يىلان ۋە بۆرە(ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن)

يوللىغۇچى : siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-26 10:56:25

يىلان ۋە بۆرە ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن قايسى كۈنى باغچىغا كىرگىنىمدە ئىككى نەرسە مېنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى. ئۇنىڭ بىرى يىلان. لەغمەننىڭ پىلتىسىدەك تۈگۈلۈۋالغان بىر يىلان قاتمۇقات كۆرپىنىڭ ئۈس...


    يىلان ۋە بۆرە
    ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن

        قايسى كۈنى باغچىغا كىرگىنىمدە ئىككى نەرسە مېنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى.
        ئۇنىڭ بىرى يىلان. لەغمەننىڭ پىلتىسىدەك تۈگۈلۈۋالغان بىر يىلان قاتمۇقات كۆرپىنىڭ ئۈستىدە ياتاتتى. كىشلەرنىڭ ئۇنى  بەس - بەستە كۆرۈشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان نەرسىمۇ شۇ بولسا كېرەك. يىلاننىڭ زەھەرلىك مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ يەرگە قويۇلۇشىنى  ھايۋانات باغچىسىنىڭ رەڭدارلىقىدىن ئىبارەت ئېھتىياج كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. يىلان قاتمۇقات كۆرپىدە ياتىدۇ. كىشىلەر شۇڭا ئۇنى ھەۋەس بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن بېلەت ئېلىپ باغچىغا كىرىدۇ. يىلاننىڭ كۆرپىدە يېتىشىنىڭ سەۋەبى بەلكىم مۇشۇلىمىدۇ؟

        مېنى ھەيران قلدۇرغان يەنە بىرنەرسە بۆرە بولدى. قاتمۇقات تۈمۈر رىشاتكىغا سولانغان بۆرە زۇلمەت كېچىدىكى چوغدەك يېنىپ تۇرغان كۆزىنى ھەر تەرەپكە تىكىپ، قانداقتۇر بىرنەرسىدىن چۆچۈگەندەك ۋە ياكى بىرەر ئولجىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئېتىلىشقا تەييارلانغاندەك  رىشاتكىنى ئايلىنىپ ھەر تەرەپكە تىت - تىتلىق بىلەن يۈگۈرەيتتى.
        ھەرقانداق ھايۋاننىڭ ئۆزىگە خاس تەبىئىتى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. يىلاننىڭ تەبىئىتى چېقىش. شۇنداق تۇرۇپ ئۇ نېمىشقا كۆرپىگە نائىل بولدى؟ بۇ يەردە «چېقىش» دېگەن ئاتالغۇ يىلانغا نىسبەتەن يات ئۇقۇم. چۈنكى يىلان چاققۇدەك نەرسە بۇ يەردە تېپىلمايدۇ. شۇڭا كۆرپە يىلاننى جەلپ قىلىدىغان بىردىنبىر نەرسە بولغان بولۇشى، يىلانمۇ بۇنىڭغا كۆنۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. باغچا خادىملىرى  يىلاننى خەق كۆرىدىغان يەرگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن ياخىشراق ئامال تاپالمىغان بولۇشى ئېھتىمال.
        ئەمما، بۆرىنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ يېمەكلىرى مول بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەجدادىدىن باشلاپ دالادا خالىغانچە ياشاپ كۆنۈپ قالغاچقا، رىشاتكا ئىچىدە ياشاشقا كۆنمىگەندەك، ھەر سائەت يېتىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھوشيار تۇرۇۋاتقاندەك، پۇرسەت تاپسىلا ئۆزىنىڭ ئەركىن دۇنياسىغا كېتىدىغاندەك  قىلاتتى. رىشاتكىنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا مەخسۇس ئۆي ياساپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا رىشاتكىلىق ھويلىدا گويا قورشاۋدا قالغان گېنېرال نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تىنماستىن تىپىرلاۋاتقاندەك تۆت تەرەپكە يۈگۈرەيتتى. قارىغاندا بۆرە بۇ باغچىغا ئېلىپ كېلىنگىلى خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ تەبىئىتىدىن ۋاز كەچمىگەندەك قىلاتتى.

        شۇنداق، دۇنيادا ئازراق مۈشكۈللۈككە يولۇقسىلا تەبىئىتىدىن ياتلىشىپ، ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىدىغان مىجەز يالغۇز ئادەملەردىلا ئەمەس، بەلكى ھايۋانلاردىمۇ ئۇچرايدىكەن. لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، تەبىئەتكە (قانۇنىيەتكە) خىلاپ ھەرقانداق ئىشنىڭ توغرا نەتىجە بەرمەيدىغىنى بەرھەق. بۇنداق قىلىش ھامان ئەسلىدىكى مەۋجۇتلۇق  ۋە ئېقىمغا تەتۈر تاناسىپ بولغاچقا، ئۆزىنىڭ تراگېدىيسىگە ئەسلىدىكىدىنمۇ تېز ھامىلىدار بولماي قالمايدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.