كۆڭۈل سىرلىرىم

يوللىغۇچى : wapa يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-22 18:17:00

مىنىڭ سىرلىرىم مەن بۇ يىل 21 ياشقا كىردىم . ۋاقىت شۇنچە تىز قەدەملىرى بىلەن مىنى بالىلىق باغلىرىدىن ئاللىبۇرۇن ئىلىپ چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ بالىلارچە تۇيغۇ، پاك قەلىب ماڭا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن...

    مىنىڭ سىرلىرىم
       مەن بۇ يىل 21 ياشقا كىردىم .  ۋاقىت شۇنچە تىز قەدەملىرى بىلەن مىنى بالىلىق باغلىرىدىن ئاللىبۇرۇن ئىلىپ چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ بالىلارچە تۇيغۇ، پاك قەلىب ماڭا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن. ئۆتكەن يىلى ئوقۇش پۈتتۇرۈپلا ئىمتاھانغا قاتنىشىپ خىزمەتكە تەقسىم قىلىندىم. ئىش ئورنۇممۇ ياخشى، بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى. ئىسىمنى بىلگىنىمدىن تارتىپ كىتاپقا ھىرىسمەن ئىدىم، ھازىرغا قەدەر ئۈگىنىشتىن باشقىنى ئويلىماي بىلىمگە بولغان ئىنتىلىشىم ھەسسىلەپ ئاشتى. ئۆزۈمىنىڭ قەدىر-قىممىتىمنى قانداق قەدىرلەشنى بىلەتتىم. دوستلىرىم ۋە باشقىلار مىنى «ھىسياتسىز مەخلۇق»دېيىشىپ قوياتتى. كۈلۈپلا قوياتتىم. نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بولسۇن، مۇشۇ يىشىمغا قەدەر بىرەرى بىلەن يۈرممىگىنىم سەۋەپلىك شۇنداق دىيشىدۇ. ھازىرغىچىمۇ كۆرۈشۈپ قالساق «سەندە تەرەقققىيات بارمۇ»دەپ سورىمايدىغىنى يوق.  ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ھايات، ئائىلە، ۋە باشقىلارغا بولغان كۆزقارشى بولىدۇ.  قەلبىمدە نۇرغۇن ئارزۇلاربار، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياخشى قىز، ئايال، ئانا، ئادەم، قەۋمىم ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن ئۆزۇمنى قاتتىق كونتىرول قىلىپ كەلدىم. بۇ يىل ئاسپىرانتىلىق ئىمتىھان بىرىپ مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى بارالمىدىم. مەن قانداقتۇر تۇرمۇشۇمغا ۋە قارشى تەرەپكە بايلىق چىراي، ئورۇن دىگەنلەرنى ئۆلچەم قىلمىدىم، پەقەت يۈكسەك غايە، تىرىشچانلىق، ئادىمىيلىك . . . مەن يىقىنغىچە خىيالىمدا ياشاپ كەلدىم.   
          توۋا، (نىمىشقكىن مەن "توۋا"نى بەك كۆپ دەپ قالىمەن). بىر قانچە كۈندىن بىرى ئېچىم سىقىلىپلا تۇرىدۇ. نېمىشقىكىن گويا ئۆزۇمنىڭ ئەڭ مۇھىم قىممەتلىك بىر نەرسىسىنى يوقىتىپ قويغاندەكلا ھىسياتتىمەن.  ئەنە،  يىراقتىكى بۇلبۇلنىڭ خەندانىنى ئاڭلايمەنۇ، ئۈن-تىنسىز ئۈگىنىش ئىچىگە چۆكىمەن. شۇڭىمىكىن، سىلەرگە ھەممىنى دەپ بۇ سەھىپەئۈچۈن يىڭى بىرئەسەريازاي دەپ ئويلىدىم.  مەن يازغان بىرقانچە نەسىربار ئىدى. شۇنىڭدىن مىنىڭ سىرلىرىمىنى ئوقۇپ ھايات ۋە ئائىلە، مۇھەببەت توغۇرلۇق بولغان قاراشلىرىمنىڭ ياخشىلىرى سىلەرگە تەسىر قىلسا ئەجەپ ئەمەس.     كىتىۋاتىمەن، سىنى بار دەپ ئۈمىد بىلەن كىتىۋاتىمەن، ھالسىزلانغان قەدەملىرىم تولىمۇ ئىغىر .
         كىچىلىرى يۇلتۇزلاردىن ئىسمىڭنى سوراپ، ئاي نۇرىدا سىمايىڭنى يۇغۇرۇپ، غايىۋى سۈرىتىڭنى سىزىپ ئۆتىۋاتىمەن. ئويغەنماس چۈشلىرىمدە سىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن. بىراق سەن شۇنچىلىك بىخىل . چۈشلىرىمدە بولسىمۇ سۈرىتىڭنى كۆرسىتىشنى خالىمايسەن.  سىنى ئەڭ ئىسىل سۈپەتلەر بىلەن ئويلايمەن، سەن مىنىڭ يىگىتىم، ھەمراھىم، ئۆمۈر بويى يۆلىنىدىغان يۆلەنچۈكۈم ئىدىڭ، ئەپسۇس كىملىكىڭنى بىلمەيمەن.  كۆزۈمدىن تالاي رەت ياش ئالدىڭ، مىنى ئۈمىتسىزلەندۈردۈڭ، چۈنكى سەن كۆرۈنمەيتىڭ . سىنى خىيالىي سىغىنىپ كۈتۈپ يۈردۈم. ئەڭ گۈزەل كۈلكەم، ئەڭ شىرىن سۆزلىرىم، ئەڭ پاك تۇيغۇلىرىم، چاڭ قونمىغان بىغۇبار قەلبىم، سۆيگۈم . . . بارچە-بارىمنى سەن ئۈچۈن ساقلىدىم، ئۈمىد بىلەن ئالغا مىڭىۋەردىم. مەن ئىشىنەتتىم، سىنىڭمۇ بىر يەردە مىنى ساقلاۋاتقانلىقىڭنى، ئۇچىرشالمايۋاتقانلىقىمىزنى بىلەتتىم. تىكىلگەن كۆزلەر، پۇچۇلانغان يۈرەكلەر ۋەسلىمگە تەشنا بولۇپ ئارمان قىلدى.
        بىراق مەن سىنىڭ ئىدىم«كۆزۆرگەن، قول تەگمىگەن گۈل ئىدىم».  سەن بىلەن ئۇچراشقىنىمدا، بارچە غەيرىتىمنى يىغىپ، ساڭا سۆيگۈمنى، كۆڭلۈمدىكىنى دەۋىتىشنى، يىللار ئىشقىڭدا ئۆرتەنگەن يۈرۈكۈمىنڭ، تولغانغان ۋۇجۇدۇمنىڭ ھېلىھەم كۈل بولمىغىنىنى بەخت ئىلكىدە ئىيتىشنى ئويلايتىم، ئەمما سەن خىيالىمدا، سىنى تاپالمايۋاتاتتىم، سەن كىم؟ ئۆزۈمگە زەررىچە غۇبار يۇقتۇرۇشنى خالىمايتىم . چۈنكى سەن ئاجايىپ ئىسىل يىگىت ئىدىڭ، سەنمۇ مەندەكلا مىنى كۈتكەن، ۋەسلىمگە تەشنا بولۇپ، ماڭا ئوخشاشلا روھ ئالىمىڭدىن . ئەتراپىڭدىن سۈرىتىمنى ئىزدەيسەن . مىنى ئەڭ بىغۇبار ئويلايسەن، ساڭا خىيانەت قىلىش قانداقمۇ قولۇمدىن كەلسۇن؟!
       سەنمۇ ئۇچىرىشىشنى، ۋىسال ئۇچقۇنلىرىنىڭ دىلخانىمىزنى يورۇتۇپ، يۈرەكلەرگە ئوت يىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتتىڭ، مەنمۇ شۇ جىنىم.  ئەجەپ – ھە! ھىجران دەقىقىلىرى ئۇزۇراپ، مىنى ھالسىزلاندۇراتتى. ئەتراپىمدىكى مۇدىھىش رىئاللىقتىن ئەندىكەتتىم، قورقاتتىم. سەن بىلەن تولىمۇ كىچىكىپ ئۇچىرشىپ قىلىشتىن، سەن ئۈچۈنلا ئىچىلماقچى بولغان غۇنچىنىڭ، باشقا بىرى تەرىپىدىن ئۈزۈلىشىدىن، بەرگىلىرىنىڭ ياش تۆكۈپ، بىۋاقىت سۇلىشىدىن، بارغانسىرى بەرق ئۇرۋاتقان غۇنچىغا كۆز تىگىشىدىن تەشۋىشلىنەتتتىم.  ئاھ، ئىللىق باغرىڭنى ئىستەيمەن، بىلەمسەن قانچىلىك توخۇ يۈرەكلىكىمنى . جىسمانىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقىم، ناجىنىس قوللارنىڭ رەزىللىكىدىن قورقۇپ، ھەر بىر قەدىمىم ئاجايىپ ئىھتىيات بىلەن ئىلناتتى. يىنىمدا بولساڭ ئىدىڭ، سەندىكى شىجائەت، غۇرۇر، جەسۇر قۇۋۋەتلىك جىسمىڭ مىنى ئۆز ھىمايىسىگە ئالاتتى. باشقىلار بىغىڭدا ئىچىلغان گۈلگە نىيتىنى بۇزالمايتى. . .
        ھارغان دەملەردە ئازاپ تۇمانلىرى كۆڭۈل بوستانىمغا سايە تاشلىغاندا سىنى تىخمۇ ئەسلەيمەن. ئېھ، ساڭا يۆلىنىپ ئولتۇرسام . تىزىڭغا بىشىمنى قويۇپ كۈچلۈك بارماقلىرىڭدا چاچلىرىمنى تاراشلىرىڭدىن ئالەمچە شاتلىققا چۆمۈلسەم، باغرىڭغا سىڭىپ كەتسەم، ھەر قەدەمدىكى ئۈمۈتسىزلىكتىن نۇرسىزلانغان كۆزلىرىم قارچۇقۇڭدىكى ئۇچقۇنلاردىن نۇر ئىلىپ باشقىچە چاقناپ كەتسە-ھە ! راستىنلا سىياقىڭنى ماڭا كۆرسىتىشنى خالىمامسەن؟ مەيلى قۇياش بولۇپ يىنىمغا كەلگىن، سەھەرلىرى ئۇنىڭ يىپەك نۇرلىرى دەرىزەمدىن كىرىپ يۈزلىرىمگە سىپىلگەندە، ئوتلۇق لەۋلىرىڭنى پىشانەمگە بىسىپ مىنى ئويغاتقىن، مەن ئويغانماي سىنىمۇ بىرگە ئۇخلىتىۋالاي، قولۇڭنى قويۇۋەتمەي.
        شامال بولۇپ يىنىمغا كەلگىن، يىلىنجاۋاتقان يۈرىكىمنىڭ تەپتىدىن ئاتەشكە ئايلانغان باغرىمنى ساڭا كەڭ ئاچاي، ساڭا ئەگىشىپ گۈزەل يايلاقلارغا باراي، مىنى ئويناتقىن، مەن تىخى قانغۇدەك كۈلۈپ، ئويناپ باقمىدىم . كەلگىن، مەيلى قايسى سىياق- ھالەتتە كەلگىن، كىملىكىڭنى ماڭا بىر بىلدۈرگىن، ۋىسال گۈللىرىدىن دەستە سۇنۇپ كۆڭۈل بېغىمنى خۇشناۋا بۇلبۇلغا مۇقەددەس ماكان ئەيلىگىن.  ئۇھ، بىردەم ئولتۇرۋالاي، سىنى ئىزدەپ ھاردىم . گەرچە بىز تونۇشمىساقمۇ يۈرەكلەر ئاللىبۇرۇن ئوخشاش تىلغا كىرگەن.
       مەن ئولتۇرغان ئاشۇ دوقمۇشقا كىلىپ، سەنمۇ ئولتۇرغىن، ئىللىقىنە سالاملىشايلى. چىرايلاردىن تارىغان نۇردىنيۈرىكىمىز  ئايان بولىدۇ. كۆزلىرىمىز ئۇچراشقىنىدا خىجىللىىقتىن ئوت ئالغان مەڭزىم، قارچۇقلىرىمغا سايە تاشلىغان كىرپىكلىرىم ھەممنى دەۋىتىدۇ. . .  مانا خىياللىرىم ئۈزۈلدى. چۈنكى سىنى تونۇمايتىم، سەن مىنىڭ خىيالىمدا ياشايتىڭ، سىنى ئىزلەپ مۇھەببەت سەپىرىگە ئاتلانغىنىمدىن بىرى ئاجايىپ بىر ئۈمىد قەلبىمنى نۇرانە قىلاتتى. مەن ئۈچۈن يۈرىكى چوغ بولغانلارغا شىرىن جاۋاپ بىرەلمەيتىم. ئىشىنەتتىم سىنىڭمۇ مىنى ئىزدەپ سەپەرگە ئاتلانغىنىڭغا، ئىككىمىزنىڭ ئۇچىرشىپ ۋىسال قۇياشىنىڭ سۆيگۈ ئالىمىمىزغا سىخى نۇرلىرىنى چاچىدىغىنىغا ئىشىنەتتىم.  بىراق ئۆتۈنۈپ قالاي، مىنى كۆرمەي ئۆتۈپكىتىپ قالمىغىن . چۈنكى مەن تولىمۇ خىلۋەتتە، تولىمۇ يالغۇزمەن . ياشلىقىمىنڭ  كۈز پەسلىدە ئەمەس، باھارىدا ئۇچرىغىن، ماڭا ئىيتقىن، مىنى بۇنچە بىتاقەت قىلمىغىن، سەن كىم،  قەيەردە؟؟
        2007-يىل 12-ئاپرىل، شەھرى ئۈرۈمچى

    مەن مانا مۇشۇنداق ئويلايتىم. ئۈرۈمچىدىكى ئىمتىھان ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلسەم، توي ئىشىم بىكىتىلىپ بپلايلا دەپتۇ، مەن ئۇ ياقنى كۆرۈپمۇ باقمىغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن قەتئىي قارشى تۇرۇپ ئاران توختىۋالدىم-دە، ئۆزۈم، كەلگۈسۈم ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاندىم، خىياللىرىمغى ئانچە-مۇنچە سايە تاشلاپ قويىدىغان بىرى تۇيۇقسىزلا قەلبىمدىكى بۇ ئورۇننى ئىگىلىۋالدى. ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، ئۇ قەلبىمدە بارغانسىرى يۈكسىلىپ بېرۋاتاتتى.  ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ماس كەلمەيدىغاندەك ھىس قىلاتتىم، توۋا، ئەتراپىمدىكى نۇرغۇنلىرى مەندىن تەپ تارتىپ، ئۆزىنى ماڭا‏«ماس كەلمەيمەن »دەپ ئويلايدىكەن .  مانا ئەمدى مەن بارغانسىرى ئاجىزبولۇپ قىلۋاتاتتىم. ئەڭ كۈلكىلىك يىرى بىر قانچەيلەن مىنىڭ ئىستىداتىم ۋە ئەخلاق –پەزىلىتىم، تەقى-تۇرقۇمغا ئۇنىڭ تولىمۇ ماس كىلىدىغانلىقىنى ئىيتىشتى. مەن ھىچنىمىنى بىلمەس قىياپەتكە كىرۋالدىم. چۈنكى مەندىكى قاراش بۇنى ئىتىراپ قىلغۇزمايتى. ئۇلارمۇ پەقەت شۇنداق ئويلىغان، ئۇنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى. باشقىلار تىلاۇن نومۇرىنى بەرسىمۇ تىلاۇن ئۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. ئارلىقتىن بىر ئايمۇ ئۆتمەيلا ئۇنىڭ توي خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئۆزۇمنى يوقىتىپ قويدۇم، لىكىن ھىچكىمگە چاندۇرمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بىر پارچە نامسىز خەت يازدىم. كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلمىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم.
        ئەسسالام . قەدىرلىك ئىكرام. ياخشى تۇرۋاتامسەن. نىمە دىيىشنىمۇ بىلمەيمەن، يۈرىكىم تومۇرۇمدىن، نىرۋا سەزگۈلىرىمدىن تۇتاشقان بىر پارچە ئوت، ياق، گۈلخان ئىچىدە قالغاندەك، كۆيۈپ ئېچىشتى. بارچە-بارىم ۋەيران- بولغاندەك، نەپەسلىرىم قايتا رەت ئىلىنمايدىغاندەك . . . ھىسلىرىم سەرسان ئىدى. لەۋلىرىمگە زورىغا يۈگۈرتكەن تەبەسسۇم. كۆزلىرىمدىكى مۇڭنى يوشۇرۇشقا قىلغان ھەركەتلىرىم ھەممىسى كار قىلمىدى.  ھىچكىمگە بىلدۈرۈشنى خالىمايتىم، ھىجران نەغمەمنىڭ تويۇڭدا جاھانغا بىر تولۇپ ياڭرىغىنىنى، تۇنجى، يوشۇرۇن مۇھەببىتمىنىڭ  قار-جۇدۇندا مەڭگۈلۈك مۇز ئاستىغا دەپنە قىلىنغىنىنى   ، ئەقىدە سۆيگۈمىنڭ ۋىسال دۇنياسىغا كۆز ئاچالماي تۇرۇپلا، كۆيۈپ كۈلگە سورولغىنىنى، ئازابلىنىشلىرىمنى بىلدۈرۈشنى  خالىمايتىم، گويا ئۆزۈمنىڭ كىملىكىنى، كۆڭلۈمنى ساڭا بىلدۈرۈشنى خالىمىغاندەك.  تۈنۈگۈندىن بىرى گېلىمدىن نە بىرەر يۇتۇم  سۇ،  بىرەر قوشۇق تائام ،  نە بىرەر ئېغىز  سۆزمۇ   ئۆتمىدى. گەپ قىلىشقا ئۇرۇندۇم،  ئەپسۇس گويا بىرسى سېھىرلەپ قويغاندەكلا .
        باشقىلارنىڭ  سوئالىغا  پەقەت  باش  ئىشارىتى  ئارقىلىقلا جاۋاپ  بەردىم،  كىشىلەردىن  قىچىپ، يالغۇزلۇقنى، جىمجىتلىقنى ئىزدىدىم.  "توي"خەۋىرىڭنى ئاڭلىدىم. يەنە 3 كۈندىن كىيىن قۇتلۇق مەرىكەڭنىڭ ناۋاسى ئاسمانپەلەك ياڭرايدۇ، بىراق مەن ھەسرەت دەرياسىنىڭ تەكتى-تەكتىگە چۆكۈپ كەتتىم.
        ئەمما، ئىشەن ئەڭ ئاۋال ساڭا چىن بەخت تىلىدىم. ئىلاھىم، ئەشۇ قىزبىر ئۆمۈر  ساڭا مەڭگۈ سادىق بولۇپ،  سەن ئىسىل يىگىت گەپ كەتمەيدۇ، شۇندىمۇ دەي، ئۇ ساڭا ياتلىق بولغىنىدىن مەڭگۈ بەخت ھىس قىلىپ ئۆتسۇن، ئەبەدىي ياخشى خىزمىتىڭدە بولسۇن.  مەن ھەرگىزمۇ"توۋا، ئۇنىڭ بىلەن ھەر نېمە بولسا توي قىلماپتىكەنمەن"دەپ قالماي، ھايات سەپىرىدە نەخىتلىك ئىزلارنى قالدۇرغايسىلەر. كۈلكە يۈگۈرگەن، بەخت جىلۋىلەنگن چىھرىڭنى كۆرۈشىنىڭ ئۆزىمۇ ئالەمچە ھوزۇر، بەخت.  تۇيغۇلىرىمدا شۇنداق بىر بوشلۇق، ئۇنىڭدا نە كۈلكە نى يىغا ، ئىشقىلىپ ھىچ نەرسىگە ئوخشىمايدىغان غەلىتە سىزىملار لەيلەپ يۈرۈيدۇ. ئۇنىڭدا بىر غۇنچە سۇلىۋاتىدۇ، ئۇ ساڭا بولغان پاك مۇھەببىتىمىنڭ  قەلىب ئىتىزىمغا تىرىلىپ، بىخلىنىپ، ئىچىلىش ئالدىدا تۇرغان، ساڭا سۇنۇلماقچى، سەن ئۈچۈنلا ئېچىلماقچى بولغان غۇنچە ئىدى . بىراق، ھىجران قاتتىق نەرە تارتقاندا بۇ لالە گۈلزار شىۋىرغاندا قالدى، بەرداشلىق بىرەلمىگەن كۆكمۇ ئەلەملىك ياش تۆكتى، مىنىڭ كۆزلىرىم ياش تۆكمىگىنى بىلەن، يۈرىكىم تامچىلاپ ئاپئاق بەتلەرگە سىرلىرىنى تۆكىۋاتىدۇ.  بىلمەيسەن، مەندەك بىرسىنىڭ سەن بىلەن يەتتى يىلنى گۈزەل ئارمانلىرىنى بىزەپ، خىياللىرىنى بىزەپ، ئۆتكىنىنى، ئۇنىڭ سەندىن ئۆزگىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغىنىنى بىلمەيسەن، ۋە بەلكىم مىنىمۇ تونۇمايسەن.
       تۇنجى قىتىم  سىنى كۆرگىنىمدە سەن ئەمدىلا ئالىي مەكتەپكە بىرىپتىكەنسەن، مەن ئەمدىلا تولۇقسىز 3-يىللىققا چىققان ئىدىم. ماڭا بەرگەن تەسىرىڭ بەكمۇ ياخشى ئىدى. ئارىدىن بەش يىل ئۆتتى، سەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋاقتىڭ ئىدى. بىز مەكتىپىڭنىڭ  دەرۋازىسى ئالدىدا يەنە بىر قىتىم ئۇچىرشىپ قالدۇق، بىراق سەن يەنىلا دىققەت قىلمىدىڭ، ئۇ كۈنى تولىمۇ قاتتىق يامغۇر يىغىپ كەتتى. بىلەمسەن ئەشۇ قىتىمقى يامغۇرنى كەلگۈسى ئېچىلىدىغان سۆيگۈ گۈلۈمنىڭ ئابى ھايات زەمزىمى دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەپسۇس، ئۇنىڭ ھامان يىزىلىدىغان ھىجران ناخشىسىنىڭ تەبىئىي سىمفونىيەسى، تاراملاپ تۆكۈلىدىغان ياشلىرىم ئىكەنلىكىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانكەنمەن.  قايناۋاتقان قانلىرىم ھىچ ئىزىغا چۈشۈپ نورمال ئاقاي دىمەيتى. شۇنچە يىل سىنى سۆيۈپ، ساڭا كۆيۈپ ئۆزۈمنى بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىغان ئىدىم.
        بىز ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 7يىلدا 7قىتىم كۆرۈشتۇق، ھەر قىتىم مەن سىنى كۆردۈم، سەن مىنى كۆرمىدىڭ ئىھتىمال. دىمەك مەن چۈشۈمدە ياشىغان ئىكەنمەن . ئەقىدەمگە لايىق نىسىۋىگە ئىرشىمەن دەپ ئويلايتىم. . . . خەير، ئالدىمدا يوللار ئۇزۇن.  گەرچە سۆيگۈ بارىلىق ئىنسانلارغا ئورتاق نائىل قىلىنغان شىرىن مىۋە بولسىمۇ، مەن قىزلارنىڭ ئىزھارىنى توغرا تاپالمىدىم، ساڭا دېيەلمىدىم. بولدى لەختە بولغان يۈرىكىمنى كۆرمىگىن. مەن ئۈچۈن بەخت تىلىگىن. تويۇڭغا بەكمۇ سوۋغا بەرگۈم بار ئىدى. بۇنىمۇ بىرەلمىدىم، ئەڭ گۈزەل تىلەكلىرىم سەن بىلەن بىرگە.       
                  ساڭا بەخت تىلەپ :مەن 2007-يىل 18-ئىيۇن.    شەھرى قەشقەر
       يازدىم-يۇ، يەنە يىرتىۋىتىپ ئۈەىنىشكە كىرىشىپ كەتتىم. جىددى ئاسپىرانتىلىق ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىشقا تۇتۇش قىلدىم. كىينكى كۈنى مەن ئۇنىڭ تويى ئەمەس، باشقا بىرىنىڭ تويى ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمدە خۇشاللىقتىن بىشىم كۆككە يەتكەندەك بولدى. بىر قانچەيلەن ئۇنىڭ تولىمۇ ئىغىر-بىسىق ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ كۆڭلۈمدىكىنى ئىيتىشنى قايتا-قايتا دىدى. بىراق مەن يەنە جۈرئەت قىلالمىدىم. ئۇلار مىنى كىتاپ خالتىسى دەپ ئويلىدى . . . . ئەپسۇس مىنىڭ ئۇنى باشقىلارغا بىلدۈرگىدەك جۈرئىتىم يوق .  مانا بۇ مىنىڭ ھازىرقى سىرلىرىم.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 17:55:32]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كۆڭۈل سىرلىرىم