-
ماتېماتىكىلىق تۆت ئەمەلنى كىم ئىجات قىلغان ؟ - [ماتېماتىكا تارىخى]
2009-02-23
«+» «-» بەلگىلەر ئەسلى ئوتتۇرا ئەسىردە بارلىققا كەلگەن . 1489 - يىلى ماتېماتىك يوھان ۋىدمان ئۆزىنىڭ < ئاددىي ھېسابلاش ۋە تىز ھېسابلاش > دېگەن كىتابىدا رەسمىي ماتېماتىكىلىق بەلگە سۇپىتىدە ئىشلەتكەن. لىكىن 1630-يىلى ماتېماتىك ۋىتا بۇ بەلگىلەرگە تەبىر بەرگەندىن كىيىن ئاندىن ئومۇملاشقان . بۇ بەلگىلەر ئومۇملىشىشتىن ئىلگىرى لاتىنچە(plus , minus ) قوشۇش ۋە ئىلىش دېگەن سۆزنىڭ بىرىنچى ھەرىپى ئىشلىتىلگەن . مەسىلەن :
5-3 ۋە 5+3 لەر 5m3, 5p3 قىلىپ يىزىلغان .17-ئەسىردە كىشىلەر M , D لار ئارقىلىق بۆلۇش ۋە كۆپەيتىشنى ئىپادىلىگەن. 1631-يىلى ماتېماتىك ۋىليام ئوۋترېد ( Oughtred) كۆپەيتىشنىڭ تەكرار قوشۇش تىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قوشۇش بەلگىسىنى 45 گىرادۇس يانتۇ قىلىپ ، بەلگە "x" نى قوللانغان . لىكىن ماتېماتىك لېبنىز بۇ بەلگىنىڭ لاتىنچە x ھەرىپى بىلەن ئوخشاشلىقى ، يازمىلاردا ئاسان ئارىلىشىپ كىتىش خەۋىپىنى بانا قىلىپ قوللىنىشنى رەت قىلىش باياناتى ئىلان قىلغان . ھەمدە < . > نى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغان . شۇندىن كىيىن بۇ ئىككى بەلگە ھازىرغىچە تەڭ ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە .
بۆلۇش بەلگىسىگە كەلسەك : بۇ بەلگىنى ئوۋترېد 1631-يىلى بەلگە < : > ئارقىلىق بۆلۇشنى ئىپادىلەشنى تەشەببۇس قىلغان . "÷" بەلگىسىنى ئەمەلىيەتتە شىۋېتسىيىلىك ماتېماتىك Horner ئەرەپ ماتېماتىكلىرىنىڭ شۇ چاغدا ئىشلىتىۋاتقان بۆلۇش بەلگىسى / نى ئىسلاھ قىلىپ : نى بىر < _ > ئارقىلىق ئوتتۇردىن بۆلۇپ ئىجات قىلغان . بۇ 1659- يىلدىكى ئىش ئىدى.
_____________________________
سۇن شىڭيۇن تۇزگەن < ماتېماتىكىلىق بەلگىلەرنىڭ تارىخى > دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى历史上的今天:
1870-يىلدىكى يەكەن سۇرەتلىرى 2009-02-23تېپىشماق : بىر يۇەن نەگە كەتتى؟ 2009-02-23ئۇيغۇرلاردا قۇمۇلاق ھېساباتى 2009-02-23
收藏到:Del.icio.us
评论
مەن ماتېماتىكا دۇنياسىدىن بولىمەن . سىزنىڭ بلوگىڭىزدا ماتېماتىكا ھەققىدە مول ئۇقۇملار باركەن . شۇڭا مۇشۇ مەزمۇنلارنى ماتېماتىكا دۇنياسىا مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ئېلان قىلغىلى بولارمۇ دېگەن ئۈمۈدتە سۆز قالدۇرۇم . ئەلۋەتتە سىز خالىسىڭىز ماتېماتىكا دۇنياسىغۇ يوللاپ قويسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى . بىز ماتېماتىكا كەسىپىدىكىلەرنىڭمۇ بىر ئورتاق مۇنازىرە سورۇنى بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىپ بۇ ماتېماتىكا دۇنياسىنى ئېلان قىلىشنى پىلانلاۋاتقان .
ئاۋۋال تور دۇنياسىدا چېچىلىپ ياتقان ماتېماتىكا ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى توپلاپ بولغاندىن كىيىن ئاشكارا ئېلان قىلايلىمىكىن دەيمىز .
بولسا مۇشۇ ھەقتە پىكىر-تەكلىپ بەرگەن بولسىڭىز
ماتېماتىكا دۇنياسىنى قۇرۇپ ياخشى قىلىپسىز، ماتېماتىكا بلوگىمۇ يېڭى قۇرۇلدى، بىرلىكتە ھەمكارلىشامىز.
بلوگدىكى تېمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا كۆچۇرۇپ چاپلىسىڭىز بولىدۇ . ۋاقتىم چىقسا مۇھىم يېڭى تىمىلارنى مەنمۇ يوللاپ تۇرىمەن.
سىزنىڭ مۇنبىرىڭىزنى مەنمۇ ئۇلىنىش قىلىۋالدىم، پات-پات كىرىپ تۇرىمەن.
خەير، سالامەت بولۇڭ .