بالىلىق ئەسلىمىللرىمدىكى كارتىنلار

يوللىغۇچى : Hatem يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-09 13:37:00

بالىلىق ئەسلىمىللرىمدىكى كارتىنلار 35 ياشقا كىرىپتىمەن، 30 يىل بۇرۇنقى ئازغىنە ئەسلىمىللىرىم غۇۋا كارتىنلار بۇلۇپ بەزىدە كۆز ئالدىمدا نامايەن بولىدۇ:. 1. تاغام تارىم دەرياسىنىڭ ئۇ تەرپىدە قۇملۇ...

    بالىلىق ئەسلىمىللرىمدىكى كارتىنلار

    35 ياشقا كىرىپتىمەن، 30 يىل بۇرۇنقى ئازغىنە ئەسلىمىللىرىم غۇۋا كارتىنلار بۇلۇپ بەزىدە كۆز ئالدىمدا نامايەن بولىدۇ:.

         1. تاغام تارىم دەرياسىنىڭ ئۇ تەرپىدە قۇملۇققا يېقىن جايدا دېھقان ئىدى. تەتىللەردە بىزنى جاڭگالدىكى ئۆيىگە ھارۋىسى بىلەن ئېلىپ كېتەتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا ناھىيە بازىرىدىن تاغامنىڭ ئۆيىگىچە ھارۋا بىلەن ساق بىر كۈندە باراتتۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىم دەرياسىدىن ئۈتۈشكە توغرا كېلەتتى.

          زىمىستان قىش، تاغام ئالدى تەرەپتە سۇغۇقتىن تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ ھارۋىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەيدەۋاتاتتى. ھارۋا تارىم دەرياسىنىڭ قاق ئوتتۇرسىدا مۇز ئۈستىدە كېتىۋاتاتتى، مەن يوتقان ئىچىدىن بېشىمنى چىقىرىپ دەريانىڭ ئۈستۈن تەرپىگە نەزەر سالدىم: كەچ كىرىپ قۇياش ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇراتتى، قۇياش غايەت زور ھالدا يىراقتا مۇز ئۈستىگە كاسىسىنى قويغان ئىدى. شۇندىن كېيىن قۇياشنىڭ شۇ قېتىمدىكىدەك چوڭايغان ھالىتىنى قايتا ئۈچۈرتۇپ باقمىدىم. قۇياشنىڭ كەچكى نۇرىدا پۈتكۈل دەريا قېنىغا بىر كەلگەن مۇزلۇق ئوتتەك قىزىرىپ پارقىراپ كەتكەن ئىدى. دەريا ساھىللىردىكى قۇيۇق قەدىمى توغراق ئورمانلىرىمۇ قىپ- قىزىل ھالدا چاقناپ تۇراتتى. بۇ ئورمانلار بىلەن مۇزلۇق چەكسىز ھالدا ئۇپۇققا تۇتاشقان ئىدى. ئاسماندىن بىر خىل يۈكسەك پاكىزلىقنى ھىس قىلغىلى بولاتتى. ئاندا ساندا بۇلۇتلار قۇياشنىڭ ئاداققى نۇرلىرىدا چوغدەك قىزارغان ئىدى.

    2. ھارۋا ئىنتايىن قۇيۇق توغراق ئورمانلىقى ئارىسىدىكى كىچىككىنە ئەگىرى-بۈگىرى چىغىر يولدا كېتۋاتاتتى. بۇ توغراق ئورمانلىغىنىڭ قۇيۇقلىغىدىن مەن بىز كىتۋاتقان چىغىر يولنىڭ قانداق ئېچىلغانلىغىغا ھەيران قالاتتىم. بۇ يوللار ماڭا ئىنتايىن ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ بىلىنەتتى،  ۋە سۈر ھىس قىلدۇراتتى.

    3. ناھىيە بازىرىدىكى ئۆيىمىزدىن بىر-ئىككى كىلومىتىر كەلمەيدىغان يەردە كەڭ توقايلىق بار ئىدى. مەھەللىدىكى بالىلار ھەر ئەتىگىنى بىرنەچچە قويلىرىنى ھەيدەپ چىقىپ بىرلەشتۈرۈپ شۇ يەردى يايلىتاتتۇق. يالاڭغىداق پۇتلىرىمىزغا ئۇزۇن-ئۇزۇن تىكەنلەر سانچىلاتتى بەزىدە پۇتۇمىزنىڭ ئۈستىدىن تېشىپ چىقاتتى، نەگىدۇر ئوت يېقىپ ئوتنىڭ كۈيۈشىنى تاماشا قىلاتتۇق، چاتقاللار ئارىسىدا ئېغىنىشىپ ئوينىشاتتۇق. باشقىلارنىڭ چارۋىسىنى بېقىپ بىرىپ جان باقىدىغان بەكرى مايماقنى جىلە قىلىپ ئوينايتۇق. لېكىن ئۇنىڭغا ئامراق ئىدۇق، ئۇمۇ بىزگە ئامراق ئىدى.

    4. دوغلاق كەلگەن ‹مەرھۇم› سېرىق پىستەمنىڭ ئەقلىگە ھازىرمۇ ھەيران قالىمەن. كىچىكىمدىكى بۇ پىستەمگە بەك ئامراق ئىدىم، ئۇنى گويا ئاڭلىق مەخلۇق دەپ ھىس قىلاتتىم. ئۇ سۇدىن بەك قورقاتتى، ئۇنى باغلاپ ئۆستەڭدىكى سوغا مەجبۇرى تارتىپ چۈشۈرەتتۇق . توساتتىن ئۇ دەل سۇدا ئۇنى تارتىۋاتقان مېنىڭ بېشىمغا سەكرەپ چۈشۈپ يەنە بىر سەكرەپلا ئۇ قاتقا ئۈتۈپ كېتەتتى، ئۇنىڭ دەسىسشىدىن سۇغا چۈكۈپ كېتەتتىم، تىرناقلىرى بېشىمنى يېرۋېتەتتى. بالىلار قاقاھلىشىپ كۈلىشەتتى، يۈزۈمدىن قان ئېقۋاتقانلىغىغا قارىماي مەنمۇ خوشاللىق بىلەن كۈلەتتىم.

    5. تاغامنىڭ جاڭگالدىكى ئۆيىىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى دۆڭگە چىقىپ ئويناشقا ئامراق ئىدىم. بۇ دۆڭ ئۈستىدە تۇرۇپ چەكسىز كەتكەن قۇيۇق توقايلىقلارنى، ئۇپۇققا تۇتاشقان چەكسىز توغراق ئورمانلىقلىرىنى بىمالال كۆرگىلى بولاتتى. جاھاننىڭ شۇنچە كەڭلىگىگە ھەيران قالاتتىم. ئورماننىڭ ئۇ تەرپىدە نىمە بارلىغىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتىم. بۇ جايدا يەنە قۇياشنىڭ چىقىشىنى ياكى ئولتۇرۇشىنى تاماشا قىلىش بىر خىل ھۇزۇر ئىدى. چۈنكى قۇياش چىققاندىن باشلاپ ئولتۇرغۇچە نەزەر دائىرىڭىزنى ھىچنىمە تۇسۋالالمايتى.

    ھازىر تۇرمۇش قايناملىرىغا غەرىق بۇلۇپ بالىلىقتىكى ئەشۇ ھۇزۇرلۇق كەيپىياتنى ئۇنتۇپ كېتەي دىدىم. ناھىيە بازىرى چوڭىيىپ ئەتىراپتا بوش يەر قالمىدى، ھېلىقى ئۆيىمىزگە يېقىن توقايلىقلار ئورنىدا زاۋۇتلار پەيدا بولدى. قايسى كۈنى قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن بەكرى مايماقنى ئۈچۈرتۈپ قالدىم، ئۇنىڭ بىچارە تۇرقىغا قاراپ ئىچىم سېرىلدى. ئىلگىرى ناھىيە بازىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تۇنۇش بىلىنەتتى ، ھازىر قاياققا قارىساق ناتۇنۇش چىراي، ناتۇنۇش ئۆيلەر....بىچارە بەكرى مايماق ناتۇنۇش بۇلۇپ كەتكەن شەھەرلىكلەر ئارىسىدا يىگانە بۇلۇپ قالغان ئىدى.

    تارىم دەرياسىنىڭ مەنزىرسىگە ئالاھىدە ئىشتىياقىم بار....بۇ بەلكى بالىلىقتىكى گۈزەل كارتىنلارنىڭ مېڭەمگە ئورناپ قالغانلىغىدىن بولسا كېرەك. ئەشۇ كارتىنلارنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن ھەر قېتىم گۈزەل تارىمنى كۈرۈش ئۈچۈن بارىمەن. بىراق كۆڭلۈم غەش بۇلۇپ قايتىمەن. ئىلگىرىكى بىر كىلومىتىرىدن كەڭ كېلىدىغان دەريا قېنىغا پاتماي ئاقىدىغان ئۇلۇغ سۇ كىچىككىنە بىر ئېرىققا ئايلىنىپ قالغان ، قىشتا دەريا قېنىدىكى ئۇپۇققا تۇتاشقان ھېلىقى مۇزلۇقتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ساھىللاردىكى قۇيۇق توغراقلىق ئۇ يەر بۇ يەردە چېچى بار تازنىڭ بېشىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. ئاسماندىن بىر خىل تۇتۇق پاسكىنا ھاۋانى ھىس قىلغىلى بولاتتى، قىزىل شەپەقلەر كۈرۈلمەس بۇلۇپ كەتكىلى خېلى ئۇزۇن بولغان ئىدى.

    ھېلىقى قۇيۇق توغراقلىق ئارىسىدىكى ئەگرى يوللارنىڭ نەگە كەتكەنلىگىنى بىلگىلى بولمايتى ، ئۇنىڭ ئورنىدا تۈپ- تۈز چوڭ شېغىل يوللار بار ئىدى. ئەتىراپ كەڭ تېرىلغۇ ئېتىزلارغا ئايلانغان بۇلۇپ ئىلگىرى ھېلىقى قۇيۇق توغراق ئورمىنىنىڭ بۇ يەرلەردە مەۋجۇت بولغانلىغىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتى. تاغامنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدىكى ھېلىقى دۆڭمۇ نىمىشقىدۇر پاكارلاپ كەتكەن ئىدى، دۆڭ ئۈستىگە چىقىپ يىراقلارغا نەزەر سالماقچى بولدۇم، بىراق ئىگىز تېرەكلەر نەزىرىمنى تۇسۋالدى، تېرەكلەر ئارىسىدىكى كىچىككىنە يۇچۇقتىن ئۇ يەر بۇ يەردە ئاندا –ساندا قېلىپ قالغان ئازغىنە توغراقلارنى ئاران ئىلغا قىلدىم.كەچتە قۇياش تېخى يەر يۈزىگە چۈشمەي تۇرۇپلا تۇتۇق ھاۋادا يوقۇلۇپ كەتتى. پەقەت ئاقۇش تۇتۇق ئاسمانلا قالدى.

     كوچىلاردا كېتۋىتىپ باشقىلار باققان ئەرمەك ھايۋانلارغا دېققەت قىلىمەن. تۈكلىرىنى ھەررەڭ- سەررەڭ قىرقىپ غەلىتە كىيىم كەيدۈرۈپ قويغان ئەرمەك ھايۋانلار كۈزۈمگە ھايۋاندەك كۈرۈنمەيدۇ. تەببىلىكىنى يوقاتقان بۇ شالغۇت ھايۋانلار كۈزۈمگە غەرىپنىڭ كىنولىرىدىكى پاھىشلەردەك كۈرۈنىدۇ ياكى جانسىز قونچاقلاردەك كۈرىنىدۇ. يېزىلاردا ئاندا-ساندا قېلىپ قالغان يەرلىك پىستىلەردىن ياكى مۈشۈكلەردىن بېقۋالغۇم بار. بىراق بىنا ئۆيۈم ماسلاشمايدۇ. شۇڭا يېزلارغا بارسام بۇ ھايۋانلار بىلەن بىر دەم ‹چاقچاق› قىلىشىپ قويىمەن.

    بالىقىمدىكى ئەشۇ كارتىنلارنى ئۇنتۇپ كېتەلمەيمەن. بىزنىڭ بالىلىق ئەسلىمىللىرىمىز مۇھىت بىلەن ئەنە شۇنداق زىچ يۇغۇرۇلغان، بىز بالىلىقىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ تەبىئەتنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىگىمىزنى چوڭقۇر ھالدا گۆدەكلەرچە تۇنۇپ يەتكەن ئىكەنمىز. بىز ھازىر بالىقىمىزدىن ئايرىلدۇق، ساپ بالىلىق تۇيغۇ-چۈشەنچىللىرمىزدىن ئايرىلدۇق. لېكىن تېخىمۇ مۇھىمى بالىقىمىزدا بىزنى يىتۈشتۈرگەن تەبىئەتتىن ۋە مۇھىتتىن ئايرىلدۇق. ئۇنى ئۇنتۇپ كەتتۇق، تاشلىۋەتتۇق.

     

     

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-30 15:15:07]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بەكرى مايماق شايار