-
سانلارنىڭ «قاراڭغۇ ئۆڭكۈر» گە چۈشۈپ كېتىشى - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2010-10-22
مۇنداق بىر قىزىقارلىق سان ئويۇنىنى كۆرەيلى :
سىز بىر ئۈچ خانىلىق ساننى يېزىڭ ، ئاندىن رەقەملىرىنىڭ چوڭدىن-كىچىككە بولغان تەرتىپى بويىچە بۇ ئۈچ خانىلىق ساننى قايتىدىن تىزسىڭىز ، بىر يېڭى سانغا ئېرىشىسىز . ئاندىن بۇ ئېرىشكەن ساننىڭ رەقەملەر تەرتىپىنى كىچىكىدىن-چوڭىغا ئالماشتۇرسىڭىز ، يەنە بىر يېڭى سانغا ئېرىشىسىز . بۇ ئىككى يېڭى ساننىڭ ئايرىمىسىنى يېڭى بىر ئۈچ خانىلىق سان قىلىپ ، يۇقىرىدىكى باسقۇچلارنى يەنە تەكرارلايسىز . توختىماستىن ئۈزلۈكسىز تەكرارلاۋەرسىڭىز قانداق نەتىجىگە ئىگە بولىسىز ؟
مەسلەن ، 323 نى مىسالغا ئالساق ، بىرىنچى يېڭى سان 332، ئىككىنچى يېڭى سان 233،ئۇلارنىڭ ئايرىمىسى 099 ( دىققەت قىلىڭكى 0 بىلەن باشلانغان ساننىمۇ بىر ئۈچ خانىلىق سان دەپ قارايمىز) بولىدۇ ؛ ئاندىن كېيىن
بۇ خىلدىكى ئوخشاش بىر مەشغۇلاتنى ئۈزلۈكسىز تەكرارلاش جەريانى كومپىيۇتېردا
دەپ ئاتىلىدۇ . قىزىقارلىقى شۇكى ، بىر نەچچە قېتىملىق ئېتراتسىيىدىن كېيىن ، ئۈچ خانىلىق سان 495 دىن ئىبارەت مۇشۇ ساندا توختاپ قالىدۇ .«ئېتراتسىيە» (迭代,Iteration)
ئۇنداق بولسا ، تۆت خانىلىق ساندىمۇ بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلەمدۇ ؟ بۇنىڭ نەتىجىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى ، ئەڭ ئاخىردا 6174 دىن ئىبارەت بۇ ساندا توختاپ قالىدۇ . بۇنى ساننىڭ« قارا ئۆڭكۈرى» گە ئوخشىتىشقا بولىدۇ . خالىغان رەقەملىرى پۈتۈنلەي بىردەك بولمىغان تۆت خانىلىق ساندا ، يۇقىرىقىدەك قايتا تىزىش» ۋە «ئايرىما تېپىش ئەمەللىرىدىن كېيىن ، بۇ سان قارا ئۆڭكۈر - 6174 «»كە چۈشۈپ كېتىپ قايتا چىقالمايدۇ .
بەزى ۋاقىتلاردا قارا ئۆڭكۈر پەقەت بىرلا سان بولماستىن ، بەلكى بىر نەچچە سان بولىدۇ ، ئۇ خۇددى ئايلانما پەنەردەك چۆگىلەيدۇ . مەسلەن ، بەش خانىلىق سانغا نىسبەتەن ، ئىككى چەمبىرەك بولىدىغانلىقى بايقالغان ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم بىلەن
بولىدۇ . قىزىققۇچى دوستلار بۇنى ئۆزى ئىسپاتلاپ كۆرسە بولىدۇ .
http://kasim.m54.huyi2.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=271&extra=page%3D2
收藏到:Del.icio.us