-
ماتېماتىك گائوس - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-06-27
گائۇس
Carl Friedrich Gaus 高斯
گائۇس 1777-يىلىدىن 1855-يىلىغىچە ياشىغان گېرمانىيە ماتېماتىكى، فىزىكى، ئاسترونومى. گائۇس خېلى بۇرۇنلا سانلار نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ نەتىجىسى «ئارىفمېتىكا» دىگەن كىتابقا كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ھىپېرگىئومېترىك قاتارلار، كومپلېكس ئۆزگەرگۈچىلىك فۇنكسىيىلەر نەزەرىيىسى، ستاتىستىكىلىق ماتېماتىكا، ئېللىپىسلىق فۇنكسىيىلەر نەزەرىيىسى جەھەتلەردە تۆھپىلىرى بار. گائۇسنىڭ «سىرتلار ئۈستىدىكى ئومۇمىي تەتقىقات» دىگەن ئەسىرى يېقىنقى زامان دىففېرېنسىئال گېئومېترىيىسىنىڭ باشلىنىشى بولغان. گائۇس غەيرى ئېۋكلىد گېئومېترىيىسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتىنى ھايات ۋاقتىدا ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن پاكىتلار ئۇنىڭ ئىجاتچىلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. گائۇس ئەڭ كىچىك كۋادراتلار ئۇسۇلىنى بەرپا قىلغان ھەمدە پوتېنسىئال نەزەرىيىسىنى لاپلاسنىڭ تەپەككۇر ئۇسلۇبى بويىچە داۋاملىق راۋاجلاندۇرغان. ئۇنىڭ فىزىكا، ئاسترونومىيە، گېئودىزىيە قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ناھايىتى زور تۆھپىلىرى بار. ئۇ مۇۋازىنەت ھالەتتىكى سۇيۇق جىسىملار نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن. يەر ماگنىتىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى تەتقىق قىلغان. گېرمانىيىلىك فىزىك ۋېبىر (Wilhelm Eduart Weber 1804 ـــــ 1891-يىللار) بىلەن بىرلىكتە ئېلىكتىر ماگنىتىزمنىڭ گائۇس بىرلىكىنى تۇرغۇزغان. گائۇس ئۆزىنىڭ پلانېتلار ئوربىتىسىنى ھىسابلاش ئۇسۇلى ۋە ئەڭ كىچىك كۋادراتلار ئۇسۇلى بويىچە، ئىتالىيە ئاسترونومى پىئاز (1746 ــــ 1826) بايقىغان سېرپرا يۇلتۇزىنىڭ ئوربىتىسىنى ھىسابلىغان. كېيىنكى مەزگىللەردە «ئاسمان جىسىملىرىنىڭ قۇياشنى كونۇس كەسمىلىرى بويىچە ئايلىنىش ھەركىتى نەزەرىيىسى» دىگەن كىتابنى يازغان. بۇلاردىن باشقا گائۇسنىڭ يەنە ۋېكتورلار ئانالىزى توغرىسىدىكى گائۇس تېئورېمىسى، ئالگېبرالىق ئاساسلىق تېئورېمىلارنىڭ ئىسپاتى، مۇنتىزىم ئون يەتتە تەرەپلىكنى ياساش، نورمال تەقسىماتنىڭ مۇنتىزىم ئەگرى سىزىقى توغرىسىدا، تۈپ سانلار تېئورېمىسىدىكى ھىسابلاش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى بار.
-
ﺟﺎﻫﺎﻥ ماتىماتىكا تارىخىدىكى گېگانت-ئەيلېر - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2009-04-27
ئەيلېر 1707- يىلى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى شېۋىتسارىينىڭ باسېل شەھرىدە تۇغۇلغۇپ، 1783-يىلى 9 ئاينىڭ18- كۇنى روسىينىڭ پېتىر بۇرىگ (ھازىرقى لېنىن گىرات ) شەھىرىدە ۋاپات بولغان . ئەيلېر ، دۇنيا تارىخىدىكى ئارخىمىد ، نىيوتون ، گاۇس لار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ئەڭ مەشھۇر ماتېماتېكلارنىڭ بىرى . ئۇنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە كەڭ بىلىمى ، پۈتمەس _تۈگۇمەس ئىجادىي كۈچى ، مول مەزمۇنغا ئىگە ئەسەرلىرى كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۇرىدۇ .
ئەيلېر 19 يېشىدىن 76 يېشىغىچە بولغان 50 نەچچە يىل جەريانىدا ، ناھايىتى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان .ھازىر ماتېماتېكىىنىڭ ئەيلېرنىڭ نامى ئاتالمايدىغان تارمىقىنى يوق دېسكمۇ بۇلىدۇ. ماتېماتېكىنىڭ ئېلمېنتار گېومېتىريىدىكى ئەيلېر سىزىقلىرى ، كوپ ياقلىقلار ھەققىدىكى ئەيلېرتىورمىسى ، ئانالىتىك گىومېتىريىدىكى ئەيلېر ئالماشتۇرۇش فورمىلىسى،تۆتىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يېشىشنىڭ ئەيلېر ئۇسۇلىدىن تارتىپ تاكى سانلار نەزەرىيىسىدىكى ئەيلېر فۇنكىسىيسى ،دېففىرىنسىال تەڭلىمىدىكى ئەيلېر تەڭلىمىسى ،قاتارلار نەزەرىيىسىدىكى ئەيلېر تۇراقلىق سانى،ۋارىاتسىيە نەزەرىيىسىدىكى ئەيلېر تەڭلىمىسى،كومپىلىكىس ئارگىمىنۇتلۇق فۇنكىسىيىلەر نەزەرىيىسىدىكى ئەيلېر فورمۇلىسى قاتارلىق ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئەيلېر نامى بىلەن ئاتالغان نەتىجىلەر زامانىمىزغىچە ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى جارىي قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. -
مۇشۇ كۈنلەردە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «كۆڭۈلدىكى سۆز» پروگراممىسىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ياش ماتېماتىكا ئالىمى ئابدۇرېشىت ئابدۇۋېلى بىلەن بولغان سۆھبەت بېرىلدى. بۇ پروگرامما 2-ئاينىڭ 14-كۈنى سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، پروگرامما سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، كۆپ ئۆتمەي، سۈرەتكە ئېلىش سورۇنىغا قاتناشقان بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى يۈرەك سۆزلىرىنى خەت ئارقىلىق رىياسەتچىگە يوللىغان، بۇ خەت مەلۇم يوللار بىلەن قولىمىزغا چۈشكەن ئىدى، بۇ يەردە شۇ خەتنى ئەينەن بەردۇق:
-
ماتېماتىك ئۆمەر ھەييام - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2009-02-14
(ئۆمەر ھەييام( 1040- 1123
نىشاپۇردا تۇغۇلۇپ ، خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان مۇتەپەككۇر ، ماتېماتىك, شائىر ۋە ئاسترونوم ئىدى . ئۇ سالجۇق تۈرك شاھلىرىدىن مالىك شاھ ھۇزۇرىدا ، ۋەزىر نىزامىمۇلىك ھامىيلىقىدا « مالىك شاھ ئاسترونومىيىلىك جەدۋىلى » نى ئىشلەپ ، سالجۇقىيلار كالېندارىنى تۈزگەن . ئۇ «ھېساب مەسىلىلىرىنىڭ يېشىلىشى ۋە ئىسپاتى » « ئارفىمېتىكىدىكى قىيىن مەسىلىلەر » قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ۋە كۆپلىگەن ئۆتكۈر پىكىرلىك رۇبائىيلارنى يېزىپ ، خەلق قەلبىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان