كۈندىلىك خاتىرلىرىم

يوللىغۇچى : sahrakizi يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-23 12:07:09

ئەسلىمىلىرىم ئىپار شۇ كۈنى سەھەر، ئورنۇمدىن شۇنداق يىنىك تۇرۇپتىمەن ئاستا دەرىزە چۈمپەردىسىنى قايرىپ دەرىزىنى ئاچتىم. پاھ نىمە دىگەن سالقىن ئىللىق شامال مەن مەيىن شامالدىن قانغۇچە ھوزۇرلا...

      ئەسلىمىلىرىم

    ئىپار

       شۇ كۈنى سەھەر،  ئورنۇمدىن شۇنداق يىنىك تۇرۇپتىمەن ئاستا دەرىزە چۈمپەردىسىنى قايرىپ دەرىزىنى ئاچتىم.  
      پاھ نىمە دىگەن سالقىن ئىللىق شامال مەن مەيىن شامالدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندىم. ھەم چوڭقۇر  خىيال دېڭىزىغا چۆكتۈم. مەن نىمىشقا باشقىلارنىڭ بالىلىرىدەك ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايمەن دىگەندەكلەنى ئويلايتتىم . چۇنكى ئۆيىمىزنىڭ ئەھۋالى دىگەندەك ياخشى بولمىغاچقا مىنى ئانام باشلانغۇچ 6-يىللىققا چىققاندا ئۇكاڭغا قارايسەن دەپ  مەكتەپتىن توختىتۋالغان  ئىدى.
        ئانام ئۆزى بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى تۇرۇپ نىمىشقا مىنى مەكتەپتىن توختۇتىۋالىدىغاندۇ؟ دىگەنلەنى ئويلاۋاتقىنىمدا توساتتىن ئانامنىڭ مىنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن خىيال دېڭىزىدىن دەرھال چۈچۈپ ئويغاندىم. يۈگۈرۈپ چىقسام ، ئانام :
         -بالام ئەسلىدە سىنى مەكتەپكە بارماي  ئۇكاڭغا قارىسۇنمىكىن دىگەن، بىراق ئويلاپ باخسام ئوقۇمىساڭ كەلگۈسىدە مىنى ئوقۇتماپسەن دەپ مەندىن رەنجىپ  قالغۇدەكسەن ، بۈگۈندىن باشلاپ مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشۇڭنى داۋاملاشتۇرىسەن- دىدى.
        مەن قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم چۈنكى مەن ئوقۇشتىن پۈتۈنلەي ئۈمۈدىمنى ئۈزگەن ئىدىم. مەن ئورنۇمدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتىم ،:
       - جېنىم ئانا سىزگە  رەخمەت ، ماڭا يېڭى ھاياتلىق يولى ئاتا قىلدىڭىز ، مەن ياخشى ئوقۇپ  سىزنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمۈدىڭىزنى ئاقلايمەن دەپ خوشاللىق ياشلىرىمنى سۈرتتىم دە ئانامنىڭ:- چېيىڭنى ئىچۋېلىپ ئاندىن مەكتەپكە بارساڭمۇ كىچىكمەيسەن دىگەنلىرىگىمۇ قارىماي ئۇچقاندەك مەكتەپكە يول ئالدىم.
      مەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگىنىمدە ساۋاقداشلىرىم تۇشمۇ تۇشتىن مىنى ئورىۋېلىشتى. چۈنكى مەن ساۋاقداشلىرىم بىلەن بەش يىل بىر سىنىپتا ئوقۇپ بىلىم تامچىلىرىدىن ھوزۇرلانغان ئىدۇق. بولۇپمۇ ئۇلار مېنىڭ ناخشامنى بەكمۇ ياختۇرۇپ ئاڭلايتتى، ئۇلار ياختۇردىغان ناخشىلارنى ھەر دائىم ئېيتىپ بېرەتتىم، ماڭا جۆر بولىدىغان يەنى بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى. ئىككىمىز ناھايىتى ماسلىشاتتۇق.
       مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلدىغان پائالىيەتلەردە ھەر دائىم بىرىنچى بولۇپ مۇكاپاتلىناتتۇق  . ساۋاقداشلىرىم مىنى قولۇمدىن يىتىلىگىنىچە سىنىپىمىزغا ئەكىرىپ ، يېڭى باشتىن مەكتەپكە قايتىپ كەلگەنلىكىمنى تەبرىكلەشتى. شۇنىڭ بىلەن يېڭى ئوقۇش ھاياتىم قايتا داۋاملاشتى.


     

    ***


    بارلىق ساۋاقداشلار ئۆزلىرنىڭ ئارزۇلىرى بويىچە،  مەنمۇ ئۆز ئارزۇيۇم بويىچە ئىمتىھانغا تىزىملاتتىم .ساۋاقداشلار ئىچىدە پەقەت مەنلا ئىشچى تېخنىك مەكتىۋىگە ،قالغانلىرى بولسا ئوتتۇرا تېخنىكومغا تىزىملىتىشتى .مانا ئىمتىھان بېرىش ۋاختىمۇ تېزلا يىتىپ كەلدى ،بىر ۋاقىتتا ھەممىمىز يۈكسەك نىشان ئارزۇلار بويىچە ئىمتىھان بەردۇق .مانا مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن ئىمتىھان نەتىجىسى چىقتى دىگەن خەۋەر بىلەن ھەممىمىز ئىمتىھان نۇمۇرلىرىمىزنى كۆرگىلى ئىدارىغا  چىقتۇق  .ساۋاقداشلار  ھەمىىسى جىددىلىشەتتى،مىنڭمۇ يۇرىكىم سوقۇشقا باشلىدى كۆزىم نۇمۇر تاختىسىدىكى نۇمۇرلار ئارىسىدىن نەتەجەمنى ئىزدەۋاتاتتى،  توساتتى مەلۇم بىر نۇمۇرغا كۆزىم قادىلىپ قالدى بېششىم پىررىدە قېيىپ كۆزىم قاراڭغۇلاشتى .كۆزىمنى ئاچقۇدەك بولسام يەردە يېتىپتىمەن ھىچكىم يوق .ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرىگىنىمچە قانداق قىلىپ ئۆيگە كەپ قالغانلىقىمنى بىلمەي قاپتىمەن،ئانام ۋاي بالام ساڭا نىمە بولدى دىگەندىلا ئىسىمگە كېلىپ  ،ئانامنىڭ  قوينىغا ئۆزىمنى ئېتىپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتىم .ئانام شۇندىلا ئىشنىڭ تىگى تەكتىنى چۈشەندى.ھىچقىسى يوق بالام  كۆڭلىڭنى يېرىم قىلما  ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەر ئاچ قاپتىمۇ دەپ مىنى بەزلەشكە باشلىدى ،مەن خېلى ۋاقىتلاردىن كىيىن ئەسلىمگە كەلدىم . ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگىنىم ماڭا بەك ئېغىر كەلگەن ئىدى .......   
    كىلەر يىلى بىر ساۋاقدىشىمنىڭ گىپى بىلەن سەنئەت سىنىپىغا كىرىش ئۈچۈن ئىمتىھان بەرگىلى باردىم ، ئىمتىھاننىڭ بىرىنچى شەرتى  ئوتتۇرا تېخنىكومغا ئىمتىھان بەرگەن بولۇش  ئىدى ،ئەستا قانداقمۇ قىلارمەن دىگەنلەنى ئويلاپ تۇرسام ھېلىقى ساۋاقدىشىم ،   بىر ساۋاقدىشىمىز ئىمتىھانغا قاتناشماپتۇ  شۇنىڭ  كىنىشكا نۇمۇرى بويىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ باقامسىزيا دىدى ، مەن ئىككىلەنمەيلا ماقۇل بولۇپ ئىمتىھانغا قاتنىشىپ  ئەلا نەتىجە بىلەن ئىمتىھاندىن شۇ مەيداندىلا ئۆتكەنلىكىمنى ئىمتىھان ئالغۇچىلار ھاياجانلىنىپ جاكالىۋەتتى .شۇنىڭدىن كىيىن مەن ىېلى ۋاققىچە چاقىرىقنامىنى كۈتتىم. چاقىرىقتىن ئەسەرمۇ يوق .

     

                                                                      ***

     

    مەن چوقۇم بىر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتىشىم كېرەك دىگەن مەخسەتتە  سەنئەت ئۆمىكىنىڭ يىتەكچىسى مەرھۇم ئىمىننىياز ئەپەندىمنىڭ مەسلىھەتىنى ئالغىلى ئۇنىڭ ئۆيىگە بادىم ،ئۇ بەك خوش بولۇپ كەتتى چۈنكى شۇ قېتىملىق ئىمتىھان ئالغۇچىلار ئىچىدە  ئۇ مۇئەللىممۇ بار ئىدى.ۋاي كىلىڭ سىزنى قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى . نەچچە ۋاختىن نەلەدە يۈردىڭىز ،مەكتەپتە سىزنىڭ قارىڭىزمۇ كۆرۈنمەيدىغۇ؟دىدى .مەن پاڭڭىدە يىغلىۋەتتىم ھەم ئىمتىھان مەيدانىدىكى باشقا بىرىنىڭ كىنىشكا نۇمۇرى بىلەن ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپ ئىمتىھان بەگەنلىكىمنى  بىرن-بىرلەپ سۆزلەپ بەدىم .مۇئەللىم ماڭا نىمىشقا ئۆزۋاختىدا راس گەپ بىلەن ئىمتىھان بەرمەيسىز ؟ئۆزىڭىز كەتكۈزۈپ قويۇپسىز  ھازىر سىزگە ئوخشاش ئىخساس ئىگىلىرى بەك ئاز ئۇچرايدۇ  ۋاقىتلىق مۇزىكائوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەشنى خالامسىز ؟-دىدى  مەن جېنىم بىلەن دىدىم .شۇنداق قىلىپ يېڭى ئوقۇتقۇچىلىق سەپىرىگە ئاتلاندىم .بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتۇم  .تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا بۇ كەسىپكە قەدەم قويغاچقا سىنىپتا بالىلارنى  باشقۇرۇشتا  ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپ ئىنتىزامىنى   قالايماقانلاشتۇرماسلىقى ئۈچۈن سائەت سائەتلەپ ئۈگۈنۋالغان بارلىق ناخشىلىرىمنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىپ ئۇلارنى بەزلىدىم توختىماي ناخشا ئۆگىنىپ ئۇلارنى شۇ تەرىقىدە  ئاڭلاپ ھوزورلىنىش ،ئۆزى مۇستەقىل ئورۇنداش ،يېڭى ناخشىلارنى ئۈگۈنىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاستىرىتتىن تەربىيەلەپ ماڭدىم......................  
    ئاكامنىڭ بىرساۋاقدىشىىنىڭ خىزمەت ئورنى مائارىپ ئىدارىسىدا بولۇپ بىر كۈنى ئۇ  بىزنىڭ ئۆيىمىزگە  كېلىپ ئاكامغا  بۇ يىل ئوقۇتقۇچىلار تەربىيەلەش مەكتىۋىنىڭ سەنئەت سىنىپىغا بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىكەن سىڭلىڭنىڭ ئىختىدارى بولغاندىكىن  ئىمتىھانغا قاتنىشىپ باخسا قانداق بولا دىگەن ئۈمۈتتە ئۆيىڭگە كەلدىم ئاغىينە دىدى .ياخشى قىپسە  ، ئاغىنەدارچىلىققا يارايسەن   جۇمۇ سەن  دەپ  ئاغىنىسىنىڭ مۈرىسىگە يىنىككىنە بىرنى ئۇرۇپ قويدى .شۇنداق قىلىپ ئۇ مەكتەپكىمۇ ئىمتىھان ئالغۇچى ئوقۇتقۇچىلارنى ھەيران قالدۇرۇپ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ رەسمى 2 يىللىق ئوقۇشقا كىردىم .

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-8-3 3:49:43]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.