائىي پەنگە قىزىقمايدىغان، ئىجتىمائىي پەن دەرسلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلار تەبىئىي پەندىن سوۋۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللار ئېغىر. لېكىن بىزدە ئۇنداق ئەمەس، بالىلارنىڭ ھەرقايسى پەنلەرگە بولغان قىزىقىشى، دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشى ئوخشاش. بۇلاردا ئومۇميۈزلۈك سەنئەت تالانتى بار دېسەك ھەرگىز خاتا بولمايدۇ. بالىلارنىڭ مۇزىكا سېزىمى ئالاھىدە يۇقىرى، بىر ناخشىنى بىر - ئىككى قېتىم ئۆگىتىپ قويسىلا ئېيتىپ كېتىۋېرىدۇ. ھەممىسى ئۇسسۇل ئويناشنى بىلىدۇ. پەقەت تارتىنمايدۇ. ھازىرغىچە مەكتەپنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈش كۆرسەتكۈچى %90 دىن چۈشۈپ كەتكىنى يوق.
     ئوقۇتقۇچىلارچۇ؟ كېرىيىدىن كېلىپ ئىشلەۋاتقانلار يىلدا قانچە قېتىم تۇغقان يوقلاپ بارالايسىلەر؟
     مەكتىپىمىزدىكى 19 خىزمەتچىنىڭ 16 نەپىرىنىڭ ئائىلىسى ناھىيىدە. بۇلار يازلىق - قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ۋە قۇربان ھېيت جەريانىدا ئائىلىسىگە بېرىپ كېلەلەيدۇ. روزى ھېيتنىمۇ مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزىمىز. ئۈچ قېتىم بېرىپ كېلىشنىڭ كىراسى ئۈچۈنلا 300 كوي كېتىدۇ، ھۆكۈمەت بۇنىڭ 120 كويىنى ئاتچوت قىلىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىن تۇغقانلار ئىچىدە ئۆلۈم - يېتىم ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ قالسا ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ رۇخسەت بېرىمىز، ئوقۇتقۇچىلار پۈتۈن ئوقۇتۇش داۋامىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر قورۇدا يېتىپ - قوپىدىغان بولغاچقا، كېچىكىش، خىزمەتكە كەلمەسلىك ئەھۋالىمۇ كۆرۈلمەيدۇ. لېكىنزە، تەتىلدىن يىغىلىپ مەكتەپكە قايتىپ كەلگۈچە يولدا جىق ئاۋارە بولاپ كېتىمىز، بەزىدە تېخى يولدا ماشىنا بۇزۇلۇپ قېلىپ مەكتەپكە كېچىكىپ كېلىدىغان، كېچىكىپ دەرس باشلايدىغان چاغلىرىمىزمۇ بولۇپ قالىدۇ.
     راست، دەريا بويىنىڭ يولى بەك ناچاركەن، بېرىپ - كېلىش داۋامىدا قانچە ھەرەج تارتىدىغانسىلەر - ھە!
     ئۇنى بىر دېمەڭ، ناھىيە بىلەن دەريا بويىنىڭ ئارىلىقى 230 كىلومېتىر دېسە، بۇ يەرلەرگە كەپ باقمىغانلار بىرقانچە سائەتلىك يولكەن، دەپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن مۇشۇ يولدا بىر مېڭىپ قالغان ئادەم بىلىدۇ بۇ يولنىڭ زۇلۇمىنى. مۇشۇ يولدا قاتناپ ئىشلەش داۋامىدا تارتمىغان جاپايىمىز قالمىدى بىزنىڭ، 94 - يىلى قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەندە، قېينتام ئوتان باسقان قارا ماشىنىنىڭ كۇزۇپىدا ئولتۇرۇپ قايتقان. ماشىنا قوچقار ئېغىلىدا ئۆرىلىپ كېتىپ، ئوتاننىڭ ئاستىدا قېلىپ تاس قاپتۇ ئۆلۈپ كەتكىلى. ھازىرغا قەدەر ئوڭ غۇلىنى تۈزۈكرەك مىدىرلىتالمايدۇ. ماشىنا يېرىم يولدا بۇزۇلۇپ قېلىپ 50 - 60 كىلومېتىر قۇم يولىنى پىايدە مېڭىپ تاتكەن چاغلىرىمۇ ئاز ئەمەس. بۇنداق خاپىلىق تارتقان يالغۇز قېينتام ئەمەس، 2001 - يىلى باۋۇدۇن ئوسمان ئىسىملىك ئوقۇتقۇچىمىز يازلىق تەتىلدىن يىغىلىپ دەريا بويىغا ماڭغاندا ماشىنا ئۆرۈلۈپ كېتىپ بىر قولى سۇنۇپ كەتكەن. مەكتىپىمىزنىڭ ئىلگىرىكى ئاشپىزى ئابدۇۋەلى مەمەت قىشلىق تەتىلنى ئۆتكۈزۈپ كېلىش ئۈچۈن كېرىيىگە چىقىپ كېتىۋاتقاندا، ماشىنا ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن يۈزى يېغىر بولۇپ بۇزۇلۇپ كەتكەن. ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ خىزمەتكە كېلەلمىدى. ئاتا - ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەنلەرمۇ مۇشۇ يولنىڭ كاساپىتىدىن ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ چىقالماي ئەل - جامائەت ئالدىدا يەرگە قاراپ قالدى. مەسىلەن، 2001 - يىلى ياش ئوقۇتقۇچى قۇربان مەتتۇرسۇننىڭ سەكتىكى دادىسى قازا قىلىپ كەتكەندە، قۇربان 800 يۈەنگە بىر ماشىنىنى كىرا قىلىپ ماڭغان. لېكىن ماشىنا يولدا بۇزۇلۇپ قېلىپ سەككىز كۈن جاڭگالدا قېلىپ، 9 - كۈنى ئاران ناھىيىگە ئۇلىشىۋالغان. باۋۇدۇننىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىمۇ ئۇ يەتتە نەزىرىسىگىمۇ ئۈلگۈرۈپ بارالماپتىكەن. لېكىن ئۆمەرجان، دەريا بويى مېھرى ئىسسىق، خاسىيەتلىك بىر ماكان، بۇ جايغا كەلگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ ئالدىراپ كەتكۈسى كەلمەيدۇ. خۇدايىم مېھر - مۇھەببەت دېگەننى سەھرايى قىيامەتكە چېچىۋېتىپتىكەن. بۇ ئادەملەرنىڭ ئاق كۆڭۈللىكىگە، مېھرىبانلىقىغا قاراپ تارتقان جاپالىرىمىزمۇ كۆزىمىزگە كۆرۈنمەيدۇ. بىز مۇشۇ يۇرتنى بۇلغىۋەتمەي پاكىز تۇتۇپ كېلىۋاتقان ئاشۇ جاپاكەش كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەۋاتقانلىقىمىزدىن ئۆزىمىزنى چەكسىز پەخىرلىك ھېس قىلىمىز. چۈنكى، دەريا بويىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى مۇشۇ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ قانداق تەربىيىلىنىشىگە، قانداق ئادەم بولۇشىغا باغلىق. مەن دەريا بويىغا ئۈچ يىللىق توختام بىلەن كەلگەن. دەسلەپكى چاغلاردا كۆنەلمەي ئۈچ يىلنى قاچانمۇ توشتۇرامەن دەپ قاخشاپلا يۈرگەنىدىم. پۈتۈن ئارزۇيۇم تېزراق ناھىيە ئىچىدىكى بىرەر مەكتەپكە يۆتكۈلۈپ كېتىۋېلىش ئىدى. كېيىنچە مۇشۇ جايغا كۆنۈپلا كەتتىم. مانا ھازىر مۇشۇ مەكتەپتە ئىشلەۋاتقىلى توپتوغرا ئالتە يىل بولدى. ئۆمۈر بويى ئىشلە دېسىمۇ ئىشلەشكە مەن رازى. قېينتاممۇ 89 - يىلى ئۈچ يىللىق مۆھلەت بىلەن كەپتىكەن. ھازىر ساق 13 يىل بولدى. ئۈندىمەي ئىشلەۋاتقانغا قارىغاندا، ئۇ كىشىمۇ كۆنۈپ قالغان ئوخشايدۇ. باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قارىشىمۇ مېنىڭكىگە ئوخشاش؛ ئۇلارمۇ دائىم مۇشۇ يۇرتنى، مۇشۇ يۇرت بالىلىرىنى تاشلىۋېتىپ كەتسەك قارا يۈز بولاپ كېتىمىز دېيىشىدۇ. سەي - كۆكتات، گۆش - ماي قىس بولغاچقا كۆمەچنى يەۋېرىپ ھەممىمىز ئاشقازان كېسىلى بولۇپ كەتتۇق. ئاشقازىنى ئاغرىمايدىغان بىرمۇ ئوقۇتقۇچى يوق. دەريا بويىغا كېلىپ ئاشقازىنىمىزنى ئاغرىتىۋالغان بىلەن دىلىمىزنى پاكلىۋالدۇق. بىزمۇ شۇنىڭدىن رازى...
    مەمەتئېلى ھاياجانلىنىپ قالغانىدى. مەن ئۇنىڭغا كەيپىنى ئۇچۇرىۋەتمەسلىك ئۈچۈن سوئال سوراشنى توختاتتىم. ئابدىرشاتمۇ مەقسىتىمنى بىلىپ قالغاندەك ئۆزىنىڭ ئوتلۇق چاقچاقلىرىنى يەنە باشلىۋەتتى. بىز شۇ يوسۇندا بىردەم كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇشقاندىن كېيىن بۇ پەزىلەتلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلەن خوشلىشىپ ياتىقىمىزغا قايتتۇق.
    قارادۆڭ ۋە مارجانلىق خارابىلىرىغا قىلغان سەپىرىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يېزىغا قايتىپ كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى چۈشكە يېقىن مەن ياتاق ئالدىدا يۈسۈپجان بىلەن يۇمىلاققۇم قەدىمكى شەھىرىگە بېرىشقا كېرەكلىك تۆگىلەرنى قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىپ تۇرسام، توساتتىن بىر سىنىپنىڭ ئىشىكى «جاڭ» قىلىپ ئېچىلىپ، بېشىغا كونا تاشكەن دوپپا كىيىۋالغان 13 ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالا قول ئالىقانلىرى بىلەن يۈزىنى تۇتۇپ ھۆڭرەپ يىغلىغىنىچە چىقىپ كەلدى. ئۇ شۇنچىلىك قاتتىق، شۇنچىلىك تېلىقىپ يىغلايتتىكى، تىنىق - تىنىقىغا ئۈلگۈرمەي ھە دەپ ئېسەدەيتتى. بالا ھېچنېمىگە قارىماستىن ئۇدۇل ياتىقى ئالدىغا كەلدى ھەم بوينىدىكى يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن ئاچقۇچتا قۇلۇپنى ئاچتى - دە، ياتاققا ئۆزىنى ئاتتى. بىز نېمە بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كىردۇق. بالا كارىۋىتىدا دۇم يېتىپ تىپچەكلەپ يىغلاۋاتاتتى. بىز بىر نېمە دەپ ئۇنى پەس قىلايلى دەپ تۇرۇشىمىزغا، ئارقىمىزدىنلا كىرگەن، بىر قولىدا بوۋاق بالىسىنى كۆتۈرۈۋالغان ياش ئايال ئوقۇتقۇچى بالىنىڭ باشلىرىنى سىيلاپ پەپىلەشكە باشلىدى:
     مەتتۇردى، جېنىم ئۇكام يىغلىمىغىن، يىغاڭنى توختىتە گەپ قىلاي، ۋارقىراپ سالدىم خاپا بولمىغىن.
    بالا يىغىدىن توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. يۈسۈپجان ئىككىمىزمۇ ئۇنىڭغا بىر تالاي گەپلەرنى قىلىپ پەپىلەپ باقتۇق. لېكىن ئۇ بىز گەپ قىلغانچە بەك تىپچەكلەپ يىغلايتتى. دەل شۇ چاغدا ياتاققا مەكتەپ مۇدىرى مەتتوختى غوجا كىرىپ كەلدى ھەم:
     بالىلارنىڭ كۆڭلىنىڭ نازۇكلىقىنى بىلگەندىكىن سىلىقراق مۇئامىلە قىلساق بولمامدا، ئاشۇ قۇچاقلىرىدىكىگە ئوخشاشلا تاتلىق بالىيا مۇشۇمۇ - دەپ ياش ئوقۇتقۇچىغا كايىشقا باشلىدى. بالا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئاۋازى چىقىشى بىلەن تەڭ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ مۇدىرغا ئېسلىپ تېخىمۇ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. مۇدىر بالىنىڭ باشلىرىنى سىيلاپ، پەپىلىگىنىچە سىرتقا ئېچىقىپ كەتتى. ئەسلىدە، مەتتۇردى ئىسىملىك بۇ بالا دەرس ۋاقتىدا يېنىدىكى ساۋاقدىشىغا گەپ قىلىپ دەرس ئىنتىزامىنى بۇزغانىكەن. ھېلىقى ياش خانىم ئۇنىڭغا ۋارقىراپ تەنبىھ بېرىپتۇ. ئۇ مۇئەللىمنىڭ ئۆزىنى ساۋاقداشلىرى ئالدىدىلا ۋارقىراپ ئەدەپلىشىشىدىن قاتتىق ھار ئېلىپ كېتىپ خۇددىنى يوقۇتۇپ يىغلاپ كەتكەنىكەن.
    دەريا بويى بالىلىرىنىڭ كۆڭلى ئەنە شۇنداق نازۇك، يۈزى ئەنە شۇنداق نېپىز. بۇ خىل نازۇك، نېپىز پسىخىكا، يۈزى تۆۋەنلىك ئۇلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسىدىن كەلگەن. چۈنكى، دەريا بويىلىقلار ئۆز بالىلىرىنى ئۇرۇپ - تىللىمايدۇ. «سەن» لەپ چاقىرمايدۇ. ھەتتا باىلىرىغا بەكرەك ئالىيىپمۇ قارىمايدۇ. ئۇلار مال - چارۋىلىرىنى توقايلارغا قويىۋەتكىنى بىلەن ئۆز پەرزەنتلىرىى ھەرگىزمۇ يېنىدىن ئاجراتمايدۇ. تەنھالىق تۇرمۇش مۇھىتى ئېلىپ كېلىدىغان بارلىق زېرىكىشى، ئىچپۇشىقىنى ئۆز بالىلىرىنى ئەكىلىتىش، ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىش ئارقىلىق چىقىرىشىدۇ. كۆككە بوي تارتقان بەھەيۋەت توغراقلار بالىلارنىڭ يۈكسەكلىكىگە، ئالىيجانابلىقىغا ئىنتىلىشتىكى روھى تۈۋرۈكى سانالسا، ئاتا - ئانىلارنىڭ مېھرىبانلىقى، كۆيۈمچانلىقى ئۇلارنىڭ يۈرىكى پۈتۈن، ئەمما ۋاپادار، قورقۇمسىز، ئەمما نازۇك پسىخىكىنى يېتىلدۈرۈشىدىكى مەنىۋى جەننىتى. توغراق روھى بىلەن ئاتا - ئانا مېھرى بۇ چۆل بالىلىرىنىڭ ئىككى قانىتى. ئۇلار مۇشۇ ئىككى قاناتقا تايىنىپ ئانا تەبىئەتنىڭ قوينىدا ئەركىن ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. دەريا بويىلىقلار جىن - ئالۋاستى، شەيتان، ئېزىتقۇ...غا مۇناسىۋەتلىك ھېچنېمە بىلمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە، ئانا تەبىئەتكە شەكسىز ئىشەنگەن. تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن. ئۇلار نەچچە ئەسىرلەر مابەينىدە ئۆز تىرىشچانلىقىغا ۋە ئەقىل - پاراسىتىگە تايىنىپ خۇدا ئۆزلىرىگە نىسىپ قىلغان بۇ پىنھان ۋادىنى باقۇرۇپ، تىزگىنلەپ كەلگەن. ئەزەلدىن باشقۇرۇلۇپ، تىزگىنلىنىپ باقمىغان. دەريا بويى بالىلىرىنى ئۆز ئاتىلىرىنىڭ ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە ئېگىز توغراقلارغا يامىشىپ چىقىپ، ھارام شاخلارنى كېسىۋاتقىنىنى، قۇدرەتلىك دەريا - ئېقىنلارنى خالىغان يەرلىرىگە باشلاپ يۈرگىنىنى ۋە ئۆزىدىن چوڭ ھەم كۈچلۈك ئات - تۆگىلەرنى باشقۇرۇپ يۈتىلەپ يۈرگىنىنى كۆرگىنىدە، بىرى، ئاتىسىنىڭ مۇشۇ ھاياتلىق بوشلۇقىدىكى ئەڭ چوڭ باشقۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى، يەنە بىرى، بۈيۈك تەبىئەتنىڭ ئىنسانغا سالمايدىغان مېھرىبان ئاتا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشقان. بۇ خىل تۇيغۇ ئۇلارنىڭ بالىلىق قەلبىدە ئاتىسىغا چوقۇنۇش، تەبىئەتكە ئىشىنىش، ئىستىكىنى ۋە خوجايىنلىق پسىخىكىسىنى تۇرغۇزغان. ناۋادا، سىز بۇ يۇرتنىڭ قويۇق توغراقلىقلىرى ئارىسىدا يۈرگىنىڭىزدە، ئۆيىدىن خېلى يىراقتىكى يۇلغۇنلۇق ئارىسىدا ئۆزى يالغۇز ئويناپ ئولتۇرغان ئۈچ - تۆت ياشلىق بىغەم بوۋاقلارنى يۇغان كىرلىرىنى دەريا لىۋىدىكى يۇلغۇن شاخلىرىغا يېيىپ قويۇپ بىخارامان ئۇخلاپ قالغان ئاچا - سىڭىللارنى ۋە تۈن كېچىلەردە قويۇق چاتقاللىقلار ئارىسىدا توپتىن چۈشۈپ قالغان قوي - ئۆچكىلىرىنى ئىزدەپ يۈرگەن سەككىز - ئون ياشلىق قورقماس بالىلارنى ئۇچراتماي قالمايسىز. ئەنە ئاشۇ بالىلار نېمە ئۈچۈن شۇنچە بىغەم، نېمە ئۈچۈن ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ يېنىدا ھەممىگە ھۆكۈمرۈن ئاتىسى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ئۆزلىرىگە يېقىن تۇغقان كېلىدىغان بۈيۈك تەبىئەت ئانىسى بار ئىدى. ئەزەلدىن ئۆز ئاتا - ئانىسىدىن، قۇم دۆڭلىرىدىن ۋە يۇلغۇن - توغراقلاردىن ئازار يەپ باقمىغان بۇ مەلۇم بالىلار قانداقمۇ باشقىلارنىڭ ۋارقىراپ - سىلكىشلەشلىرىگە چىداپ تۇرالىسۇن؟...
    دەريا بويىلىقلار ھەر جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن يېزا مەركىزىدىكى مەسچىتكە يىغىلىدۇ. جۈمەگە كېلىدىغانلار كۆپ بولغاندا 200، ئاز بولغاندا 50  ئادەمگە يېتىدۇ. جۈمەدىن كېيىن بازار قىزىپ كېتىدۇ، كىشىلەر قوي - ئۆچكە، يۇڭ - تىۋىت، تېرە ۋە ئۆزلىرى كولاپ قۇرۇتۇۋالغان توشقان زەدىكى قاتارلىق يەرلىك تاۋارلىرىنى بازارغا سېلىشىپ پۇل قىلىشىدۇ ھەم ئائىلىسىگە لازىمەتلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشىدۇ. بۇ كۈنى مەكتەپمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانا، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن ئاۋاتلىشىپ كېتىدۇ. ئۇلار سىنىپ دېرىزىلىرىدىن مارىشىپ، ئۆز بالىلىرىنىڭ قانداق ئوقۇيدىغانلىقىنى ھەۋەس بىلەن تاماشا قىلىشىدۇ. بالىلار دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن بولسا، ئۆز يۈرەك پارىلىرىنى باغرىغا بېسىپ، باشلىرىنى سىيلاپ، سۆيۈپ ئەكىلىتىشىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار بىلەن يېقىن تۇغقانلاردەك قىزغىن مۇڭدىشىدۇ. پوتىسىغا تۈگۈگلىك كۆمەچلىرى بىلەن ئۇلارنى مېھمان قىلىدۇ. بالىلىرىنى پەقەت ئىككى - ئۈچ سائەتلا قىزىيدىغان كىچىك بازارغا باشلاپ چىقىپ تۇتقىنىنى ئېلىپ بېرىدۇ. يانچۇقلىرىنى ئالما - نەشپۈت، قەن - كېزەكلەر بىلەن توللاپ، قۇلىغا پۇل تۇتقۇزۇپ ياتاقلىرىغا سولىۋەتكەندىن كېيىن كۆزلىرى قىيمىغان ھالدا ئۆز توقايلىرىغا راۋان بولۇشىدۇ.
    دەريا بويىدا شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرى ئادەتتىكى كۈن قاتارىدا جىمجىت ئۆتۈپ كېتىدۇ. جۈمە كۈنىدىن باشقا ۋاقىتلاردا يېزا مەركىزىدە ئوندىن ئارتۇق ئادەم بولمايدۇ. بەزىدە ئىككى - ئۈچ تىجارەتچىدىن باشقا ھېچكىم قالمايدۇ. بۇنداق كۈنلەردە مەكتەپتىكى 150 ئوقۇغۇچى بۇ يۇرتنىڭ ئاساسلىق پۇقراسى سۈپتىدە ھاياتلىقتىن بەلگە بېرىپ، بۇ كىچىك بازارنى گويا چۆچەكلەردىكى بالىلار پادىشاھلىقىغا ئوخشىتىپ قويىدۇ. مۇشۇ بالىلار بولغاچقىلا، دەل ئاشۇلارنىڭ يانچۇقىدىكى ئازغىنا پۇللىرىنى كۆزلەپ ئولتۇرۇشقان بىرقانچە باققال - پىركازچىكنىڭ ساتما دۇكانلىرى تاقىلىپ قالمايدۇ. ئۇلارمۇ خۇددى ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاشلاپ يىلدا ئىككى قېتىم «تەتىل» قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بازاردىكى بىردىنبىر ئاشخانىدا ئاندا - مۇندا ئىتىلىپ قالىدىغان ئاش - تاماقلارغا، كىچىك بوتكىدىكى ئويۇنچۇق، تاتلىق تۇرۇملارغا تازا مەيلى يوق. ئۇلارنىڭ كۆزى ناھىيە بازىرىدىن كەلگەن «موزدۇز» لەقەملىك يۈسۈپئاخۇننىڭ باققاللىق ساتمىسىدىكى كېرىيە بازارلىرىدا پۇلغا سېتىش مۇمكىن بولمايدىغان قۇرۇقلۇق ئالما، بوران قېقىۋەتكەنتوڭ ئامۇت، سولىشىپ تەمى قاچقان ئۈزۈم ۋە مايماق سويما، توڭ تاۋۇزلىرىدا. مانا مۇشۇ كۆرۈمسىز ساتما ئۇلارنىڭ غايىۋى جەننىتى. ئۇلار مۇشۇ «جەننەت»تىكى قانداق يەردە، قانداق شەكىلدە پىشىپ مۇشۇ ھالىتىگە كېلىدىغانلىقىنى ئۆزلىرىمۇ بىلمەيدىغان بۇ ئېسىل نازۇ - نېمەتلەرگە تويغىچە ئېغىز تىگىشنى كېچە - كۈندۈز ئارزۇ قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار دەرس ئارىلىقىدىكى تەنەپپۇس ۋە چۈشلۈك، كەچلىك ئارام پەيتلىرىدىن بەش مولۇق بىر تال پۇلنى سىقىمدىغىنىچە توپ - توپ بولۇشۇپ ئاشۇ «جەننەت»كە يۈگۈرشىدۇ. ئۇلار ئاشۇ پۇللىرىغا چوڭلىقى تۇخۇمدىن پەرىقلەنمەيدىغان بىر تال ئالما ياكى بىر تال ئامۇت، بىر تەرىپىدىن قارىسا يەنە بىر تەرەپ كۆرۈنگىدەك دەرىجىدە نېپىز پىچىلىدىغان بىر تىلىم قوغۇن ياكى بىر تىلىم تاۋۇز، كىچىك ئالىقانلىرىنىمۇ يېپىشقا قادىر بولالمايدىغان بىر ساپاق ئۈزۈم سېتىۋالالايدۇ. مەن بىر ئوقۇغۇچىغا قولىدىكى يېڭىلا سېتىۋالغان بەش مولۇق ئۈزۈمنى ساناپ بېقىۋېدىم 21 تال چىقتى.
    مەن «موزدۇز»نىڭ دۇكىنى ئالدىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇل خەجلەشلىرىنى يوشۇرۇن كۆزىتىش ئارقىلىق يەنە شۇ نەرسىنى بايقىدىمكى، ئوقۇغۇچىلار «موزدۇز»دىن مېۋە - چىۋە سېتىۋالغىلى ھەرگىز يالغۇز كىرمەيدۇ، ياكى سېتىۋالغان مېۋىلىرىنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل يېمەيدۇ. ئۇلار كۆپ بولغاندا بەش - ئالتە، ئاز بولغاندا ئىككىدىن بولۇپ كىرىپ، بىرلا ۋاقىتتا بەش مودىن پۇل خەجلەپ، ھەر بىرسى بىر خىل نەرسىنى سېتىۋالىدۇ. بىرسى ئالغاننى يەنە بىرسى ئالمايدۇ. ئۆزئارا تەڭ نىسبەتتە ئالماشتۇرۇپ يېيىش ئارقىلىق بەش مو پۇل بىلەن بىرقانچە خىل مېۋىگە ئېغىز تىگىدۇ. ئەلۋەتتە. ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ پۇلى بولۇپ كەتمەيدۇ. پۇلى بارلار پۇل يوقلارنى بىرگە باشلاپ كېلىپ سېتىۋالغان نەرسىسىنى تەڭ نىسبەتتە ئۈلىشىپ تەڭ يەيدۇ، لېكىن پۇلى يوق بالىلار بۇ «جەننەت»كە ھەرگىز كىرمەيدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دائىم بىرگە ئوينايدىغان مۇقىم دوستلىرى بولمايدۇ. ھەممىسى ئۆزئارا ئىناق - ئىتتىپاق ئۆتىدۇ. سىرتقى جايلاردىكى شەھەر بالىلىرىدەك گۇرۇھلارغا بۆلىنىۋېلىپ جېدەللىشىدىغان، بىر - بىرىنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغۇرلىۋالىدىغان، مەھەللە، مەكتەپنى بېشىغا كىيىپ چاپراقشىپ يۈرىيدىغان قىلىق - ئادەت بۇ بالىلاردا يوق. مەكتەپ ئىچىنى ئالىدىغان بولساق، ئىنتىزام، جىمجىتلىق جەھەتتە دەرس ۋاقتى بىلەن دەم ئېلىشنىڭ ئانچە پەرقى يوق. بالىلار دەم ئېلىش ۋاقتىنىمۇ كۆپىنچە پەس ئاۋازدا مۇڭدىشىش ئارقىلىق ئۆتكۈزىشىدۇ. مەكتەپ تۇغۇلغاندن تاكى مەكتەپ يېشىغا يەتكۈچە يالغۇز، يەككە - يېگانە ئويناپ چوڭ بولغان بۇ بالىلارغا دۇنيادا ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن بالىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇرىدىغان خاسىيەتلىك جاي. بالىلار مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگەن كۈندىن باشلاپ ئۆزىنى باشقا بىر دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، ناھايىتى تېزلا بىر - بىرسى بىلەن تونۇشۇپ قانغىچە مۇڭدىشىدۇ، قانغىچە ئوينايدۇ. ئىنتايىن ئىجىل - ئىناق ئۆتىدۇ.
    بىكىك جۇغراپىيىلىك مۇھىت، ئاددى ھەم تەكرار رىئاللىق بالىلارنىڭ غايە ھەققىدىكى ئارزۇ - ئارمانلىرىنى قاتتىق چەكلىمىلىككە ئۇچراتقان. بىز 12 - ئۆكتەبىر (پەيشەنبە) سەھەردە مەكتەپنىڭ 4 - يىللىق سىنىپىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ غايە ھەققىدىكى ئوي - پىكىرلىرىنى سىنايدىغان ئاددى بىر تەجرىبە ئىشلىدۇق. يەنى، سىنىپتىكى 18 ئوقۇغۇچىنىڭ (12 نەپىرى ئوغۇل، 6 نەپىرى قىز) ھەر بىرسىگە بىر ۋاراقتىن قەغەز تارقىتىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ نېمە كەسىپ شۇغۇللىنىشىنى خالايدىغانلىقىنى يېزىپ چىقىشىنى ئورۇنلاشتۇردۇق. ئۇلارمۇ ئۆزى ئويلىغاننى ئىختىيارى قىلىپ يازدى. بىز قەغەزلەرنى يىغىۋېلىپ ستاتىستىكا قىلىپ كۆرۈپ ھەيران قالدۇق. ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە «قارىم بولىمەن» دېگۈچىلەر  ئىككى نەپەر، «موتو ھەيدەيمەن» دېگۈچىلەر ئىككى نەپەر، «زەدەك كولاپ پۇل تاپىمەن» دېگۈچىلەر ئۈچ نەپەر، «مال باقىمەن» دېگۈچىلەر ئۈچ نەپەر، «قوي داۋالايمەن» دېگۈچىلەر بىر نەپەر، «مەلىم بولىمەن» دېگۈچىلەر بىر نەپەر؛ قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە، «ئۆي ئىشىنى قىلىمەن» دېگۈچىلەر ئۈچ نەپەر، «مال باقىمەن» دېگۈچىلەر بىر نەپەر، «دوختۇر بولىمەن» دېگۈچىلەر بىر نەپەر، «خانىم بولىمەن» دېگۈچىلەر بىر نەپەر؛
    مەنە مەكتەپنىڭ ئىلمى مۇدىرى مەمەت ئېلىدىن مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە گەپ سورىۋېدىم، ئۇ مۇنداق دېدى:
     سىزنىڭ ئېرىشكەنلىرىڭىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقى يۈرەك ئارزۇسى، دەريا بويىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى سىرتتىن كەلگەنلەرمۇ بۇ بالىلاردىن داۋاملىق سىلەر سورىغاندەك سوئاللارنى سورايدۇ. بۇلارمۇ ھېمىشە مۇشۇنداق گەپلەر بىلەن جاۋاب بېرىدۇ. ئالدىنقى بىر يىلى يازدا قىرىقتىن ئارتۇق چەت ئەللىك دەريا بويىغا كەلدى. بىز ئۇلارنىڭ مەكتەپنى زىيارەت قىلماي يانمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئوقۇغۇچىلارغا جىددىي يىغىن ئېچىپ: «بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق بىر ئادەم سىلەردىن چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلىسەن» دەپ سوراپ قالسا، «ئالىم بولىمەن، ئايروپىلان ھەيدەيمەن، داشۆدە ئوقۇپ كېلىپ يۇرتۇمغا زاۋۇت قۇرىمەن دېگەندەك گەپلەرنى قىلىڭلار» دەپ قاتتىق تاپىلاپ، بۇ گەپلەرنى بالىلارغا پادلاتقۇزدۇق، دېگەندەك، ئىككى سائەتلەردىن كېيىن ئۇ چەت ئەللىكلەر مەكتىپىمىزگە زىيارەتكە كەلدى. ئۇلار زىيارەت ئارىلىقىدا بالىلاردىن «چوڭ بولغاندا نېمە خىزمەت قىلىشنى خالايسىز؟» دېگەن تېمىدا سىناق ئېلىۋىدى، بالىلارنىڭ ھەممىسى خۇددى بۈگۈن سىلەرگە يېزىپ بەرگەندەك گەپلەر بىلەن جاۋاب بېرىشتى. بىز مەجبۇرلاپ يادلاتقان گەپلەرنىڭ بىرسىنىمۇ دېمىدى. كېيىن سۈرۈشتە قىلساق، «ئۇنتۇپ قاپتۇق» دەپ جاۋاب بېرىشتى. بۇلارنىڭ كۆرگەن - بىلگىنى ئاز بولغاندىكىن ئارزۇ - ئارمانلىرىمۇ شۇنىڭغا بېقىپ بولىدىكەن.
    مەن شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا خاتىرە دەپتىرىمگە: «دەريا بويى بالىلىرىغا ۋىتامىن، ئاقسىل قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار يېتىشمەسلىك بىلەن بىرگە، روھى مەنىۋى ئوزۇقلۇقمۇ يېتىشمەيۋېتىپتۇ. بېكىك مۇھىت، ئاددى تۇرمۇش ئاللىقاچان بۇلارنىڭ تەپەككۇر قېلىپىدا بوشلۇق شەكىللەندۈرۈپ بوپتۇ. بۇ بوشلۇقنى قانداق نەرسىلەر بىلەن تولدۇرۇش مەسىلىسى دەريا بويى يېزىسىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى بەلگىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ» دېگەنلەرنى يېزىپ قويدۇم.
    لېكىن، شۇ كۈنى كەچتە، دەريا بويىغا كەلگەن ۋىلايەت، ناھىيە رەھبەرلىرىدىن ھال سوراش ئۈچۈن يېزا مەركىزىنىڭ شەرقىدىكى ئېگىز دۆڭ ئۈستىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۈلخان كېچىلىكىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر قېلىپىدىكى بوشلۇقنىڭ ھەرخىل مەنىۋى مەزمۇنلار بىلەن تولدۇرىلىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. شۇ كۈنى كەچ سائەت يەتتىلەر بىلەن دۆڭ مەركىزىگە دۈۋىلەنگەن بىرەر كوزۇپ كەتكۈدەك توغراق ئۇتىنىغا ئوت يېقىلدى. يېزا مەسئۇللىرى گۈلخان ئەتراپىغا كىگىز كۆرپە سېلىپ رەھبەرلەرنى ۋە بىزنى باشلىدى. ئۈستىگە ساقچى فورمىسى كىيىۋالغان «مەتروزى فايەن» ئۆيمۇ - ئۆي يۈرۈپ يىغقان 51چە ئادەمنى قۇمغا ئولتۇرغۇزدى. 80 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى - ئوقۇتقۇچىنىڭ بىرلا كېلىشى بىلەن سورۇن ئاۋاتلىشىپ قالدى. مەتروزى فايەن كىشىلەرنى يۇمىلاق دائىرىدە ئولتۇرغۇزۇپ بولغاندىن كېيىن، يېزا باشلىقى ئۆمەرجان سورۇندىكىلەرگە ۋىلايەت، ناھىيە رەھبەرلىرىنى تونۇشتۇردى. ئاندىن زەينەپخان ئابدۇللا تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى چېڭ جېنشەن ۋە مەتسەيدى خۇدابەردىلەر سۆز قىلىپ، دەريا بويى خەلقىنى نۆۋەتتىكى ياخشى شارائىتنىڭ قەدىرىگە يېتىپ، مۇقىملىقنى ساقلاپ، جاپاغا چىداپ دەريا بويىنى گۈللەندۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىپ سۆزلىدى. ئاندىن كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى باشلاندى. دەسلەپ، «تەيۋەن» لەقەملىك بىر ياش يەنە بىرەيلەننىڭ كىچىك نەغمە دېپىدا تەڭكەش قىلىش بىلەن ئۆز ۋاقتىدا مەڭلەشخان ئوقۇپ رەتلىگەن بىر يۈرۈش خەلق ناخشىلىرىنى دۇتار بىلەن ئوقۇدى. ناخشا ناھايىتى جانسىز، پەس، ئاۋازدا ئېيتىلغاچقا تازا مەززىسى بولمىدى. ئارقىدىنلا مەكتەپ سەنئەت كۇرژىكى ئۆز سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئالدى بىلەن قىزلار كوللېكتىپى ئۈنئالغۇغا ئېلىۋالغان بىر چەت ئەل مۇزىكىسىغا ئىشلەنگەن شالغۇت ئۇسسۇلىدىن بىرنى ئورۇندىدى. ئارقىدىن 5 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى رەھىمخان مەمەت «مەن يۇلغۇننى ياخشى كۆرىمەن» ناملىق ناخشىسىنى ئوقۇدى. ئارقىدىن يەنە بىر قىز خەنزۇچە «ئايرىلىش ئازابى»، «جاھان گەزدى ناخشىسى»، «ماۋجۇشى قىزى بىلەن» قاتارلىق ناخشىلارنى ئوقۇدى. ئارقىدىنلا ئوغۇللار كوللېكتىپى «شۇڭقار دېسكوسى»نى ئوينىدى. ئۇلار بىر پۇتى بىلەن ھەربىر سەكرىگەندە توپا توزۇپ مەيداننى بىر ئالدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇرلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زەينەپخان شۇجىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىدە ئىشلەيدىغان بىر ئەزىز ئايال «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل»، «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» قاتارلىق ناخشىلارنى ئوقۇپ بەردى. كېيىنكى ناخشىنى مەكتەپ بالىلىرىمۇ قوشۇلۇپ ئوقۇدى. يېنىمدا ئولتۇرغان مەمەت ئېلى ماڭا پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارغا ياڭگىر ئۇسسۇلىنى ئۆگەتكەنلىكىنى، ھەر يىلى بالىلار بايرىمىدا ئوينايدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
    بىز دەريا بويىدا تەكشۈرۈش داۋامىدا بەزى ئائىلىلەرنىڭ ئەتراپىدىكى دۆڭلەرگە، يۇلغۇن ئارىلىرىغا يوشۇرۇپ قويۇلغان توشقان زەدەكلىرىنى ئۇچراتتۇق. بىز سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق، بىر قىسىم بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئۇقتۇرماي يوشۇرۇنچە زەدەك كولاپ ئايرىم جايغا يوشۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى، پۇرسىتى كەلگەندە سېتىپ ئۆز ئالدىغا خەجلەيدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭمۇ ئاشۇ بالىلار يوشۇرۇنچە كولاپ يوشۇرۇپ قويغان زەدەك ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇق. مەن مۇشۇ كىچىك بىر ئىشتىن دەريا بويى بالىلىرىنىڭ پۇل ئېڭىدىكى يوشۇرۇن كرىزىسىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.
    ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن بولۇۋاتقان تۈرلۈك كېسەل، تولۇق يىتىلمەسلىك، مەنىۋى ئاچارچىلىق پەيدا قىلىۋاتقان روھى ئاينىش، ئەنئەنىۋى بايلىق قارىشى ۋە پۇل ئېڭىنىڭ بىتچىت قىلىنىشى دەريا بويى بالىلىرىغا، ئېنىقى دەريا بويىنىڭ كەلگۈسىگە قىلىنغان ئۈچ چوڭ خىرىس ئىدى. 12 - ئۆكتەبىر (شەنبە) سەھەردە يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدا يۈسۈپجان بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتىم. سىرتتا بىرسىنىڭ ئەنسىز ئاۋازدا «يۈسۈپجان!، يۈسۈپجان!» دەپ ۋارقىراىشى بىزنى چۆچىتىۋەتتى. چىقىپ قارىۋىدۇق، قورۇدا ئابلا كېرەم جىددىيلەشكەندىن پايپىتەك بولۇپ يۈرۈپتۇ. ئۇ تەخىرسىز ھالەتتە يۈسۈپجانغا:
     يۈسۈپجان، بۈگۈن ئەتىگەن ۋىلايەت، ناھىيە رەھبەرلىرىدىن 25 ئادەم دەريا بويىغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇلارنى ئۆمەرجان شاڭجاڭ باشلاپ كېلىۋېتىپتۇ. ۋاڭ شۇجى كېچىدىن يولغا چىققانىكەن، ھېلىغىچە كەلگۈدەك. ھازىر بوخاجىدا سۆزلەشتىم. پۈتۈن تەييارلىقنى بىزگە تاپشۇردى. چاققان بولسىلا غوجام، كوچىلارنى سۈپۈرگۈزۈپ، يوللارغا سۇ چاچتۇرسىلا. مەن قويغا ئادەم ماڭغۇزاي. ۋاڭ شۇجىنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلىلا ئاينا  دېدى - دە، ئارقىسىغا يېنىپ، يۈگۈرگىنىچە كېتىپ قالدى.
    بىزنىڭ بۇ كۈندىلىك خىزمەت پىلانىمىز كېرىيە دەرياسىنىڭ تىكە نام ئېقىنىنى بويلاپ تۆۋەنگە يۈرۈپ، دەريانىڭ كونا - يېڭى قىنلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئەھۋالىنى كۆزىتىش بولغاچقا، ئاينىساخاننىڭ ئاشخانىسىدا تەييار چۆپلىرىمىزنى قايناقسۇغا چىلاپ يەپ، ماشىنا بىلەن يۈرۈپ كەتتۇق. تالاي قۇم دۆڭلىرىدىن ھالقىپ، ئېقىن - ئېرىقلارنى كېچىپ يۈرۈپ ناھايىتى جاپالىق ئىشلىدۇق. چۈشتىمۇ ئېلىۋالغان قاتتىق نانلىرىمىزنى دەريا سۈيىگە چىلاپ يەپ، قورساقنى مۇنداقلا غەملىۋالغاندىن كېيىن، ئۆز ئىشىمىزغا كىرىشىپ كەتتۇق.
    كەچ سائەت يەتتىدىن ئاشقاندا يېزا مەركىزىگە قايتىپ كېلىپ، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە بولۇپ كەتكەن ئۆزگىرىشلەردىن ھەيران قالدۇق. يېزا مەركىزى ئىچىدىكى توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان يول ۋە مەيدانلار پاكىز سۈپۈرۈلۈپ، سۇ چېچىپ قاتۇرۇۋېتىلگەنىدى. مەكتەپ، دوختۇرخانا، يېزىلىق خىزمەت ئورگىنى، ئاشخانا، ماگىزىنلار ھەتتا يېقىن ئەتراپتىكى ئائىلىلەرمۇ ئېلېكتر چىراغلىرى بىلەن كۈندۈزدەك يورۇپ كەتكەنىدى. يېزىلىق رادىئو  ئۇزىلىنىڭ كانىيىدىن ۋە ئاشخانا - ماگىزىنلاردىكى ئۈنئالغۇلاردىن ئاڭلىنىپ تۇرغان ناخشا - مۇزىكا ساداسى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى. تەلپەك تۇماق، ئۇزۇن چاپان كىيىشكەن بىر توپ كىشىلەر ئالدىراش چېپىشىپ يۈرەتتى. مېنىڭ دىققىتىمنى ئەڭ تارتقىنى يېزا دوختۇرخانىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر بولدى. بىز دەريا بويىغا كەلگەن بىرنەچچە كۈندىن بۇيان بىرەر قېتىمۇ ئىشكى ئېچىلىپ باقمىغان، كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن بىمارلار تۈگۈل، بىرەر دوختۇرنىڭمۇ قارىسى كۆرۈنمەي كەلگەن بۇ دوختۇرخانا بۈگۈن باشقىچە جانلىنىپ كەتكەنىدى. زال شەكلىدىكى كېسەلخانىلار تۈرلۈك كېسەللەر بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى. ئاق خالات كىيگەن بەش - ئالتە كىشى كېسەللەر ئەتراپىدا پايپىتەك بولۇپ يۈرۈشەتتى. دەريا بويىلىقلارنىڭ كېسەللىك ساقلىقنى ساقلاش ئالاھىدىلىكلىرى بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغاچقا دوختۇرخانىنىڭ بۇنداق جانلىنىپ كېتىشى مېنى خۇش قىلدى.
    كەچتە، ھاكىم مەتسەيدى خۇدابەردى بىزنى ئابلا كېرەمنىڭ ئۆيىگە چاقىرتىپ، سورۇنغا قاتناشتۇردى. سورۇندا خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى زەينەپخان ئابدۇللا، ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى مەتسەيدى خۇدابەردى باشلىق 20 گە يېقىن رەھبىرى كادىر بار ئىدى. مەن ئەترەت ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن سورۇندىكىلەرگە ئۆز خىزمەتلىرىمىزنى خەنزۇ تىلىدا دوكلات قىلدىم. ھېس قىلغان مەسىلىلەرنى ۋە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. رەھبەرلەر بىر ئېغىزدىن بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈردى، يۇقىرى باھا بەردى ھەم ناھىيە رەھبەرلىرىدىن بىزگە تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىشتى. مەن نەخ مەيداندا، ھاكىم مەتسەيدى خۇدابەردى بىلەن سۆزلىشىپ، يۇمىلاققۇم قەدىمكى شەھىرىگە بېرىپ - كېلىشتە ئىشلىتىدىغان تۆگە مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋالدىم. ھاكىم بىزنى يەنە 300 كىلوگرام ماي ۋە باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تارتۇقلىدى. ئاندىن گۈلخان پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق.
    كەچتە، ياتىقىمدا يېتىپ خاتىرەمنى ۋاراقلىدىم. خوتەندىن كېرىيىگە كەلگەن كۈنى ئابدۇرىشاتنىڭ ۋاسىتىچىلىقىدا تونۇشۇپ قالغان، دەريا بويىدا 20 يىل سەييارە داۋالاش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن تاللىق كوچىسىدىكى ئۆيىدە تىۋىپلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ماخمۇت نىياز ئىسىملىك پېشقەدەم كىشىنىڭ ئاغزىدىن يېزىۋالغان مۇنۇ قۇرلارغا كۆزۈم چۈشتى:
    «دەريا بويىدا 1962 - يىلى بىر ئېغىزلىق ساتما ئۆيدە «سەييارە داۋالاش پونكىتى» قۇرۇلغانىكەن. ھاشىم قۇربان دەريا بويىدىكى ئەڭ دەسلەپكى، شۇنداقلا بىردىنبىر دوختۇر سۈپىتىدە سەييارە كېسەل داۋالاپ كەپتىكەن. ئۇ چاغدا مەن قاچۇن گۇڭشى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى ئىدىم. 1964 - يىلى تەشكىل ھاشىم قۇرباننى قايتۇرۇپ كېلىپ، دەريا بويىنىڭ ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىغا مېنى مەسئۇل قىلىپ بەلگىلىدى. مەن خوتۇن بالىلىرىمنى ئېلىپ دەريا بويىغا يۈرۈپ كەتتىم. دەريا بويى ئاھالىسى بەكلا چاچقۇن بولغاچقا، تۆگە بىلەن ئائىلىمۇ - ئائىلە قاتناپ يۈرۈپ كېسەل داۋالاشقا توغرا كېلەتتى. كېسەل ساقايغۇچە شۇ ئائىلىدە يېتىپ - قوپۇپ داۋالايتتىم. شۇڭا، ھەر قېتىم ئائىلىدىن بىر ئاجراپ كەتسەم ئىككى - ئۈچ ئايدا ئاران قايتىپ كېلەلەيتتىم. داۋالاش دېگىنىمىز ئەمەلىيەتتە كېسەلگە قايتا دورا بېرىشنى ئاساس قىلىدىغان ئاددىي شەكىلدىكى داۋالاشنى كۆرسىتەتتى. ھەربىر كېسەلنىڭ دورا پۇلىنى خەتلەپ قويۇپ نىسىگە داۋالايتتىم. دادۇي يىل ئاخىرىدا دارامەت پۇلىدىن تۇتۇپ قالاتتى. ئېغىر كېسەللەرنى ناھىيىگە يۆتكەشكە بۇيرىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپ قىسىم كېسەللەرنى ئۆزۈم داۋالايتتىم. كىتاب - ماتېرىياللارنى كۆرۈپ يۈرۈپ ساقايتىشقا تىرىشاتتىم. ناھىيىدىكى دوختۇرخانىلارغا بۇيرۇلغان ئېغىر كېسەللەرنىڭ كۆپ قىسمى يول ئۈستىدە ئۆلۈپ كېتەتتى. سەۋەبى، يول يىراق ئىدى. ئىككى ئېشەك ئوتتۇرىسىغا زەمبىل شەكىللىك جىغا ياساپ، كېسەلنى شۇنىڭدا ئېلىپ مېڭىشاتتى. كېچە - كۈندۈز يۈرگەندە 8 - 10 كۈندە ناھىيىگە يېتىپ كېلەلەيتتى. ئۇ چاغلاردا، كىزىك كېسىلى كۆپ ئۇچرايتتى. بۇ ئۇلارنىڭ قىزىق كۈمەچتىن كېيىن سوغۇق سۇ ئىچىشى بىلەن بەكرەك مۇناسىۋەتلىك ئىدى. شۇڭا، كىزىك بولغانلارنىڭ %85 تى ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ كېتەتتى. 70 - يىلى دەريا بويى بويىچە كەڭ - كۆلەمدە قىزىل تارقاپ كېتىپ، %85 كىشى يۇقۇملىنىپ كەتكەنىدى. ھەتتا قېرىلارغىمۇ قىزىل چىققانىدى. 74 - يىلى كەڭ دائىرىدە كىزىك تارقاپ كېتى، ھەممە ئادەم دېگۈدەك يېتىپ كەتكەچكە دادۇيگە يىغىپ داۋالىغانىدۇق. يەتتە كىشى ئۆلۈپ كەتكەنتى. شۇ مەزگىللەردىن باشلاپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە، ھەر يىلى ئەتىيازدا بىر قېتىم ھەممە ئائىلىلەرگە بېرىپ يۈرۈپ ۋاكسىنا ئەملەپ يۈردۈم. ئۇنىڭدىن باشقا، تىبركىليۇز، قىزىل، بالىلار پارالىچى ۋە تۇغما تىتانۇس كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇكۇللىرى بار ئىدى... دەريا بويلىقلار ناھايىتىمۇ ئاق كۆڭۈل كىشىلەر بولغاچقا، مەن ئۇلاردىن مېھرىمنى ئۈزەلمەي، توپتوغرا 20 يىل دوختۇر بولۇپ تۇرۇپ قالغانىدىم».
    مەن ئەتىسى سەھەردە «جۇڭخۇڭجى شىپاخانىسى»نىڭ باشلىقى ئابدۇۋەلى زىياۋىدۇننى زىيارەت قىلدىم. 52 ياشلاردىكى دۇغىلاق كەلگەن بۇ كىشى ئۆزىنىڭ دەريا بويىغا كېلىپ قېلىش جەريانىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مۇنداق ئەسلىمە قىلىپ بەردى:
    «80 - يىلغىچە مەن قاچۇن گۇڭشىنىڭ دوختۇرى ئىدىم. 81 - يىلى 7 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى دەريا بويىدىن توختاخۇن كىگىزچى ئىسىملىك ئايىقى ئىتتىك بىرەيلەن ناھىيىگە چىقىپ، دەريا بويىدا ئومۇميۈزلۈك ئىچ سۈرۈش كېسىلى تارقاپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ مۇشۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تۆت كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، تەشكىلنىڭ تېزدىن ئامال قوللانمىسا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى يەتكۈزۈپتۇ. ناھىيە رەھبەرلىرى بىر گۇرۇپپا دوختۇرلارنى تۇتۇيچى تىراكتۇرلارغا ئولتۇرغۇزۇپ دەريا بويىغا ئىۋەرتتى. شۇ قاتاردا مەنمۇ بار ئىدىم. بىز توققۇز كۈندە دەريا بويىغا يېتىپ بېرىپ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كىرىشىپ كەتتۇق. ئىككى كىشى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى. قالغانلارنى ئوڭۇشلۇق ساقايتىۋالدۇق. 87 - يىلى ناھىيە بويىچە يۇقۇملۇق جىگەر كېسىلى  تارقالغاندا، دەريا بويىدىمۇ 37 كىشى ئېغىر يېتىپ كېتىپتۇ. ئابلاكېرەم ناھىيىگە «پارتىيە بىزنى قۇتقۇزىۋالسۇن» دېگەن ئىككىلىك خەتنى چىقارتقانىكەن، ناھىيە يەنە بىر قېتىم داۋالاش ئەترىتى تەشكىل قىلىپ دەريا بويىغا يولغا سالدى. بۇ قېتىممۇ يەنە مەن كەلدىم. بىز كېسەللەرنى ئىبراھىم داۋۇت ئىسىملىك كىشىنىڭ ئۆيىگە يىغىپ داۋالىدۇق. بىر ئادەمنىمۇ ئۆلتۈرۈپ قويماي، خىزمەتنى نەتىجىلىك تاماملىدۇق. ناھىيىگە قايتىدىغان چاغدا، دەريا بويى خەلقى مېنىڭ دەريا بويىدا دوختۇر بولۇپ تۇرۇپ قېلىشىمنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. بۇ ھەقتە ناھىيىگىمۇ ئادەم ماڭغۇزۇشتى. تەشكىلمۇ مېنىڭ ئويلۇشۇپ كۆرۈشۈمنى ئېيتتى. قارىسام، ئاق كۆڭۈل، مېھماندوست كىشىلەركەن، يۈز كېلەلمەي ماقۇل بولدۇم. دەسلەپ ئات - ئۇلاغ بىلەن ئائىلىلەرگە بېرىپ كېسەل داۋالاپ يۈردۈم. 89 - يىلى يېزا قۇرۇلغاندا، تۆت دوختۇر سەپلەپ بەردى. يەنە 6 مىڭ يۈەنلىك دورا بىلەن تەمىنلىدى. ۋىلايەتمۇ ئىككى مىڭ يۈەنلىك دورا بەردى. 91 - يىلى يېزا بويىچە قىزىل تارقاپ كېتىپ، 186 - ئادەم ئېغىر يېتىپ كەتتى. ناھىيىگە خەۋەر قىلىۋىدۇق، بىر گۇرۇپپا دوختۇرلار كېلىپ ئالدىنى ئالدى. بۇ جەرياندا 120 كىشىنى يېزا مەركىزىگە يىغىپ داۋالىدۇق. قالغان 66 كىشى ئائىلىسىدە ۋاكسىنا سالدۇردى. 42 كۈن جىددىي داۋالاش ئارقىلىق كېسەلنىڭ ئالدى ئېلىندى. بىر كىشى ئۆلۈپ كەتتى. 2001 - يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى بالىلار بايرىمىدا، غوپۇر ئابدۇللا قاتارلىق رەھبەرلەر كېلىپ يېڭى سېلىنغان دوختۇرخانا ۋە شىپاخانىنىڭ يوپۇغىنى ئاچقاندا، ۋىلايەت 7 مىڭ يۈەنلىك دورا، ناھىيە 15 دانە سىم كارىۋات ياردەم قىلغانىدى. ھازىرقى 240 كۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى، ئون ئېغىزلىق شىپاخانا قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنىدى. ھازىر ئالتە ئىشچى - خىزمەتچىمىز بار. يەنە تېخى 6500 يۈەنلىك شىندىيەنتۇ ئاپپاراتىمىزمۇ بار. تەشكىل بىزنىڭ مائاشىمىزنى بەرگەندىن سىرت باشقا چوڭراق ياردەم قىلالمىغان بولسىمۇ، بىر ئاماللارنى قىلىپ جان ساقلاپ كېتىۋاتىمىز...».
    مەن شۇ كۈندىن باشلاپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان بىمارلار ۋە ئۇلارنىڭ قارىغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش ھەم باشقا كۆزىتىش شەكىللىرى ئارقىلىق بۇ يۇرتتا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى، كېسەل پەيدا قىلىش سەۋەبلىرى جەھەتلەردە بەزى قىممەتلىك ماتېرىياللارغا ئېرىشتىم. قولۇمدا بار ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، دەريا بويىدا مۇنداق بىرنەچچە خىل كېسەللىك كۆپ ئۇچرايدۇ.
    1. بالىلاردىكى تېز ئەي بولماسلىق ھادىسىسى: دەريا بويىدا يەرلىك ئۇسۇلدا تۇغدۇرۇش ئاساس قىلىنغاچقا، كۆپ قىسىم بوۋاقلار تۇغۇلۇش جەريانىدا زەربىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئانىلار سەي - كۆكتات، مېۋە - چىۋە ئىستېمال قىلمىغاچقا، ياكى ئىنتايىن ئاز ئىستېمال قىلغاچقا يېتەرلىك سۇت يىغالمايدۇ. سۈتىمۇ سۈپەتسىز كېلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، دەريا بويى بالىلىرىدا ئېغىر دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەلىك، تېز ئەي بولماسلىق ئەھۋاللىرى ئومۇميۈزلۈك ساقلانغان.
    2. ئاشقازان كېسىلى: كۆمەچنى پېتىر يېگەچكە، ھەزىم بولماي ئاشقازاندا ئۇزۇنغىچە تۇرۇۋالىدۇ. ئۈچەيگە ئۆتەلمىگەچكە قۇرساق ئاچمىغاندەك بىلىنىدۇ. لېكىن ئوزۇقلۇق قىممىتى خېلىلا تۆۋەن بولۇپ، ئاسانلا ئاشقازان كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، دەريا بويىدا ئاشقازىنى ئاغرىمايدىغان بىرمۇ كىشى ئۇچرىمايدۇ.
    3. قەۋزىيەت: ئۈچ ۋاخ كۆمەچلا يەۋەرگەچكە، مېۋە - چىۋە، سەي - كۆكتات يېيىش ئىمكانىيىتى يوق دېيەرلىك بولغاچقا، بەدەنگە سېللوزا يېتىشمەسلىك ئالامىتى كۆرۈلۈپ، قەۋزىيەت بولۇپ ھادىسىسى ئومۇملىشىپ كەتكەن. بۇ ھال قاننىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەننىڭ ئىممۇنېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن.
    4. قان تومۇر قېتىشىش: دەريا بويىلىقلار كۆمەچتىن قالسا، گۆش - ماينى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ. بۇ خىل ئوزۇقلىنىش ھالىتى قاندىكى ماي ماددىسىنى ئاشۇرۇۋەتكەن. بۇ يەردىكى ياشلاردىن تارتىپ قېرىلارغىچە ھەممىسىنىڭ بېشى قېيىپ ئاغرىيدۇ. كۆپ ئادەمدە يۈرەك تىقىلمىسى ئالامەتلىرى بار.
    5. كىزىك: دەريا بويىنىڭ ھاۋاسى ئىنتايىن قۇرغاق بولۇپ، ھۆل - يېغىن يوق دېيەرلىك. ئۇلار ئىچىپ كېلىۋاتقان قۇدۇق سۈيىمۇ ئىنتايىن تۇزلۇق، شۇڭا كىزىك كېسىلى جىق ئۇچرايدۇ.
    6. بۇغۇم ياللۇغى، رىماتىزىم: ساتمىلاردا ئوت ئۆچمەيدۇ. ئۇلار ئوتقا قاقلىنىپ ئولتۇرىدۇ. ئوت يېنىدا ئۇخلايدۇ. ئوتنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، بۇنىڭ بىلەن كۆز تورلىشىپ، يۇقىرىقى كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.
    7. ھەر خىل ئاياللار كېسەللىكلىرى: دەريا بويى قىزلىرى كىچىك توي قىلىدۇ. ھېيز مەزگىلىدە تازىلىق قەغىزى ئورنىغا قۇم، ئەسكى لاتىلارنى ئىشلىتىدۇ. كونا ئۇسۇلدا تۇغىدۇ. پىلانلىق تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارنى ئىشلىتىش سەۋىيىسى تۆۋەن. بۇ ئامىللار ئاياللار كېسەللىكىنى دەريا بويىدا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.
    8. ھەرخىل ۋىتامىن تۈرلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەر: دەريا بويلىقلار يېشىل يېمەكلىكلەرنى ئاساسەن ئىستېمال قىلالمىغاچقا، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ۋىتامىن A،  ۋىتامىن B، ۋىتامىن AD ماددىلىرى كەمچىل بولۇش ئەھۋاللىرى ناھايىتى ئېغىر. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى چىش زىغىزىغى ياللۇغى، تىل يېرىلىش، كالپۇكى يېرىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
    9. يوت ماددىسى كەم، فىتور ماددىسى كۆپ بولۇشتىن پەيدا بولغان كېسەللىكلەر: يوت ماددىسى ئېگىزگە قاچىدۇ، فىتور ماددىسى بولسا پەس - ئويمان يەرلەرگە ئاقىدۇ. شۇڭا، تاغلىق رايونلاردا يوت ماددىسى كۆپ، فىتور ماددىسى ئازا بولىدۇ. تارىم ئويمانلىقى فىتور ماددىسى كۆپ، يوت ماددىسى ئاز بولغان تىپىك بەلۋاغ. دەريا بويى يېزىسى تەۋەسى تارىم ئويمانلىقىدىكى ئەڭ پەس جاي سانىلىدۇ. ئۇ يەرلەر كېرىيە ناھىيە بازىرىدىنمۇ 209 مېتىر پەس ھالەتتە تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بۇ جايدا يوت ماددىسى ئىنتايىن كەمچىل بولغاننىڭ ئۈستىگە فىتور ماددىسى ناھايىتى كۆپ. دەريا بويىدا يەر ئاستى سۇ يۈزى يۇقىرى، ئادەتتە ئىككى مېتىر كولىسىلا سۇ چىقىدۇ. قۇدۇق سۈيى ئىنتايىن تۇزلۇق. بۇ دېگەنلىك، ئىچىملىك سۇ تەركىبىدىكى فىتور ماددىسىمۇ يۇقىرى دېگەنلىكتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، زىمىننىڭ زىيادە قۇرغاق بولۇشىمۇ يوت ماددىسىنى كەملىتىۋەتكەن. شۇڭا، دەريا بويلىقلارنىڭ چىشى سېرىق، سۆڭىكى چۈرۈك كېلىدۇ. دىۋەڭ، تۇيۇقسىز چىشلىرى كىرىشىپ شۈكلەپ قالىدىغانلار كېسىلى تۇتۇپ تاتىشىپ قالىدىغانلار كۆپ ئۇچرايدۇ. بالىلارنىڭ بىنورمال يىتىلىپ قېلىشى، ئاياللارنىڭ بالا تاشلىۋېتىشى كۆپ ئۇچرايدۇ.
    10. تېز قېرىش ئالامەتلىرى: دەريا بويىلىقلارنىڭ بەدىنىدە ئاقسىل ماددىسى ناھايىتى تۆۋەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋاسى قۇرغاق، كۈن نۇرىدا تۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇن. شۇڭا، ھۈجەيرىلەر ناھايىتى تېز قېرىيدۇ. يېقىن تۇغقانلار ئارا توي قىلىش ھادىسىسى ئېغىر، يېمەكلىكنى ساقلاپ يەيدۇ. شارائىتى ناچار تۈگمەندە بىرلا قېتىم تارتىلغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن ئۇنلارنى ئىستېمال قىلىدۇ. ھەتتا گۆشنىمۇ بىرقانچە كۈنلەپ ساقلاپ يەيدۇ. جىسمانىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش ۋاقتى ئاز، مۈشكۈل ھەرىكىتى يېتەرلىك ئەمەس، مۇزىكا، سەنئەت مۇھىتى يوق ... بۇ ئەھۋاللار ئۇلارنىڭ ناھايىتى تېز قېرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان.
    11. مىزاج  خىلىت ئالامەتلىرى: دەريا بويىلىقلار ئاساسەن قۇرۇق سوغۇق مىجەزلىك كېلىدۇ. سەۋەبى، بوستانلىق شالاڭ، ھاۋاسى قۇرغاق، ھۆل - يېغىنى ئاز، يېمەك - ئىچمەكتە گۆشتىن باشقا ۋىتامىنلىق يېمەكلىكلەر يوق. ئۇلار دائىم ئىستېمال قىلىدىغان قۇدۇق سۈيى تۇزلۇق ھەم سوغۇق؛ بۇ خىل مىزاج تىپى ئۇلاردا ئۇيقۇسى ئاز بولۇش، داۋاملىق بېشى ئاغرىش، ئۇخلىغاندا شايلى قۇيۇلۇش، بىخۇت، غەم يىمەس، ھورۇن، ئالدىرىماس، تەگىگەك... قاتارلىق خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەن.
    قىزىل كېسىلى  دەريا بويىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك شەكلى. تۆۋەندە 90 - يىلى پۈتكۈل دەريا بويىنى قاپلاپ كەتكەن بىر قېتىملىق قىزىل كېسەللىكىنى تونۇشتۇرىمەن.
    كېسەل تارقالغان ۋاقىت: 90 - يىل 11 - ئاي 22 - كۈنىدىن 91 - يىلى 1 - ئاي 25 - كۈنىگىچە.
    كېسەل تارقىلىش ئەھۋالى: 90 - 11 - ئايدىن 12 - ئايغىچە قىزىل كېسىلى 32 نەپەر كىشىدە يۈز بەرگەن. 91 - يىلى 1 - ئاي ئاخىرغىچە 94 نەپەر كىشىگە كېڭەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار 40 نەپەر بولۇپ، كېسەل يۈز بېرىش نىسبىتى %63.29؛ ئوقۇش يېشىدىن يۇقىرى بالىلار 42 نەپەر بولۇپ، كېسەل يۈز بېرىش نىسبىتى %44.19؛ قۇرامىغا يەتكەنلەر 56 نەپەر بولۇپ، كېسەل يۈز بېرىش نىسبىتى %33.14؛ بىردىن كېسەل كۆرۈلگەن ئائىلە 37، بۇ ئومۇمىي ئائىلىنىڭ %24 نى تەشكىل قىلىدۇ؛ ئىككىدىن كېسەل يۈز بەرگەن ئائىلە 17، ئومۇمىي ئاھالىنىڭ %01نى ئىگىلەيدۇ؛ ئۈچتىن كېسەل كۆرۈلگەن ئائىلە 9، ئومۇمىي ئاھالىنىڭ %8.5نى ئىگىلەيدۇ؛ تۆتتىن كېسەل كۆرۈلگەن ئائىلە 6، بۇ ئومۇمىي ئاھالىنىڭ %89.3نى ئىگىلەيدۇ. بۇ قېتىملىق قىزىل كېسىلى جەمئىي 39 ئائىلىگە تارقالغان. )كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا جەدۋال كوپىسى بېرىلگەن)
    جىنسىي ۋە ياش جەھەتتىن پەرقلىنىش: بۇ قېتىم كۆرۈلگەن 126 نەپەر قىزىل كېسەللىكى ئىچىدە ئەرلەر 65 نەپەر، كېسەللىك يۈز بېرىش نىسبىتى %08.15؛ ئاياللار 61 نەپەر، كېسەللىك يۈز بېرىش نىسبىتى %36.15؛ ئەر - ئاياللار سېلىشتۇرمىسى 1:07.1؛ ئەڭ كىچىك ياشتىكى بىمار توققۇز ئايلىق، ئەڭ چوڭ ياشتىكى بىمار 40 ياش، ئۆلگىنى بىر نەپەر، كېسەل يۈز بېرىش نىسبىتى %25.15؛
    بىز بۇ قېتىمقى قىزىل كېسەللىكنىڭ ھەرقايسى ياش گۇرۇپپىسى ۋە جىنسىي جەھەتتىكى ئەھۋالىنى كۆرۈپ شۇنى بىلدۇقكى، 5 - 2 ياش گۇرۇپپىسىدىكىلەر %04.34 نى ئىگىلەيدۇ. ئەر - ئاياللار سېلىشتۇرمىسى جەھەتتە، ئاياللارنىڭ 20 - 16 ياش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ كېسەللىنىش نىسبىتى يۇقىرى. 40 - 36 ياش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ كېسەللىنىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن. 35 - 15 ياش گۇرۇپپىسىدا كېسەل يۈز بەرمىگەن.
    كېسەل تىپى: بۇ قېتىم يۈز بەرگەن قىزىل كېسەللىكى ئىچىدە تىپىك بولغان قىزىل كېسەللىكى 78 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي كېسەلنىڭ %23.64 نى تەشكىل قىلىدۇ. يېنىك تىپتىكى قىزىل كېسەللىكى 17 نەپەر بولۇپ، %29.12 نى ئىگىلەيدۇ. ئېغىر تىپتىكى قىزىل كېسەللىكى 28 نەپەر بولۇپ، %22.21 نى ئىگىلەيدۇ. تىپىك بولمىغان قىزىل كېسەللىكى ئۈچ نەپەر، بۇ %33.2 نى ئىگىلەيدۇ.
    كېسەللىك ئىپادىسى ۋە ئالامىتى: تىپىك بولغان قىزىل كېسەللىكى ئومۇمىي كېسەلنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. كېسەلنىڭ ئىپادىسى  قۇسۇش، ئىشتەيسىزلىك، كۈن نۇرىدىن قورقۇش، كۆزى ياشاڭغۇراش، ئىچى سۈرۈش ۋە تېرە ئەسۋىسى چىقىشتىن ئىبارەت.
    كېسەل ئاسارىتى: 126 نەپەر كېسەل ئىچىدە، ئاسارەت قالدۇرغىنى 13 نەپەر، بۇ %31.01نى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كاناي شاخچىلىرى يۇقۇملانغىنى 12 نەپەر بولۇپ، %52.9 نى ئىگىلەيدۇ. يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى بىر نەپەر بولۇپ، %79.0 نى ئىگىلەيدۇ.
    ۋاكسىنا ئەملەش ئەھۋالى: 126 نەپەر بىمار ئىچىدە، ۋاكسىنا ئەملەش تارىخى يوقلار 70 نەپەر، ۋاكسىنا ئەملەش تارىخى ئېنىق بولمىغانلار 20 نەپەر، ۋاكسىنا ئەملەش تارىخى بارلار 36 نەپەر؛ بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، كۆپ ساندىكى كېسەللەرگە قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملەنمىگەن. ئاز ساندىكى كىشىلەرگە ۋاكسىنا ئەملەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋاكسىنىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەن، ياكى ۋاكسىنا ئەملەش داۋامىدا ۋاكسىنىنىڭ ئۈنۈمى يوقالغاندىن كېيىن ئەملەنگەن.
    ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ۋە ئۈنۈمى: كېرىيە ناھىيىلىك يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورنىدىن بارغان دوختۇرلار 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كېسەللىك يۈز بەرگەن نەخ مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، يېزىدىكى 40 ياشتىن تۆۋەن كىشىلەرگە قارىتا 9016 نومۇرلۇق قىزىل ۋاكسىنىسىنى ئەملەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، گۇمانلىق كىشىلەرنى ئايرىپ داۋالاش، ئايرىپ كۆزىتىش، ئۆي ئىچىنى دىزىنفېكسىيە قىلىش، ئۆي ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش، يوتقان - كۆرپىلەرنى ئاپتاپقا سېلىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللانغاندىن كېيىن، كېسەل قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تىزگىنلەنگەن.
        دىمەك، قىزىل كېسىلى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ھەم ئوقۇش يېشىدىن ئاشقانلاردا تارقالغان. بۇ ئەمەلىيەت دەريا بويى كىشىلىرىنىڭ قىزىل كېسىلىگە بولغان ئىممۇنت سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى، تەبىئىي شارائىتنىڭ ناچارلىقىنى، ئالدىنى ئېلىش ۋاقتىدا ۋاكسىنا سېلىش خىزمىتىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
    كېسەلنىڭ يۈز بېرىشىدىكى سەۋەبلەر: ئالدى بىلەن، دەريا بويىنىڭ ناھىيە بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق، تەبىئى شارائىتى ناچار، ئاھالىلەر تارقاق، ۋاكسىنىلارنى ساقلاش ئەسلىھەلىرى تولۇق ئەمەس، ۋاكسىنا بىلەن ئەملەش ئۆز ۋاقتىدا بولمىغان. ۋاكسىنىلارنى يۆتكەش جەريانىدا، ئۇنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش چىڭ تۇتۇلمىغان، يەرلىك كىشىلەرنىڭمۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولغان تونۇشى يېتەرسىز بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاھالىلەر تارقاق بولغاچقا، تۈرلۈك مەرىكە - مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلگەندە، پۈتۈن ئاھالە بىر يەرگە توپلىشىپ بىرەر ھەپتىگىچە كوللېكتىپ ياشايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، تازىلىققا، دەسلەپ كۆرۈلگەن كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا سەل قارالسا، ئاسانلا سۇ، ئوزۇقلۇق ۋە ھاۋادىن يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ قېتىم، دەسلەپ كېسەل كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا ئالدى ئېلىنمىغان ۋاكسىنىلار ۋاقتىدا ئەملەنمىگەن. بىمار ياتقان ئۆينىڭ ھاۋاسى ئالماشتۇرۇلمىغان، ناھىيىدىن كېلىدىغان ۋاكسىنىلارمۇ دەل ۋاقتىدا كەلمىگەن.
    كېسەل مەنبەسى: بۇ قېتىمقى قىزىل كېسىلى دەسلەپ كېرىيە ناھىيىسى جاي يېزىسىدا پەيدا بولغان. ئون كۈندىن كېيىن، دەريا بويى يېزىسى 1 - ئەترىتىدىكى كىشىلەر تۇغقان يوقلاش بىلەن جاي يېزىسىغا كەلگەندە يۇقتۇرۇپ دەريا بويىغا ئاپارغان. دەسلەپ بالىلار يۇقۇملانغان، كېيىن چوڭ ياشتىكىلەرگە تارقالغان. بۇ قېتىمقى كېسەل 2 - 3 - مەھەللە كومىتېتلاردا كۆپ تارقالغان. 1 - 4 - 5 - كومىتېتلاردا تارقىلىشى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان. 2 - 3 - مەھەللە كومىتېتلارنىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراقلىشىش بىرقەدەر زىچ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، جاي يېزىسى بىلەن بولغان تۇغقاندارچىلىقى خېلىلا قۇيۇق. شۇڭا، بۇ جايلاردا كۆپرەك تارقالغان.
        نۆۋەتتە، دەريا بويى يېزىسىدا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ناھايىتى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەنمەكتە. دەريا بويىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى 89 - يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، 97 - يىلىدىن باشلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشكە باشلىغان. يېزىنىڭ ئىلگىرىكى سېكرىتارى مەتتۇرسۇن تۇردى كىشىلەرنى: كىم پىلانلىق تۇغۇتقا رىئايە قىلمىسا ئائىلە بويىچە كېرىيىگە كۆچۈرۈۋېتىمىز دەپ قورقۇتۇپ تۇرۇپ بۇ تۇغۇت سىياسىتىگە كۆندۈرگەن. 98 - يىلىغىچە بىرنى ئارتۇق تۇغقانلاردىن 3 مىڭ يۈەندىن جەرىمانە ئېلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن، 7 - 8 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنغان. ئىككىنچى قېتىم پىلاندىن ئارتۇق تۇغقانلار 10 مىڭ يۈەن جەرىمانە تۆلىگەن. مەسىلەن، باسقاق ئېغىلدىكى ئابدۇغېنى روزى، تېرىمدىكى مەمتىمىن سۇپىلارنىڭ ھەربىرى 8 مىڭ يۈەندىن جەرىمانە تۆلىگەن. توڭغاز باستىدىكى ئابدۇللا تارىم 6 مىڭ يۈەن تۆلىگەن. رەھىمخان سوپىنىڭ قۇرسىقىدىكى سەككىز ئايلىق بولغان پىلاندىن ئارتۇق بالا ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ئېلىۋېتىلگەن. ھازىرغىچە، دەريا بويىدا 51 نەپەر ئايال ھالقا سالدۇرغان، 31 نەپەر ئايال تۇغماسلىق ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان. دەريا بويىغا يۇقىرىدىن بەلگىلەپ بەرگەن پىلان كۆرسەتكۈچتە يىلدا 27 دىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈش چەكلەنگەن. لېكىن، يېزا رەھبەرلىرى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىگەچكە، ھەر يىلى دەريا بويىدا تۇغۇلىدىغان بالىلارنىڭ سانى پىلان كۆرسەتكۈچتىكىدىن خېلىلا ئاز ھالەتتە تىزگىنلىنىپ تۇرغان. 2002 - يىلى بىر يىلدا، دەريا بويىدا تۇغۇلغان بالا 16 نەپەر بولۇپ، يۇقىرىنىڭ مۇكاپاتلىشىغا ئېرىشكەن.
    كېسەللىك دەريا بويى خەلقىنىڭ ھاياتىغا ھەر ۋاقىت ۋەھىمە سېلىپ تۇرىدۇ. سىرت بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق بولغاچقا، ھەرقانداق كېسەل بىلەن ئاغرىغان بىمار يېزىلىق دوختۇرخانىغا تايىنىدۇ. بىراق، بۇ كىچىك شىپاخانا ئادەتتىكى كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتالىغىنى بىلەن، بەزى جىددىي كېسەللەرنى، مۇرەككەپ كېسەللەرنى داۋالىيالمايدۇ. شۇڭا، ھەتا سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بىلەن ئاغرىغانلارمۇ ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئابدۇۋەلى زىياۋىدۇننىڭ ئېيتىشىچە، دەريا بويىدا ھەر يىلى 12 دىن 14 كىچە ئادەم تۈرلۈك كېسەللەر بىلەن ئۆلۈپ تۇرىدىكەن.

    تەڭرىتاغ ژۇرنىلى2003 - يىل 3 - سان دىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.