ئەسلىمەمنىڭ باش قەھرىمانلىرى، نەدە سىلەر؟

يوللىغۇچى : Qarluq يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-27 13:11:00

ئەسلىمەمنىڭ باش قەھرىمانلىرى، نەدە سىلەر؟ بالىلىق دەۋرىمدە شىرىن ئەسلىمىلەر بولغانمۇ يوق؟ مېنىڭچە شىرىن بولسۇن-بولمىسۇن بەرىبىر، مەنيېشىمغا ماس كەلمەيدىغان ئارزۇ-خىياللىرىم ۋە ئەشۇ گۆدەكلىك...

     ئەسلىمەمنىڭ باش قەھرىمانلىرى، نەدە سىلەر؟

     

        بالىلىق دەۋرىمدە شىرىن ئەسلىمىلەر بولغانمۇ يوق؟
        مېنىڭچە شىرىن بولسۇن-بولمىسۇن بەرىبىر، مەن يېشىمغا ماس كەلمەيدىغان ئارزۇ-خىياللىرىم ۋە ئەشۇ گۆدەكلىكىمدىكى ئېسىمگە ئالالىغان ھەر بىر كىچىك ۋەقەلىكتىن شۇنچىلىك ھوزۇر ھىس قىلىمەن...
       بىز مەكتەپكە ماڭغاندا كىنوخانىنىڭ يېنىدىكى تار ئىككى تەرىپى ئورمان بەلبېغى بىلەن قورشالغان يولدا قويلىرىنى بېقىپ ، قىز دوستىدىن كەلگەن قىڭغىر-سىڭغىر يېڭى يېزىق سالام خەتنى بىزگە ئوقۇتۇپ خوشاللىق تاپىدىغان مالچى بەكرى مايماق كۆرۈنمىگىلى ئۇزۇن بولدى.
        گەرچە شاياردىكى كىنوخانىنىڭ كەينى بىلەن شەھەر ئۆستەڭ ئارىلىقىدىكى بەكرى مايماقنى دائىم ئۇچرىتىدىغان ، ئىككى تەرىپىدە ئىگىز ئاق تېرەكلەر بار ھېلىقى كوچا، ئاللىبۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئۆزگىرىپ سۈنئىلىك پۇراپ تۇرىدىغان مەيدانغا ئايلاندۇرۇلغان، شۇ يەردىن ئۇرۇقچىلىق پونكىتىغا ماڭىدىغان يولنىڭ سول تەرىپىدىكى بىز «خىتو چەنجىن» ئوينايدىغان جايلار ، ۋاللەي ئوينايدىغان كەڭرى مەيدانلار ئاللىبۇرۇن قەۋەتلىك بىنالارغا ئورۇن بوشاتقان بولسىمۇ ئەمما ، ئىلگىرى ئاقئېرىق بوز كەنت دىيىلىدىغان ، شەھەرگە تۆت كىلومېتىر كېلىدىغان يېزا ۋە ئۇ يەردىكى قەبرىستانلىق، قەبرىلەرنىڭ كۆپىيپ قالغىنىنى دىمىسە ئۆزگىرىش ياسىغاندەك ئەمەس.
         كوچىلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ۋايىم يەپمۇ كەتمەيمەن. مۇھىت قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تارىمنىڭ سۈيىنىڭ ئازلاپ كېتىشى، توغراقلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشى، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىدەك چوڭ مەسىلىلەر كەيپىمنى بىۋاستە بۇزالمايدۇ. مېنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم بىز كىچىكىمىزدە بىللە ئوينايدىغان، سەبى ۋە مەقسەتسىز دوسلۇقىمىز ئۈچۈن چوڭلاردىن ئەيپلەشلەرنى ئاڭلاپ تۇرساقمۇ، بىرىنىڭ ياپون ئەسكەرلىرى ۋە شۇلار تەسۋىرلەنگەن ئۇرۇش رەسىملىرىنى ئوخشىتىپ سىزىدىغانلىقى، ئاچىسى دوختۇر يەنە بىر ئىگىز دوستىمىزنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ بالىمىزنىڭ بويى ئىگىز بولسۇن دەپ كۈندە كالتىسى بېرىدىغانلىقى، يەنە بىر دوستىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ كىنوخانا ئىچىدە بولغانلىقى تۈپەيلى كىنونى بېلەت ئالماي كۆرىدىغانلىقىمىز دىگەندەك زادى قىيالمايدىغان، «ئاتۇقچىلىقلىرى» مېنى ئۇلارغا ھەۋەس، قىيالماسلىق ۋە ئامراقلىققا باشلايتتى.
       بالىلىق دەۋرىمدىكى ئاشۇ دوستلىرىمنىڭ گاھىلىرى مېنىڭ ئالدىراش تۇرمۇشۇم، جىددى خىزمىتىم، كەسكىن ئەخلاقىم تۈپەيلى مەندىن بېزىپ كەتتتى، بەزىلىرى ھەتتا مەن بار يەرگىمۇ كېلىش ئېغىر كېلىدىغان دەرىجىدە يىراقلىشىپ كەتتى.
        ئەسلىسەم ھازىرمۇ كۆزۈم قىيمايدىغان شۇ بالىلىق دەۋردىكى دوستلىرىمنىڭ بۈگۈنكى ھال ئەھۋالى، سادىر قىلغان سەۋەنلىكلىرىدىن قەتئى نەزەر شۇ 30يىل ئىلگىرىكى تېگى-تەكتى ۋە ئىقتىدارى سۈرۈشتۈرۈلمەيدىغان، ئورۇن مەۋجۇت بولمىغان، پۇلنىڭ نىمە ئىكەنلىكى ئەسلا نەزەرگە ئېلىنمايدىغان ساماۋى دوستلۇقنى سېغىنىمەن. بەلكى شۇ چاغدىكى دوستلىرىمىزنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئېسىدە ئۇ كۈنلەر قالمىغاندۇ، يەنە بەلكى ئۇ دوستلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە 5-6 ياش چاغلاردىكى ئەسلىمىلەرنىڭ تارتىشقۇدەك بىر-يېرى يوقتۇ...
       بىراق مەن بەزىلەرنىڭ ئۆتكەن كۈنلەر تىلغا ئېلىنغاندا مازاق قىلغاندەك كۈلۈشۈپ قويغانلىقىنى كۆرگەن بولساممۇ، ھىسىياتىنى يوقاتقان، تەۋەككۈلچىلىك ۋە ئەسلىمىنىڭ ھوزۇرىدىن قۇرۇق قېلىپ تەپەككۈرى توختاپ قالغان بالىلىق ئەسلىمىلىرىمنىڭ باش قەھرىمانلىرىنى زادىلا كۆڭلۈمدىن چىقىرىۋېتەلمەيمەن.
       بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، 30 يىل ئىلگىرىكى ئەشۇ دوستلار بىلەن پۇل ياكى مەرتىۋىنىڭ گېپى بولۇنماي تۇرۇپ، ئىچىملىك ياكى تاماق ئارلاشتۇرماي تۇرۇپ بىر ساياھەتكە چىقىپ باقساق، بىرىمىزنىڭ ئېسىدە قالغان، يەنە بىرىمىز ئۇنتۇپ كەتكەن ، ھازىر گۈزەل بىلىنگەن ئەشۇ كىچىك كارتىنلارنى بىر-بىرىمىزنىڭ ئېسىگە سېلىشىپ «راست شۇنداق بولغان»، «ھە يادىمغا كەلدى...» دىيىشىپ تازا بىر ھوزۇر بىلەن كۈلۈشىۋالساق، ئەسلىمىمىز ئىچىدىن بىز ئۇنتۇغان ياكى سەل قارىغان تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىنى، پەقەت بالىلاردىلا بولىدىغان مەقسەتسىز دوستلۇق، سەمىمى ياردەمنى ھىس قىلىشنى قايتىدىن ئۆگىنىۋالساق، ھايات مۇساپىمىزدىكى ئالدىراش تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىمىزگىمۇ بىر ئورتاق ھىس قىلغۇچىنى كۆپەيتىۋالساق ...

        مەن بەش ياشتىلا مەكتەپكە كىرگەن، باشلانغۇچ مەكتەپتە مېنىڭ يېشىم سىنىپ بويىچە شۇنداقلا بىرگە ئوينايدىغانلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئەڭ كىچىك ئىدى، ۋاللەيدىن تارتىپ ياڭاق ياكى گەگەي ئويناشقىچە ھەممىنىڭ كەينىدە قالاتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاكام بىلەن پاراللىل بولغاچقا ئاكام ئويۇن ئوينىسا مەن سومكىنى تۇتۇپ يانداسائەت-سائەتلەپ قاراپ تۇراتتىم-دە، دائىم ئاكامنىڭ دوستلىرى ئارىسىدا قوشۇمچە پىرسۇناژ بولۇپ قالاتتىم. شۇڭلاشقىمىكىن بالىلىقتىكى دوستلىرىمىز مېنى ئەسكە ئالماقچى بولسا ھە توغرا ھېلىقى سىراجىدىننىڭ ئۇكىسى دەپ ئەسكە ئالاتتى، بەلكىم مەن بالىلىقتا دائىم قوشۇمچە پىرسۇناژ بولغاچقا ئەسلىمەمدىكى باش قەھرىمانلارغا ھازىرغىچە ھەۋەس قىلسام كېرەك. بەلكىم مەن باش قەھرىمانلارغا ھەۋەس قىلغاچقا ھازىرغىچە باش قەھرىمان بولۇش ئىستىكىمدىن ۋاز كەچمىگەن بولسام كېرەك...

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-30 15:20:39]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بەكرى مايماق شايار