زوردۇن سابىر ۋە شاھمات

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-14 16:16:10

شاھمات ئويناش يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن سىرىتقى كۆڭۈللۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى، يازغۇچى زوردۇن سابىر سابىق ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىنىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن تارتىپلا شاھمات ئويناشقا قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان بول

     
    زوردۇن سابىر ۋە شاھمات


    ئابدۇرېشىت ئوسمان
     
      شاھمات ئويناش يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن سىرىتقى كۆڭۈللۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى، يازغۇچى زوردۇن سابىر سابىق ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىنىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن تارتىپلا شاھمات ئويناشقا قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە بۇ ھەۋىسىنى تاشلىماي كەلگەن.
       ئەدىب ماخمۇت مۇھەممەت «قەلبىمدىكى زوردۇن سابىر» ناملىق ئەسلىمە كىتابىنىڭ 26-بىتىدە يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ شاھمات ھەۋىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بىزنىڭ 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەينى يىللاردا شاھمات ماھىرلىرى  كۆپ بولىدىغان. ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ئاپتونۇم رايۇن، ئوبلاسىت، شەھەر بويىچە تونۇلغان. ھەتتا مەملىكەتلىك خەلقئارالىق شاھمات مۇسابىقىلىرىگە تاللىنىپ قاتناشقانلارمۇ بارئىدى. شۇلار قاتارىدا كۆپچىلىك زۇردىنكامنىمۇ ئۇستا شاھماتچى دەپ تونۇيتتى. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلىنىپ تاكى 1979- يىلى ئۇ ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەتكۈچە بولغان يىللاردا مەكتەپ ھويلىسىدا، ئۆز ئۆيىدە، مەكتەپكە يېقىن كوچا دوقمۇشلىرىدا زوردۇنكامنىڭ شاھمات ئويناپ ئولتۇرغىنىنى تالايلاپ كۆرگەنىدىم.
    زوردۇننىڭ شاھمات ئوينىغىنىنى كۆرگەندىنمۇ شاھمات ئوينىغاندا قىلىدىغان سۆزلىرىنى ئاڭلىغان قىزىق،-دېگەنىدى 2 -ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سابىق خوجىلىق بۆلۈم خىزمەتچىسى ئەھەتجان ئاكا بىر ئەمەس، بىر نەچچە قېتىم.
     دېمىسىمۇ زوردۇنكام شاھمات ئوينىغاندا بۆلەكچىلا بىر ئادەمگە ئايلىناتتى. شاھماتقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ، جان-جەھلى بىلەن جەڭ قىلاتتى. قولىمۇ، ئېغىزىمۇ جىم تۇرمايتتى. رەقىبىنى ئۇتۇش تەرىپىگە ئۆتسە ناخشا ئېيتىپ ھە دەپ قىزىق گەپلەرنى تۆكەتتى. مۇبادا ئۇتتۇرۇشقا يۈزلەنسە ‹ۋاھ، ئىتىنىڭ پېچكىسىنى قارا !›، ‹نەگە بارىدۇي مونۇ چوشقىنىڭ توركىسى!› دېگەندەك گەپلەرنى ياغدۇرۇپ، رەقىبىنى تېرىكتۈرۈپ، ئەتراپتىكى تاماشىبىن، ‹چاپانچى› لارنى  كۈلدۈرەتتى.
    يۈرۈڭلار، زوردۇن ئەپەندى شاھمات ئويناۋاتىدۇ، گېپىنى ئاڭلايمىز،-دېيىشكەنلەرنى نەچچە قېتىم كۆرگەنىدىم.
     زوردۇنكامنىڭ ئۈرۈمچىدە شاھمات ئويناۋاتقان چېغىدا تاماشا كۆرۈپ، گەپلىرىنى تولا ئاڭلىمىغان بولساممۇ، ئەمما خىزمەت بىلەن ئۈرۈمچىگە بارغان چاغلىرىمدا ئۇنىڭ ئىتتىپاق تىياتىرنىڭ ئالدىدىكى شاھماتچىلار سورىنىدا بېرىلىپ شاھماتقا قادىلىپ ئولتۇرغىنىنى نەچچە رەت كۆرگەنىدىم. ئىشىنىمەن ئۈرۈمچىنىڭ شاھمات مەستانىلىرىمۇ ئۇ زاتنىڭ شاھمات سورۇنىدىكى مەنىلىك، قىزىق چاقچاق، پاراڭلىرىنى زۇقلىنىپ ئاڭلاشقاندۇر .
               يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ شاھمات ھەۋىسى توغرىسىدا يەنە ئۆمەر ئابدۇخالىق ھاجىم «ئىلى دەرياسى»  ژۇرنىلنىڭ 2009-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلغان «غۇلجىدىكى شاھماتچىلار» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قورۇسى ئالدىدا 1970-1975-يىللاردا بىر كارىدورلۇق بىر قەۋەتلىك ئولتۇراق ئۆي بار ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى مەرھۇم زوردۇن سابىر ئاكا، ئابدۇراخمان قاھار ئاكا، يارمۇھەممەت ئاكا، ئەركىن خوجايوفلار شاھمات ئوينىشاتتى. مەن ئارىلاپ بېرىپ ئوينايتتىم».
         يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ شاھمات ھەۋىسى توغورلۇق بىر سۆھبەتتە غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرېھىم سادىق مۇئەللىم سۆز ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «1988-يىللىرى شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتتېدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا شاھماتقا بەك ھەۋس قىلاتتىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ‹ئۈرۈمچى ئىتتىپاق تىياتىرىنىڭ ئالدىدا شاھماتخانا ئېچىلىپتۇ› دېگەن خەۋەرنى ساۋاقداشلىرىمدىن ئاڭلاپ، خۇشاللىق ۋە تەققازالىق بىلەن دەم ئېلىش كۈنىنى كۈتتۈم. ئاخىرى بۇ كۈنمۇ يېتىپ كەلدى. ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن ئالدىراپ–تىنەپ ئىتتىپاق تىياتىرخانىسىغا قاراپ يول ئالدىم. بەك بالدۇر كېلىۋالغاچقا شاھماتخانىدا ئادەم ئاز ئىكەن، مەن ئۇدۇللا كەلگەن بىرى بىلەن شاھمات تىزدىم، ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيمەن بىر چاغدا يېنىمدا ئولتۇرغان بىرەيلەن ‹بالىموي، ئات ئويناشقا بەك ئۇستا ئىكەنسەن، ئىلىلىق ئوخشىمامسەن!› دېدى. پۈتۈن دىققىتىم بىلەن شاھمات ئويناۋاتقان بولساممۇ، بۇ ئادەمنىڭ ھەم يېقىملىق ھەم يۇمۇرلۇق بۇ گېپى مەندە بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلدى. بۇ بىر قول شاھماتمۇ ئاخىرلاشتى . شۇندىلا مەن يېنىمدىكى بايا ماڭا گەپ قىلغان ئادەمگە سەپسالدىم. يۈزىنىڭ يېرىمىنى بىر ئالىدىغان كۆزەينەك تاقىغان، قويۇق بۇرۇتلۇق، دوغلاقىنا كەلگەن 50 ياشلار چامىسىدىكى بۇ ئادەم ماڭا يەنە ‹كىچىكلا بالا ئىكەنسەن، شاھماتنى بەك ئوبدان ئوينايدىكەنسەن› دەپ مېنى ماختاپلا كەتتى، كېيىن شۇ شاھماتخانىدا بۇ ئادەم بىلەن پات-پات ئۇچرىشىپ قالىدىغان بولدۇق. ئۇنىڭ يۇمۇرغا باي سۆزلىرى، شاھمات ئويۇنىدىكى كەڭ قورساقلىقى، ئۇتسۇن–ئۇتمىسۇن ئويۇن چىقىرىپ ئويناشقا ئامراقلىقى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. تاسادىپەن بىر كۈنى بۇ ئادەم بىلەن شاھمات ئويناپ قالدىم، ئويۇن تولىمۇ كۆڭۈللۈك داۋام ئەتمەكتە ئىدى. بىر چاغدا بىرسىنىڭ ‹ھوي، زوردۇن! سەن بۇ بالا بىلەن خاتا ئوينىدىڭ، بۇ بالا ئالدىنقى كۈنى رەخمىتۇللا جارىنى ئۇتىۋالغان. سەن دېگەن تونۇلغان يازغۇچى، كىچىك بالىغا شاھماتتا ئۇتتۇرۋېتىپ يۈزۈڭ چۈشۈپ كەتمىسۇن يەنە!› دەپ چاقچاق قىلدى. مەن شۇندىلا مەندە چوڭقۇر ھۆرمەت تۇيغۇسى قوزغىغان ئالدىمدىكى بۇ ئادەمنىڭ ساۋاقداشلار ئارا دائىم گېپىنى قىلىشىدىغان، ئەسەرلىرىدىكى پېرسۇناژلارنى بىر–بىرىمىزگە تەقلىد قىلىپ شۇ پېرسۇناژلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىشىدىغان، شىنجاڭ ئونۋېرىستېتىنىڭ ئەدەبىي مۇھاكىمە سورۇنلىرىدا ئىسمى كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان مەشھۇر يازغۇچى زوردۇن سابىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم.»
      يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ شاھمات ئويناش ماھارىتى خېلى يۇقىرى بولۇپ، 1988-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياشانغانلار تەنتەربىيە جەمئىيتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك شاھماتچىلار جەمئيىتى ئويۇشتۇرغان پىشقەدەملەر شاھمات تەكلىپ مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن.
    يازغۇچى زوردۇن سابىر يەنە ئامما ئىچىدە شاھماتنىڭ ئومۇملىشىغا قارىتا خېلى كۆرىنەرلىك ئەجىر–مېھنەت قىلغان. يەنى 1984-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيتى شىنجاڭ شۆبىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تېلېۋىزىيىدە شاھمات بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان پروگرامما تەسىس قىلغان، شۇ چاغدا يازغۇچى زوردۇن سابىر بۇ پروگراممىنى ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن قوللاپ–قۇۋۋەتلەپ، تېلېۋىزىيىدە شاھمات بىلىملىرىدىن لېكسىيە سۆزلىگەن. 
         يازغۇچى زوردۇن سابىر گەرچە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ئالدىراش بولسىمۇ، شاھماتقا بولغان ئوتتەك ھەۋەس، قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ھەر دەرىجىلىك شاھمات مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىش پۇرسىتىنى يەنىلا قولدىن بەرمىگەن. ئۇ 1991-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياشانغانلار تەنتەربىيە جەمئىيتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك شاھماتچىلار جەمئىيتى ئويۇشتۇرغان شاھمات مۇسابىقىسىدا چوڭلار گۇرۇپپىسى بويىچە 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن.
    شاھمات يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ دوستلۇق رېشتىسى بولغان. يازغۇچى زوردۇن سابىر تۇرمۇش ئۆگىنىش ئۈچۈن ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ جاي–جايلىرىغا بارغاندا، يېڭى تونۇشقان كىشلەر بىلەن پۇرسەت تاپسىلا شاھمات ئوينىغاچ مۇڭداشقان، سىرداشقان، شاھماتقا بولغان ئورتاق ھەۋەس، قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسى بىلەن نۇرغۇن كىشلەر بىلەن دوست-ئاغىنە، ئاكا-ئۇكا بولۇشقانىدى.
    مۇتەللىپ سېيىت «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلغان «زوردۇن سابىر ۋە مەكىت» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: « ..... زوردۇن سابىر مەكىتكە كېلىپ، بىر ھەپتە بولماي تۇرۇپ، ياسىن قاسىم، ئوبۇل ئاقچى، ھەسەنجان، مەمتىمىن قاتارلىق ئون نەچچە شاھمات ماھىرلىرى بىلەن تونۇشۇپ دوست بولدى.»
      شاھمات يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ مەنىۋى ئوزۇقى بولغان، يازغۇچى زوردۇن سابىر مەيلى قەيەردە بولسۇن جاپالىق ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ھارغان، چارچىغان ۋاقىتلىرىدا مۇڭداش، دىلكەش، سىرداش دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن شاھمات ئويناپ، ھاردۇق چىقارغان، مەنىۋيىتىنى بېيىتقان، كەيپىياتىنى تەڭشىگەن. 
     «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ پىشقەدەم مۇھەرىرى يازغۇچى سىدىق تۇرسۇن سادىرۇف ئاكا يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ شاھمات ھەۋىسى ھەققىدە بولۇنغان بىرقېتىملىق سۆھبەتتە مۇنداق دېگەنىدى: «زوردۇن سابىر شاھمات ئويناشقا بەك ئامراق ئىدى، ئۇ غۇلجىغا كەلسىلا ئۆيۈمگە كەلمەي قالمايتتى. ئىككىمىز قىزىق پاراڭ، لەتىپە، يۇمۇر-چاقچاق بىلەن شاھمات ئويناپ كۈننى كەچ قىلىۋىتەتتۇق. ‹ئانا يۇرت› تېرلوگىيىسىنىڭ ئاخىرقى تومىنى غۇلجىدا جىددى يېزىۋاتقان كۈنلىرىمۇ ماڭا ئالايىتەن تېلېفون قىلىپ، ئۆزى تۇرۋاتقان بىزنىڭ مەھەللىنىڭ دوقمىشىدىكى شاۋكەت ئابدۇش ھاجىم بىناسىدىكى مېھمانخانغا چاقىرىتاتتى. ئىككىمىز سائەتلەپ شاھمات ئويناتتۇق. شاھمات ئوينىغانسىرى ئۇنىڭ جاپالىق يېزىقچىلىقتىن ھارغان، چارچىغان زېھنى ئېچىلىپ، كەيپىياتى كۆتۈرلۈپ، باشقىچىلا روھلىنىپ قالاتتى.
       بىر يىلى زوردۇن ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا كەلگەندە، تەھرىر بۆلۈمىمىز ئاچقان يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندىن تارىغان چاغدا، تەھرىر بۆلۈمىدىكى خادىملار زوردۇننى تاماققا تەكلىپ قىلىشتۇق. زوردۇن رەھمەت، ھەشقاللا ئېيتىپ ئۇنىماي تۇرۇۋالدى. يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر زوردۇنغا: «زوردۇنكا، بىز سىزنى ئىدارىنىڭ پۇلىغا مېھمان قىلمايمىز، ئۆزىمىزنىڭ پۇلىغا مېھمان قىلىمىز!» دېسىمۇ ئۇنىمىدى. ئاخىرى مەمتىمىن ھوشۇر :«زوردۇنكا، سىدىق تۇرسۇن بىلەن بىر قول شاھمات ئويناڭ، كىم ئۇتتۇرۋەتسە شۇ مېھمان قىلسۇن!» دېدى . شۇنىڭ بىلەن زوردۇن بىلەن بىر قول شاھمات ئوينىدىم. زوردۇن مېنى شاھماتتا ئۇتىۋالدى، ئۇنىڭ ناھايىتى خۇشال بولغان ھالدا ئېيتقان: «سىدىق، ماڭا قەستەن ئۇتتۇرۇپ بېرىپ، ماۋۇ ئاغىنىلەرنىڭ ئالدىدا خېلى ئىناۋىتىمنى قىلدىڭ-ھە!› دېگەن گەپلىرى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە تۇرۇپتۇ «. 
    شاھمات يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئالىي مەكتىپى بولغان. بىر يازغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە مول تىل بايلىقى بىلەن باي خىيال- تەسەۋۋۇر يازغۇچىنىڭ كۈچلۈك بىر جۈپ قانىتى. يازغۇچى مانا بۇ كۈچلۈك قاناتقا تايىنىپ تەپەككۇر ئالىمىدە پەرۋاز قىلىپ، گۈزەل ھېسلارغا چۆمۈلىدۇ. يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئېسىل ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى شاھمات بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. 
    يازغۇچى زوردۇن سابىر دائىم شاھمات ئويناش ئارقىلىق زېھىن بۇلىقىنى ئاچقان، ئەستە تۇتۇش، تەسەۋۋۇر قىلىش، تەپەككۇر قىلىش قابىليەت-ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن. 
       شاھمات يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ خاراكتېرىنى تاۋلاش ئوچىقى بولغان. يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ناھايتى ئېسىل بولۇپ، ئادىمىيلىك ئەخلاق-پەزىلەتكە ناھايتى باي. يازغۇچىنىڭ بۇ خىل مىجەز-خاراكتېرىنىڭ يىتىلىشى يەنىلا شاھمات بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىكتۇر. يازغۇچى زوردۇن سابىر شاھماتكە بولغان ئوتتەك ھەۋەس، قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىدە ئالىي پەزىلەت، قەيسەر، تەمكىن، ئېغىر-بېسىق، خۇشپىئىل ياخشى بولغان خاراكتېرنى يىتىلدۇرگەن. يەنە ئۆز نۆۋىتىدە تەدبىرلىك، پاراسەتلىك، ئىرادىلىك بولۇپ يېتىشىپ چىققان.        
    («شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 2012–يىللىق 10–سان)
    مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.