رۇيلىدا كېڭىيىۋاتقان ئۇيغۇر قەبرىستانلىقى

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-08 03:18:30

رۇيلىدا كېڭىيىۋاتقان ئۇيغۇر قەبرىستانلىقى رۇيلى جۇڭگو - بىرما چىگرىسىدىكى بىر ناھىيە بازىرى. 3000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشق...

        رۇيلىدا كېڭىيىۋاتقان ئۇيغۇر قەبرىستانلىقى

     

        رۇيلى جۇڭگو - بىرما چىگرىسىدىكى بىر ناھىيە بازىرى. 3000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر. يۈننەن ئۆلكىسىگە تەۋە. يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ باشقا شەھەرلىرىگە تارقالغان 2000-2500 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار. يۈننەن ئۆلكىسىدە جەمئىي 5-6مىڭ ئۇيغۇر بار. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تىجارەتنىڭ مەركىزىدە بىرلا نەرسە بار- خىروئىن. رۇيلى شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا ئۇيغۇرلار كۆپ، بۇ كىچىك ئۇيغۇر شەھىرىدە قەشقەر، خوتەن، كۇچا، غۇلجا، ئۈرۈمچى، تۇرپان... شېۋىلىرىدە سۆزلىشىدىغان توپ-توپ ئۇيغۇرلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. ئاشخانا، دۇكانلاردىن ئۇيغۇرچە مۇزىكا ياڭراپ تۇرىدۇ. كوچىلاردا، مېھمانخانىلاردا، ئاشخانىلاردا... ئەڭ كۆپ ھامىلىدار ياكى بوۋاق بالا كۆتۈرۈۋالغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. ئۇلار رۇيلىدىكى تىجارەتنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغۇچى ئاساسلىق ماتور كۈچى. جۈمە كۈنلىرى ئەزان ئاۋازى ياڭرىشى بىلەن مەسچىتكە جامائەت سىغمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى رۇيلىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمان مازارلىقىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كېڭىيىۋاتقانلىقى. 

       
    خىروئىن تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار رۇيلىنى مەركەز قىلغان يۈننەندىكى 5-6 مىڭ نەپەر ئۇيغۇر بىلەن چەكلەنمەيدۇ. گۇاڭجۇ، شاڭخەي، بېيجىڭ ۋە باشقا جۇڭگو شەھەرلىرىدە، يۇرتىمىزدا ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھەممە شەھەرلەردە خىروئىن تىجارىتى ۋە بۇ تىجارەتنىڭ ئارقا سەپ خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ ئومۇمى سانى 20 مىڭ بىلەن 25 مىڭ ئەتراپىدا. كىچىك ئۇيغۇر بالىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ئېلىپ-سېتىش تىجارىتىمۇ خىروئىن تىجارىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن ۋەزىيەتتە. بۇ تىجارەتنىڭ كىرىمىدىن جېنىنى بېقىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ سانى 100 مىڭ ئەتراپىدا. 
     
    يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە خىروئىن تىجارىتىگە چېتىلىپ جۇڭگونىڭ ھەر قايسى تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر سانى 7000 بىلەن 10.000 ئەتراپىدا.  
    بۇ مەنزىرىلەر ئوكياندىكى مۇز تاغنىڭ كۆرۈنگەن قىسمى. خەرويىن تىجارىتىدىن ئىبارەت بۇ جەڭنىڭ ئالدىنقى سەپتە تۇرۇۋاتقانلار، ھالاكەتكە ئۇچراۋاتقان ئەسكەر، قوماندانلىرى ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئارقىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلىۋاتقانلار، ئاز پۇلغا ئالدانغان ئۇيغۇرلارنىڭ خانى-ۋەيران بولۇشى بەدىلىگە غايەت زور مىقداردىكى بايلىقلارغا ئېرىشكەنلەر ۋە ئېرىشىۋاتقانلار خەنزۇلاردۇر. ئۇلارنىڭ تەشكىلاتچىلىرى ھېچ قاچان تۇتۇۋالمايدىغان، تۇتۇلمايدىغان قارا كۈچلەردۇر. ئىنساننى چۈچۈتىدىغان نۇقتا شۇكى، ئۇيغۇر نوپۇسىنى جىددىي ئازايتىش پروگراممىسىنىڭ كۆپ لىنيەلىك، مىكروسكوپ بىلەن قارىمىسا كۆرگىلى بولمايدىغان، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ئۇسۇل ۋە ۋاسىتىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىدۇر.
     
    رۇيلى دا 6 ئاي ساقچىلىق ۋەزىپىسى بىلەن تۇرغان بىر ئۇيغۇر ياش يىگىت "چېلىشچى" تەخەللۇسى بىلە"خانتەڭرى"تور بېتىدە شۇنداق يازىدۇ؛ "رۇيلىدا بىر گرام خىروئىن 60 يۈەن، كۈنمىڭدا 200 يۈەن، گۇاڭجۇدا 400 يۈەن...5000 ئۇيغۇرىمىز جىنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ، تاغ-داۋانلاردىن ھالقىپ خىروئىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانماقتا. ھەتتا ئۆزى قىلىش بىلەن توختاپ قالماي ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرىنى، ھەتتا، ئاتا-ئانا، پەرزەنت، خوتۇنلىرىنى تارتىپ كىرمەكتە.. رۇيلىدا قىمارنى، پاھىشىۋازلىقنى، زەھەر چېكىشنى چەكلىمەيدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئەڭ چوڭ قىمارخانىسى مۇشۇ شەھەردە. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدىن كەلگەن سەتەڭلەر ۋە بىرمالىق بالا پاھىشىلەر ھەممە يەردە بار. مانا مۇشۇ شەھەردە ھازىر 3000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار. خۇددى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا كېتىۋاتقاندەك ئەتراپىڭىزدىن ئۇيغۇرلار ئۆتۈپ تۇرىدۇ. دوقمۇش-دوقمۇشتىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدىن تارقىلىۋاتقان مەززىلىك تاماق ھىدى، ھەشەمەتلىك رېستورانلاردىكى ئولتۇرۇش-تويلار ئۆزىڭىزنى شىنجاڭدا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ...."  


    İئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەرنىڭ ھەر قانداق بىر شەھىرىدە ئۆي ئىجارە ئالالمايدىغان، مېھمانخانىلاردا ياتاق بېرىلمىگەن ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن رۇيلىدا ئەركىن قويۇۋېتىلىدۇ؟ رۇيلى نېمىشقا ئۇيغۇر شەھىرىگە ئايلاندى؟ رۇيلىدا خىروئىنچىغا شىبلىت تىككەن ئۇيغۇر موزدۇزغا 10.000 يۈەن، خەرويىنچىغا شىم-كاستۇم تىككەن ئۇيغۇر سەيپۇڭغا 10-15 مىڭ يۇئان ئىش ھەققى بېرىلىدۇ، چامىدانچى قول ھۈنەرۋەنلەرنىمۇ بار.(ئاياق ۋە كىيىم، چامادان ئىچىگە خىروئىن يوشۇرىدۇ). ھامىلىدار ۋە قۇچىقىدا بوۋاق بولغان ئاياللار " مال يۆتكەش" ئۈچۈن بىر كۈنلۈك، بىر قانچە كۈنلۈك كىرالانماقتا. ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان بىر كۈنلۈك پۇل، ئۇ، ئاياللار يۇرتىمىزدا بىر يىل ھەتتا ئىككى يىلدا ئىشلەپ تاپالمايدىغان دەرىجىدە كۆپ مىقداردا. مەسچىت، ئاشخانا، مېھمانخانا، مازار…ھەر يەر خىروئىن سودىسى قىلىنىدىغان بازارغا ئايلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ خىروئىن سودىسى قىلىدىغان ئەڭ بىخەتەر بازىرى مەسچىتتۇر. چوڭلۇقى چىلاندەك ئىچىگە زەھەر قاچىلانغان سۇلياۋ قاپچۇقلار، ھامىلىدار ياكى بوۋاق ئېمىتىۋاتقان ئاياللارغا 100 تالدىن كۆپ يۇتتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىمام ياكى قارى-قۇرانلار، ئۇلارنىڭ يولدا تۇتۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇيدۇ، دۇئا قىلىدۇ ۋە يولدا تۇتۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ئايەتلەرنى قولىغا قۇتقۇزىدۇ. ئىش ھەققىنى ئالىدۇ. 14 ياشتىن كىچىك بالىلارغىمۇ 50 تالدىن ئاز بولماسلىق شەرتى بىلەن پۈتتۈرۈلىدۇ. رۇيلىدىكى بارلىق كەسىپلەر خىروئىن تىجارىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. رۇيلىغا يېڭى بارغانلار دەسلەپتە پۇل تاپىدۇ، ھەتتا يۇرتتا قالغان ئائىلىسىگە خېلى كۆپ مىقداردا پۇل ئەۋەتىدۇ. ھەتتا ئۆزلىرى كېلىپ بىردىن باي بولۇشنىڭ سەلتەنىتىنى يۇرت-مەھەللىدە نامايان قىلىپ، كاتتا نەزىرلەرنى قىلىپ، مەھەللە مەسچىتىگە ۋە يوقسۇل ئائىلىلەرگە ئۆشرە-زاكات تارقىتىپ بېرىپ، جامائەتنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ قايتىپ كېتىپ، ئۆلۈكى رۇيلى ئۇيغۇر مازارلىقىدا قالغانلارمۇ بار.   
    رۇيلى ئۇيغۇر مازارلىقىغا ھەر ھەپتە دېگۈدەك بىر-ئىككى ئۇيغۇر دەپنە قىلىنىدۇ. تەقدىرى بىر-بىرىدىن پەرقسىز رۇيلى ئۇيغۇرلىرى، پۇل مەسىلىسىدە بىر-بىرىگە شەپقەتسىز مۇئامىلە قىلسىمۇ، ئۆلگەنلەرنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشتە مۇلايىم، كۆڭلى يۇمشاق، كۆيۈمچان بولۇپ قالىدۇ. جىنازىنى مەھەللىدىن ئېلىپ ماڭغاندا ئاق ياغلىقلىق ئاياللار ھۆڭرەپ يىغلاپ قېلىشسا، بېلىگە (بەزىلىرى بېشىغا) ئاق باغلىۋالغان ئەرلەر جىنازىنى كۆتۈرۈپ، ئۈن-تىۋىشسىز مازارلىققا كېلىدۇ. مېيىت كۆمۈلۈۋاتقاندا بولسا كۆز يېشى تۆكمىگەن كىشى قالمايدۇ. ئۇلار بەلكىم، ئۆلگۈچىگە يىغلاۋاتىدىغاندۇ، بەلكىم ئۆز تەقدىرىگە ئېچىنىپ يىغلاۋاتىدىغاندۇ. لېكىن ئۇلار، شەپقەتسىزلىك ئىچىدە شەپقەت، شەپقەت ئىچىدە شەپقەتسىزلىك يوشۇرۇنغان كۆڭۈل تۇيغۇلىرىنى نەزەرىيىۋى سەۋىيىگە كۆتۈرۈپ تەھلىل قىلالىغۇچىلىك كىشىلەر ئەمەس.  uTgXqL r6  
    ئۆلگۈچىلەر بولسا، مال يۆتكەش جەريانىدا يۇتۇۋالغان سۇلياۋ يېرىلىپ كېتىپ زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلەر ياكى تۈرمىدە ئۆلۈپ قېلىپ جەسىتى بېرىلگەنلەر ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئەتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر.

    ئۆلگەنلەرنىڭ ئورنىغا ۋەتەندىن يېڭى-يېڭى ئۇيغۇر كېلىپ تۇرغاچقا رۇيلىدا ئۇيغۇر نوپۇسى كۆپىيىپ بارماقتا.

    رۇيلىدا تۇتۇلۇۋاتقان، ئېتىلىۋاتقان، مال-مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار بەك كۆپ. ئامما، ئوخشاش تىجارەتنى قىلىپ ھېچ تۇتۇلمايدىغان، ئۆلمەيدىغان، مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنمايدىغان "بەختلىك"ئۇيغۇرلارمۇ بار. بۇ يەر بەزىلەر زەھەر ئىچىدىغان، بەزىلەر زەھەر ئىچكەنلەرنىڭ قېنىنى ئىچىدىغان سىرلىق بىر شەھەرچاق.

    رۇيلىدا ھامىلىدار، بوۋاق ئېمىتىدىغان ئاياللار، قىزلار، بالىلار، ئەرلەر ئارىسىدا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئۆلىدىغان كۈنلىرى يېقىنلىشىۋاتقان كىشىلەرمۇ بار. ئۇلار بىرئاز بولسىمۇ ياشاش ئۈچۈن خىرۇيىنغا موھتاج. بۇ يەردە خىروئىن ئىچەلەيدۇ. ئۆلۈۋاتقان بۇ ئىنسانلار ئۆلۈمنى كۆزگە ئېلىپ "مال يۆتكەش" ئىشلىرىدا ياخشى پۇل تېپىپ قالغانلىرى ئائىلىسىگە پۇل ئەۋەتىدۇ. تۇتۇلۇپ قالغانلىرى ئېتىلىدۇ ياكى سېسىق كامېرلاردا ئۆلۈمنى كۈتۈپ يېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار، پۇل مەسىلىسىدە بىر-بىرىگە شەپقەتسىز بولسىمۇ ئەيدىزلەرنى يەكلىمەيدۇ، خارلىمايدۇ. ئۇلار بۇ مەقسەت بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ، رۇيلى ئۇيغۇر مازارلىقىغا كېتىدىغان كۈنلىرىنى كۈتۈۋاتقان ئۇيغۇرلار.  
    نېمە ئۈچۈن ھامىلىدار، بوۋاق ئېمىتىۋاتقان ئاياللار بۇ يەردە ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە؟ جۇڭگونىڭ قانۇنىدا 50 گرامدىن ئارتۇق خەرويىن بىلەن تۇتۇلۇپ قالغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. بۇ جىنايەت بىلەن تۇتۇلغان ھامىلىدار ۋە 6 ئايلىقتىن كىچىك بوۋاق ئېمىتىۋاتقان ئانىلار، 14 ياشتىن كىچىك بالىلار ئۆلۈمدىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. جەرىمانە ئېلىپ كېپىللىككىمۇ بېرىلىدۇ. كېپىللىك قىلغۇچىسى بولمىسا چوشقا ئېغىلدىنمۇ مەينەت كامېرلاردا ياتىدۇ. شۇı يەردە تۇغىدۇ ياكى تۇغۇتتا ئۆلىدۇ. رۇيلى شەھىرىدە ھامىلىدار ۋە قۇچىقىدا بالىسى بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۆپلۈكىنىڭ سەۋەبى بۇ. ئانىلار تۇتۇلسۇن- تۇتۇلمىسۇن، زەھەر ئاشقازىنىغا كىرگەن ئىكەن، زەھەرنىڭ تەمى قانغا تارقايدۇ. تۇغۇلغۇسى ياكى ئېمىۋاتقان بوۋاق زەھەرلىنىدۇ. ئانىلار بىلمەستىن ئەۋلادىنىڭ قاتىلىغا ئايلانماقتا. رۇيلىدا 60-70 ياشلىق بوۋاي-مومايلارمۇ بار. ئۇلار بەش ۋاقىت ناماز قىلىدۇ. ئۆتۈك-مەسىلىرىنىڭ چەملىرى ئارىسىدا، كىيىملىرىنىڭ ئەستەرلىرىدە زەھەر ساقلانغانلىقىدىن بەزىلىرىنىڭ خەۋىرى يوق.


    بۇ زەھەر تىجارىتى كىمگە ئائىت؟ بۇ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئەڭ چوڭلىرى شياڭگاڭ، ئاۋمېنلاردا ئولتۇرىدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇق ئىچىدە شەكىللەنگەن، تەشكىللىك، يۈرۈشلەشكەن، تور شەكىلدە ئورگانىك ئىشلەۋاتقان بىر مېخانىزمى بار. ئۇلار تۇتۇلمايدۇ، تۇتۇلالمايدۇ. ئەسلىدە بۇنچىۋالا ئۇيغۇرغا ھېچ ئېھتىياجى يوق. ئۇنداقتا بۇ ئۇيغۇرلارنى نېمە ئۈچۈن رۇيلىغا يېغىۋالدى؟ ئۇرۇشتا نىشان ئېزىقتۇرۇش دەيدىغان بىر تاكتىكا بار. تاموژنا، ئەتكەسچىلىك بىلەن كۈرەش قىلغۇچى ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى داۋاملىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن. بىرما بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى يىللىق زەھەر تىجارىتىنىڭ ھەجمى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ يىللىق كىرىمىدىن قانچە ھەسسە كۆپ. زەھەر تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى قارا گۇرۇھ ھەر قېتىم زور ھەجىمدىكى مالنى يۆتكەيدىغان پەيتتە، ئۇيغۇرلاردىن 4-5 نەپەرنى، ھەتتا 10 نەپەرنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردا، ئامما بىرلا قېتىمدا تاموژنىچىلار ياكى ساقچىلارغا يەم قىلىپ تاشلايدۇ. رۇيلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى بىرمالىق يول باشلىغۇچىلارنىڭ ياردىمىدە ھەر كۈنى بىرمىغا بېرىپ كېلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو ساقچىلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ۋاقىتتا مىليارد دولار قىممىتىدىكى زەھەر بىر شەھەردىن باشقا بىر شەھەرگە ساق-سالامەت يۆتكەپ كېتىلگەن بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىدە تۇتۇلۇپ قالماي پۇل تېپىشى ئوقۇغان "ئايەت"نىڭ كۈچى ئەمەس. لاۋبەنلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى رۇيلى شەھىرىدە داۋاملىق ياشىشى ئۈچۈن ياراتقان "شارائىت"ئى. 

      
    رۇيلى ئۇيغۇر مازارلىقى تىز سۈرەت بىلەن كېڭەيمەكتە. ئۆلۈۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا قورساقتىكى بوۋاقتىن 25 ياشقىچە بولغان بالا ۋە ياشلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. رۇيلىدىكى 3000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈم تىزىملىكىگە ئېلىنغان ئىنسانلار.
    İئىچكى ئۆلكىلەردە خىروئىندىن باشقا جىنايەت بىلەن شۇغۇللاندۇرۇلىۋاتقان نارەسىدە ئۇيغۇر بالىلارنىڭ سانى 35-40 مىڭ ئەتراپىدا. جۇڭگونىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە خىروئىن تىجارىتى ۋە باشقا ئىجتىمائىي جىنايەتنى ئۆزلىرىگە كەسىپ قىلغان ھاياتى خەۋپ ئاستىدىكى ئۇيغۇرنىڭ سانى 60مىڭدىن ئارتۇق.  
    بۇ ئۇيغۇرلار قانداق جىنايەتچىگە ئايلىنىپ قالدى؟ نېمە ئۈچۈن؟
    دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ جىنايەتنىڭ مەنبەسى __ ئىشسىزلىق، يوقسۇللۇقتۇر. ئۇيغۇرلارنى يۇرتىدىن ئايرىلىپ، خەتەرلىك، قانۇنسىز تىجارەتلەرگە، جىنايەتلەرگە مەجبۇرلىغان ئامىلمۇ ئىشسىزلىق، يوقسۇللۇق.
    ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ھەر يىلى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىش كۈچى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشماقتا. 2008. يىلى كەلگەن سەييارە ئىشچىنىڭ سانى 1 مىليون 200 مىڭ بولغانلىقىنى ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى ئاشكارىلىدى. 3-ئاينىڭ بېشىدا ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ئىچى ئۆلكىلەردىن ئىش ئىزدەپ كەلگەن ئىشسىزلارنى 24 سائەت ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما، ئۇيغۇرلارغا 24 ئاي، 24 يىل ئىش كۈتسىمۇ ئۆز ۋەتىنىدە ئىش يوق. زاۋوت-پافىرىكىلارنىڭ دەرۋازىلىرى ئۇيغۇرلارغا تاقاق، بىراق تۈرمىنىڭ دەرۋازىلىرى ئوچۇق. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تىرىك ئۇيغۇرغا ئۆي يوق، ئۆلگەن ئۇيغۇرغا گۆر بار. توغرا ئىشقا يول يوق. جىنايەتكە يول بار. بىز ئۇيغۇرلار مەۋجۇت مەسىلىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن كەڭ خەنزۇ خەلقى ۋە دۇنيا مىللەتلىرىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خىتاب قىلىشىمىز لازىم. 
    ئونلىغان ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە، ئۇيغۇر شائىر-يازغۇچىلار، تارىخچىلار، ئوبزورچىلار مىللىتىمىز ئىچىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى، خاتالىقلارنى، جىنايەتلەرنى يېزىپ، ھەتتا چاۋىسىنى چىتقا يېيىپ ۋايىغا يەتمەكتە، مىللەتكە نەسىھەت قىلىپ چارچىماقتا. ئامما تېما ئۇيغۇرلار بۇ ئەھۋالغا قانداق چۈشۈپ قالدى؟ دېگەن سىزىققا كەلگەندە، بارلىق بۇلبۇللار سايراشتىن، بارلىق قەلەملەر يېزىشتىن توختايدۇ. ۋىجدان بۇمۇ؟ مىللەتنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت بۇمۇ؟ مىللىتىمىز تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر، ئەڭ پاجىئەلىك كۈنلەرنى ياشاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆز مىللىتىنى قوغدايدىغان قالقان بولۇشقا تېگىشلىك ئىكەن، ئۇيغۇر خەلقىنى قوغدىنىش قالقىنى قىلماقتا.   
    ئەي، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۈمىدى بولغان زىيالىيلار! سىزنىڭ نارەسىدە بالىڭىز كۆز ئالدىڭىزدا، ئامما سىزنىڭ قېرىندىشىڭىزنىڭ نارەسىدە بالىسى ئىچكى ئۆلكىلەردە جىنايەتچى ياكى جىنايەتچىنىڭ قۇربانى، سىزنىڭ قىزىڭىز ياكى سىڭلىڭىز كۆز ئالدىڭىزدا، ئامما سىزنىڭ قېرىندىشىڭىزنىڭ قىزى ياكى سىڭلىسى رۇيلىدا، بىرمىدا، كۇنمىڭدا ياشاش ئۈچۈن كۈرەشتە يا زەھەر يۇتۇپ پۇل تاپماقتا ياكى قورسىقىدىكى بوۋاق بىلەن بىللە ئۆلمەكتە. بۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ كۆپ سانلىقى خىلمۇ-خىل يوللاردا قىرىلىپ تۈگىگەندە، سىزنىڭ قىممەتلىك "مىللەتنى ئويغىتىدىغان"ئەسەرلىرىڭىزنى كىم ئوقۇيدۇ؟ سىزنىڭ بالىلىرىڭىز ياكى نەۋرىلىرىڭىز سىزنىڭ نامىڭىزنى كىملەر بىلەن ياشنىتالايدۇ؟ 
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.